بىزدە يەتكۈدەك ۋاقىت بار، شارائىت بار. ئۇنداقتا نېمە يوق؟ بىز بىر نەرسىلەرگە، يېڭىلىقلارغا قىزىقىمىز. ئۇلارنى ئۆگەنگۈمىز كېلىدۇ. ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى، تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ياشاشنىڭ لەززىتىنى بىلىۋالغۇمىز كېلىدۇ. بىراق ئازراقلا قىيىنچىلىق، توسالغۇ سەۋەبلىك بىزدىكى شۇ خىل قىزىقىش چاقماق تېزلىكىدە زېرىكىشكە ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئالمىشىدۇ ... بىزدە تەسەۋۋۇر ۋە يۈكسەك فانتازىيە بار. گۈزەل غايىلەر بار: بىز »ئۇچار گىلەم»گە ئولتۇرۇپ بىپايان بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى، «ياغاچ ئات»قا مىنىپ تاغ - دەريالارنى كېزىشنى، «ئېچىل داستىخان» يېنىدا ئولتۇرۇپ مول نازۇنېمەتلەر بىلەن غىزالىنىشنى، «ساڭقاڭ ئېشەك»تىن ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ساڭقىتىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، «ئالتۇن كەش»لىرىمىزنى كىيىشىپ توي - تۆكۈنلەرگە بېرىشنى، «ئۇر توقماق» ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنى يوقىتىشنى خىيال قىلىمىز. بىراق بىزنىڭ بۇ خىياللىرىمىز خام خىيال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى خام خىياللار - بىزدىكى يۈكسەك تىرىشچانلىق ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ كرىزىس پېتى تىندۇرما ھالەتتە داۋاملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ناۋادا بىزدىكى قىزىقىش، تىرىشچانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغان بولسا،«ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات»لىرىمىز قانات چىقارغان، «ئېچىل داستىخان»لىرىمىز ئېچىلىپ، «ساڭقاڭ ئېشەك»لىرىمىز ساڭقىغان، «ئۇر توقماق»لىرىمىز ئۆز كۈچلىرىنى نامايان قىلغان بولماسمىدى؟ شۇنداق، بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز قىزىقىش تۇيغۇسى بىلەن بىزارلىق تۇيغۇسى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ يولدا تەمتىلەپ قالغان، ئەڭ گۈزەل بىر روھ بۇ مۇرەككەپلىكتە يېتىمسىرەپ قالغان. بۇ خىل ھالەت روھىيىتىمىزدىكى بىچارىلىك بوھرانىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزلەرگىچە داۋاملاشقان گۈزەل تەسەۋۋۇر - سەمىمىي غايىلەر يەنىلا «غايە» ھالىتىنى بۇزماي تۇرۇۋاتىدۇ. ئەجىبا، بىزمۇ بۇ غايىلەرنى «غايە» ھالىتىدە ساقلاپ قويارمىزمۇ؟ كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق ۋە مۇرەككەپ. سەن تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىساڭ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، بۇنىسى ھەقىقەت. بىزدە تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىغۇدەك، قارىيالىغۇدەك جۈرئەت بارمۇ؟ مەن بۇ يەردە تۇرمۇشىمىزدىكى قىزىقىش ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىغا دائىر بىرقانچە دىئالوگنى ھەممەيلەننىڭ تەڭ نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىنى لايىق تاپتىم: - گىتار چېلىشنى ئۆگىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۆتكەندە بەكلا قىزىقىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتقانىدىڭىز. - نەدىكىنى. ئۇ بەكلا تەس نەرسىكەن، باشقا ساز ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن. خۇلاسە: ۋاقتى، شارائىتى تولۇق بىر ساز ھەۋەسكارىنىڭ روھىيىتىدىكى ئوتتەك قىزىقىش ساز چېلىشنىڭ «بىر ئاز تەسلىكى» سەۋەبلىك بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئالماشقان. مېنىڭچە ئۇنىڭدا قىزىقىش بار، پەقەت ئۆگىنىش روھى ۋە كۆڭۈل قويۇش كەم.
* * - ئېنگلىز تىلى نەتىجىڭىز چىقتىمۇ؟ - مەن ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشمىغان، ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا چېكىنىپ چىققانىدىم. - نېمىشقا ئەمدى؟ - ۋاي بەكلا تەس تىلكەن ئۇ، باشقا تىل ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن. - خۇلاسە: بۇنىڭدىنمۇ ئوخشاشلا ۋاقتى، شارائىتى ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى تولۇق بىر تىل ھەۋەسكارىنىڭ ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرەلەيمىز. مېنىڭچە ئۇ، بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن ھېچقانداق تىل ئۆگىنەلمەيدۇ. * * - پوۋېستىڭىزنى پۈتتۈرۈپ بولدىڭىزمۇ؟ - ۋاقىت يوق، قارىسام ياخشى چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ. باشقا نەرسە يازايمىكىن دەيمەن. خۇلاسە: بۇنىڭدىن بىر يازغۇچى ياكى ھەۋەسكارنىڭ يېزىقچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. * * تەس، ئەلۋەتتە تەس نەدە ئۇنداق ئاسان ئىشلار بار؟ بىزدە ئەلۋەتتە يېتىپ ئاشقۇدەك ۋاقىت، شارائىت بار. بىراق بىزدە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان نەرسە روھ، تىنىمسىز ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە تىرىشچانلىق. بىزدە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەم. بىزدە يەنە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش روھى كەم. مانا بۇ كەمتۈكلۈكلەر بىزدىكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. «ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ» - «قىرلىق ئىستاكان» ناملىق كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە فىلىمىدە تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ بىر ئاددىي جۈملە بىزدىكى رىقابەت تۈسىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. راست، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك: «ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزۈلمىگەن جەمئىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ». بىز بىر - بىرىمىز بىلەن نەدىكى بىر ناچار ئىشلاردا رىقابەتلىشەلەيمىز - يۇ، نېمىشقا ياخشىلىق، ئۈنۈم ۋە ئىلغار نەتىجىدە ئۈستۈنلۈك تالىشالمايمىز؟ بىز بىر - بىرىمىزنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنى، غەلىبىسىنى نېمىشقا كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ مۇبارەكلىشەلمەيمىز؟ بۇ خىل تراگېدىيىلىك ھالەت جەمئىيىتىمىزگە ۋە روھىيىتىمىزگە خېلى دەرىجىدە يوشۇرۇنغان. قىزىقىش دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە، قىزىقىش - تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيئىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا بەرگەن ئاكتىپ تەسىرى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىش جەريانىدۇر. ئىنسان ۋۇجۇدى تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيئىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە ماھىيىتىگە مەھلىيا بولۇپ كەتكەندە ئادەمدە شۇ شەيئىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بىزارلىق پەيدا بولىدۇ. بىزارلىق - ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ مەلۇم توسالغۇ ياكى قىيىنچىلىق سەۋەبلىك قىزىقىشنىڭ ئورنىنى زېرىكىشنىڭ ئېلىش جەريانىدۇر. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دەيدۇ ئەجدادلىرىمىز. ئەجدادلىرىمىز چەندان يىللار ئىلگىرى بۇ خىل قانۇنىيەتنى ھېس قىلغان، تونۇپ يەتكەن ۋە بىلگەن. بىز بىر نەرسىلەرگە تەبىر بېرىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىمىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا باغلاپ، ئۆزىمىزگە تەتبىقلىيالمايمىز. مەيلى بەزى ياشلىرىمىزدا ياكى باشقا كىشىلىرىمىزدە بولسۇن، ئۆزىگە ئىشىنىش روھى سۇس ياكى يوق دېيەرلىك. بىز مەلۇم بىر ئىشنى قىلماقچى بولىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئۆزىمىزگە ئىشىنەلمەيمىز، مەغلۇبىيەتتىن قورقىمىز. بىزدە تەۋەككۈل قىلىش روھى ناھايىتى كەمچىل. قىزىقىمىز، باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز. ئاددىي مىسال ئالسام، ئۆتكەندە يېزىمىزدا بىر قېتىملىق فارس تىلى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىلغانىدى. باشتا ياشلاردىن 40 قا يېقىن ئادەم بۇ كۇرسقا ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانىدى، بىراق 15 كۈن دەرس ئۆتۈلە - ئۆتۈلمەيلا، 40 نەپەر كۇرسانتنىڭ سانى بىراقلا بەشكە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل »ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇش» ھالىتى مەلۇم جەھەتتىن يۇقىرىقى قارىشىمىزغا دەلىل بولالايدۇ. خوش، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاجايىپ ئىختىرالار بىلەن بېزەلگەن 21 - ئەسىرگە مەغرۇرلارچە كىرىپ كەلدى. بىز بۇ ئەسىردە ئەل قاتارى ياشىيالامدۇق - يوق؟ بىزدە بۇ ئەسىرگە خاس يېڭىچە ئاڭ بارمۇ؟ بىز بۇ ئەسىردە نېمىگە موھتاج؟ بىز قانداق قىلغاندا ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋە ئىلغار تېخنىكىلارغا ۋەكىللىك قىلالايمىز؟ قانداق قىلىپ ۋۇجۇدىمىزدىكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى ئەسىر روھىغا ماسلاشتۇرالايمىز؟ مەن ئويلايمەن، بىز ئېڭىمىزدىكى ئۆزىمىزنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت روھىي كىشەننى تەلتۆكۈس پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىلغار رىقابەت ئېڭى ۋە يۈكسەك تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى راۋۇرۇس تىكلىيەلىسەكلا، بۇ خىل قىيىن ھالەتتىن چوقۇم قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز .
(ئاپتور: ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللىي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە) ژۇرنىلىمىز 2004.4- سانىدىن
|