www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى
ئاپتور:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران    چېكىلىش سانى:2598    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .

ئاغىنىدارچىلىق  - تىرىكچىلىك چوققىسىغا ئۆرلەشتىكى شوتا، ئارمان مەنزىللىرىدىكى ئەڭگۈشتەر. گەپ ئۇنى قايسى تەرىقىدە راۋاجلاندۇرۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشتا.
........................................
بىز ئادەتتە: «بۇ ئاداشنىڭ ئاغىنىدارچىلىقى يوق ئىكەن»، «بۇ ئاداش ئاغىنىدارچىلىققا يارىمايدىكەن» دېگەندەك گەپلەرنى دائىم دەپ تۇرىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما دەل ئاشۇنداق دەۋاتقان ۋە شۇنداق گەپنى ئاڭلاۋاتقان چېغىمىزدا، تازا ئوبدان ئويلاپ باقىدىغان بولساق، «ئاغىنىدارچىلىق دېگەن نېمە؟ ئاغىنىدارچىلىق زادى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يەنىلا ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا بايقىۋالالايمىز. «ئاغا + ئىنى»دىن ئىبارەت ئىككى ئاتالغۇ (ئىسىم)غا «دارچىلىق» قوشۇمچىسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىدىنلا مەلۇمكى، ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈش، ئاداش بولۇشتەك دوستانە مۇناسىۋەت مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
ئۆزئارا پات - پات سىردىشىش، بىر - بىرىگە دائىم يار - يۆلەك بولۇش، قەرەللىك ھالدا ئىزدىشىپ ھال - مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش  - ئىنسانچىلىقتا زۆرۈر بولغان مۇناسىۋەتلەر زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئەقەللىي ئىپادىلىرىدۇر. شۇنداقلا بۇ خىل مۇناسىۋەت مەيلى خىزمەت ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، روھىي ھالەت ۋە مىجەزنى تەڭشەپ تۇرۇشتا، يوشۇرۇن ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە كەم بولسا بولمايدىغان پسىخىك مۇۋازىنەت ئامىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزئارا دوست بولۇشىدۇ. ھەتتا قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن بولۇپ ئۆتۈشكە ۋەدىلىشىدۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ.
خوش، ئاغىنىدارچىلىققۇ شۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا ئاغىنىدارچىلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر: «كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۆزئارا سەمىمىي ساداقەت، تەمەسىز ياردەم، غەرەزسىز باراۋەرلىك» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن. بۇ جاۋابلارنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغىنىدارچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

1. مەنپەئەت
ئادەم ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تىرىكچىلىك يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنداق ئاغىنىدارچىلىققا ھېچقانداق غەيرىي نىيەت ئارىلاشمىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇ مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغان بولغاچقا ھەم پاك، ھەم ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى بىر قىسىم ئاغىنىدارچىلىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كىمنىڭ قولىدىن مەنپەئەت جىقراق كېلىش ئېھتىمالى بولسا شۇنىڭ ئاغىنىسى كۆپ بولىدىغان، كىم جىقراق مەنپەئەت بېرەلىسە شۇنى ئاغىنە ھېسابلايدىغان ئەھۋال ئۇچراپ تۇرماقتا.
پېنسىيىگە چىققان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «قولىدىن ئىش كېلىدىغان» ئىدارىدىكى چېغىدا، ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مېھمان بولۇش نۆۋىتى ئۈزۈلمەپتىكەن. ئۇنى يوقلاپ ئۆيىگە كېلىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدىن كىم، قاچان، نېمە سەۋەبتىن كەلدى دېگەندەكلەرنىمۇ يادىدا ئېنىق تۇتالمايدىكەن. ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ - ئۇقتۇرماي بالىلىرىنى ئوينىتىشقىچە بولغان «ئاغىنىدارچىلىق مېھرى»نىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقماپتىكەن. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ھېلىقى ئاغىنىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى كۆرۈنمەپتۇ. ھەتتا بەزەنلىرى ئادەتتىكى سالام - سەھەتكىمۇ يارىماپتۇ. ئۇ ئەمەلدارمۇ ئەمەلدار ۋاقتىدا ئەمەلدار ئەمەس ۋاقتىدىكى بالا چاغلىرىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىنى نېمىشقىدۇر ئىزدەپ بولالمىغانىكەن، ئۇ ئاغىنىلىرىنىڭمۇ ئۆزىنى ئىزدىشىگە كۆپ پۇرسەت بەرمىگەنىكەن. «بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە» دېگەندەك، مانا بۈگۈن ئۇ ئاغىنىلىرىمۇ ئۆتنىسىنى ئالغاندەك ئۇنى ئىزدەپ قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىغاندا بالىلىرىدىن باشقا ئادەم ئىزدىمىگەچكە، مۇڭداشقۇدەك ئادىمى يوق غېرىبسىنىپ قاپتۇ.

2. شېرىكچىلىك
يېقىندا مەلۇم بىر يۇرتتا مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ:
ياش بىر يىگىت سودا قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ دۇكان ئېچىپتۇ. ئارىلىقتا بىرەر يىلدەك ئۆتۈپ، سودىسىمۇ خېلى يۈرۈشۈپتۇ. ئاغىنىلىرىمۇ كۆپىيىپتۇ. شۇ كۈنلەردە سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپتۇ. ئۇنىڭ كېسىلىگە كۈتۈلمىگەندە ناھايىتى قورقۇنچلۇق دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ. كېيىن چوڭراق دوختۇرخانىلاردىمۇ تەكرار تەكشۈرتۈپتۇ، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش چىقىپتۇ. لېكىن بۇنى ھېچكىمگە تىنماپتۇ. ئىلگىرى ھاراق - شارابنى تاز ئىچەتتىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىچمەس بوپتۇ. ئاغىنىلىرى سەۋەبىنى سورىسا ھاراق زىيان قىلىدىغان باشقا بىر كېسەلنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپتۇ. ئارىلىقتا ئۇ كۆپ قېتىم بىرنەچچە ئاغىنىسىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر پۇل قەرز ئېلىپ، دېيىشكەن مۆھلەتتىن بۇرۇن، مەلۇم نىسبەتتە پايدىسى بىلەن قايتۇرۇپتۇ. دېمەك، ئۇ ئاغىنىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئاغىنىلىرىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىكار ياتقان پۇللىرىنىڭ ئەمدىلىكتە بانكىغا قويغانغا قارىغاندا ھەم تېز، ھەم جىق «تۇغۇۋاتقان»لىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قەرز بېرىشكە قىزىقىپ قاپتۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆزئارا شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاشۇنداق ئاغىنىلىرىنى بىر سورۇنغا جەم قىلىپ مەبلەغ ئىشىنى ھەل قىلماقچى بوپتۇ: ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتىن بىۋاسىتە مال ئەكەلمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كەم دېگەندە 3 - 4 يۈز مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر ئۆزىدە بۇنچىلىك كۆپ نەق پۇل بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ قولىدا بارىنى بېرىپ تۇرۇشىنى ياكى بانكىغا كاپالەتچى بولۇپ بېرىشىنى، سودا پۈتكەندە قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم دېگۈدەك قەرزگە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھەممە ئاغىنىلەر يىغىش قىلسىمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇلنىڭ چىقىشى مۇمكىن بولماپتۇ. ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ ھەربىرى ئۆي - مۈلۈك كىنىشكىسىنى رەنىگە قويۇپ كاپالەتچى بولۇشقا كېلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت ئاغىنىسىنىڭ كاپالىتىدە جەمئىي 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق قەرز ئاپتۇ. ئالىدىغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە بىرسىگە چاقىرغۇ، بىرسىگەvcd ، بىرسىگە يانفون دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىپتۇ.
قەرز ئېلىشقا ياردەملەشكۈچىلەر «ئەمدى بۇ قېتىم خېلى خۇش بولغۇدەك پايدا كۆرىدىغان بولدۇق» دەپ ئولتۇرۇشقان ۋاقىتتا ھېلىقى ئاغىنىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەپتۇ. بۇ خەۋەردىن قاتتىق گاڭگىراپ، چۆچۈپ تۇرۇشىغا بانكىدىن ئادەم كېلىپ سوتنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك مۈلكىنى ئېلىپ كەتكەندىن سىرت، ۋاكالەتچى بولغانلارنىڭ ئۆزلىرى ۋاكالەتچى بولۇپ ئېلىپ بەرگەن قەرزلەرنى قانۇن بويىچە ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدى 150 مىڭ يۈەندىن، كەينى 30 مىڭ يۈەنگىچە ۋاكالەتچى بولغانىكەن. بەزەنلىرى ھەتتا بۇ ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ مەسلىھەت سالمىغانىكەن. قانداق قىلغۇلۇق؟ «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا؟» دېگەندەك ئىش بوپتۇ. ھازىر ئۇلار تاپقان پۇللىرىنى قەرز تۆلەشكە سەرپ قىلىۋېتىپتۇ. يەنە كېلىپ بەزەنلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى قەرز ئۆسۈمىگىمۇ يەتمىگەچكە، تۇرمۇشتا قىينىلىپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغانلارمۇ بار ئىكەن.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ھېلىقى سودىگەر بىلەن ئاغىنە بولۇپ، بۇرۇنقى ئاغىنىلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە، ئەمدىلىكتە كىچىك چېغىدىكى ساۋاقداش - ئاغىنىلىرىمۇ ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغىنىلىرى «ۋاكالەتچى ئاغىنىلەر» بىلەن چەكلىنىپ قاپتۇ.

3. سورۇندارچىلىق
جەمئىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تەرتىپىدە سورۇندارچىلىق يەنىلا ئاساسەن ھاراقنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىزىۋاتقان بولغاچقا، بەزىبىر ئاغىنىدارچىلىقمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنىڭغا يانداشماقتا. بىر كۈنى مەن چاقىرسام، يەنە بىر كۈنى يەنە باشقىسى چاقىرىپ، قاتار چايغا ئوخشايدىغان ئايىغى چىقماس ھاراق سورۇنى بىلەن ۋاقىت ئۆتمەكتە. ئەسلىي پات - پات يىغىلىپ تۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئىش بولسىمۇ، لېكىن سىردىشىشنى مەقسەت قىلغان سورۇننىڭ مەنىسىنى ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بۇنداق ھاراقكەشلىك يوق قىلىپ بارماقتا. بۇنداق سورۇن بىرەر يۇرتتىن ئاغىنىمىز كەلگەندە داۋاملاشسا، يەنە كېلىپ ھاراقكەشلىككە ئۆزگىرىپ كەتمىگەن تەرىزدە داۋاملاشسا، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرساق، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە يېڭى ئەقىل تېپىشتا ناھايىتى ياخشى بولاتتى. ئاغىنىلىرىمىزنىڭمۇ ھۆرمىتىنى قىلغان ھېسابلىناتتۇق. لېكىن ئۇ سورۇنلاردىچۇ؟ ھەتتا بىللە ھاراق ئىچكەنلەر بىر - بىرسىنى ھاراققا زورلىشىپ، بەزىدە مۇسابىقىلىشىپ ئىچىپ، ئاقىۋەتتە ئۈلپەتلەرنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ كىچىككىنە ئېرىققا يىقىلىپ ياكى قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشىمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالماقتا. ۋاقتى كەلگەندە ئەمەلىي ئىشلارغا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ھاراق ئىچمەيدىغان ۋاقىتلاردىكى خۇمارسىز ئاغىنىلەر بولماقتا.
ئاغىنىدارچىلىق  - تىرىكچىلىك چوققىسىغا ئۆرلەشتىكى شوتا، ئارمان مەنزىللىرىدىكى ئەڭگۈشتەر. گەپ ئۇنى قايسى تەرىقىدە راۋاجلاندۇرۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشتا.

(ئاپتور: «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 لەڭمەندىن چىققان سې...
 جەننەت تۈۋرۈكىگە با...
 «ئاغزى بىلەن مېڭىش»...
 نومۇس ۋە ئەقىدە
 بىز قانداق ياشاۋاتى...
 ئائىلە _ جەننەت، ئائ...
 ئەخلاقنىڭ جۇلاسى ۋە...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号