«ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دېگەن بىر مىسرا شېئىر خۇددى بىر خاسىيەتلىك ئۇرۇقتەك يۈرىكىم ئېتىزىغا تېرىلغاندىن بۇيان، ئاجايىپ مەنالىرى بىلەن شاخ ئايرىپ، بۈك-باراقسانلىققا ئايلانغان ئىدى. مەندەك بىر كىتاب مەستانىسى ئۈچۈن بۇ بىر مىسرا شېئىر تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى. ئائىلىمىز تېرىم ھاياتىغا تەۋە بولغاچقا، ئاتا-ئانام ئېتىزدىن ئائىلىمىزنىڭ رىزىق-نېسىۋىسىنى ئالاتتى. ئۇلار بىلەن بىللە مۇنبەت تۇپراققا پېشانە تەرلىرىمنى ئاققۇزۇپ، ھېرىش-چارچاش تېنىمگە ياماشقاندا، سۆيۈملۈك ھەمراھىم-كىتابىمنى قولۇمغا ئالاتتىم-دە، ئېتىز قىرىغا قىيسايغىنىمچە كىتاب قۇرلىرى ئارىسىدا يورغىلايتتىم. كىملەردۇر كېلىپ: «كىتاب ئوقۇماي، كەتمىنىڭنى چاپ« دېسە، مەنمۇ چاقچاق قىلىپ، «دېھقان ئاكا، دۇرۇت ئوقۇماي، ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دەيتتىم. كىتابخۇمارلىقىم تۈپەيلى ئون يىللار مۇقەددەم ئوقۇلغان بۇ شېئىرنىڭ ئېسىمدە قالغان ئاشۇ مىسراسىنى دېھقانلارنى بېيىتىمەن دېگەن شوئارنى توۋلاپ، ئېسىل پىكاپتا ئولتۇرۇپ قول تېلېفوندا سۆزلەشكىنىچە «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈۋاتقان» بىر قىسىم يېزا كادىرلىرىغا غەرەزلىك، مەقسەتلىك ھالدا قايتا تەكىتلەشنىڭ ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئالىم، مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش دەۋرى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئومۇمەن كىشىلەرنى تەلىم بەرگۈچى ۋە تەربىيىلەنگۈچىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىلىرىنى (يىلقا سانا) دەيدۇ. ئۇلۇغ ئالىم فارابى دۆلەت باشلىقىدىن تاكى بالىلارغىچە بولغان ھەممە ئاھالىنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن بولۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مۇتەپەككۇر مەدەنىيەتلىك، فازىل جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل بىر مەكتەپ دەپ تەۋسىيە قىلغان». ئۇ يەنە: «ھەرقانداق سۇبيېكتىپ ئىنسان - بىلگۈچى، ئۆگەنگۈچى، ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت. بۇ ئاساسىي قائىدىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئوقۇمايدىغان (ئوقۇغۇچى) لار مەسىلىسىنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ« دېگەنىدى. بىز بۇنىڭدىن كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىشنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن ھېس قىلغاندا، مۇقەددەس بۇرچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز ھەم كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەملەر تۇرمۇشىدىكى ئۈچ ۋاخ تاماققا ئوخشاشلا زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. لېكىن، بىزدە كىتاب ئوقۇش مەسىلىسى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ئىچىدە قانىتىدىن ئايرىلغان يېتىم قۇشتەك بوينىنى قىسىپ تۇرماقتا. بۇ ھال بىزنىڭ يېزا-كەنتلىرىمىزدە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىسىنى تاپقان. ھەتتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىكى كىتاب ئوقۇماسلىق، ئۆگەنمەسلىك - كادىرلىرىمىز قوشۇنىنى ئاجىز، مېيىپلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئۇلار ئەسلىي ئەقلىي بىلىم كامالىتى، ئەمەلىي ئىقتىدارى بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنىۋىيەت ئېتىزىدىكى «دېھقان» بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ھوسۇلدىن خالىي تۇرۇپ قالغان مەنىۋىيەت قاتلاملىرىدا ياۋا ئوت چۆپلەر، بۇقسۇق سامانلار ئۇچۇپ يۈرىدۇ. بۇنداق روھىي يىگىلەش دېھقانلارنىڭ زامان ئاتا قىلغان ئەۋزەللىكلەردىن بەھرە ئېلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. يېزىلاردا يەككە ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى، ئۇلارنىڭ باياشات، قۇۋناق تۇرمۇشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىشى ۋە شۇ خىل ھاياتنىڭ قوينىدا بەختىيار كۈلۈمسىرىشى ئۆزىگە پارلاقلىق ئۈچۈن رەڭ ئىزدەۋاتقان دەۋرىمىز ئۈچۈن يېڭىچە گۈزەللىك ۋە جۇلا قوشتى. دەۋرىمىزگە ۋە پارلاق تۇرمۇش مۇھىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىجابىي ئەمەلىيەت ۋە يۈزلىنشلەرنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، سەل قاراشقا بولمايدىغان، پەيدىنپەي يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر مەسىلىنى ئىنچىكە ۋە ئۆتكۈر كۆز بىلەن كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىزنى سائادەت يولىغا باشلاشتىن ئىبارەت بۈيۈك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بەزى كادىرلىرىمىز ئويناپ، يەپ-ئىچىپ، دېھقانلىرىمىز بىلەن ئىككى قۇتۇپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. «ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش» چاقىرىقى ھەر قانداق بىر مۇھىم خىزمەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن بىر قىسىم كادىرلىرىمىزدا «ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش» چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس. ئۇلار ئۆگىنىشنى «يۇمشاق ۋەزىپە»، سىياسىي نەتىجە بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر قىممەتلىك ۋاقتىنى زۆرۈرىيىتى بولمىغان كېلىپ-كېتىۋاتقانلارنى كۈتۈشكە سەرپ قىلىۋېتىشكە رازىكى، ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلمايدۇ. كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلىش خۇددى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە باشقىلارنىڭلا ئىشىدەك. مەن بىر قېتىم مەلۇم بىر يېزىغا مۇخبىرلىققا بارغىنىمدا، شۇ يېزىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قەلەمكەش بۇرادىرىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ ھەقىقەتەن كىتابخۇمار، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ياش ئىدى. ئۇ سۆھبەت ئارىلىقىدا، ئۆز يېزىسىنىڭ باشلىقى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەرگە بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى بولۇپ يۆتكەلگەنلىكى؛ ئۇنىڭ ئۆيىنى كۆچۈرۈش جەريانىدا، ئېسىل زىلچا-گىلەم، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي، نەزەرىيىۋى ياكى ئەدەبىي كىتابتىن بىرىمۇ چىقمىغانلىقى؛ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ئېسىل تاماكا، ئالىي دەرىجىلىك ھاراقلارنىڭ نەچچە يەشىك تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ يىگىتنىڭ بىر خىل مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇسىدىن يېزا باشلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي-نەزەرىيىۋى ساپاسىنى ئۆستۈرمەي، ھازىرقى زاماننىڭ يېڭى ئۇچۇر، تېخنىكىلىرىنى چۈشەنمەي، بىرەر كىتابمۇ ئوقۇماي تۇرۇپ يېزا باشلىقى بولغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىر يېزا باشلىقى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق پارتىيىۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشىنى كۈچەيتىشى، ئىدىيىۋى-سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاممىباب باشقۇرۇش ئىلمىي، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت كىتاب دېگەندەكلەرنى كۆرۈشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنداق لاياقەتسىزلىكلەرگە ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ خىجىل بولمايدىغان كادىرلىرىمىز خېلى بار. ئېنىقكى، ئۆگىنىش قىلمىغان ئادەمدە ئەقىدىمۇ بولمايدۇ. «كۈچلۈك ئەقىدىسى بولمىغان ئادەم، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئادەم» دەيدۇ رومىن. روللان. ئېتىقاد ۋە ئەقىدە بۆھرانى يۈز بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇنداق «قورقۇنچلۇق ئادەم» لەر كۆپىيىۋەرسە، جەمئيەتكە يۈك، خەلققە بالايىئاپەت بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، كىشىلەر سانائەتلىشىش دەۋرىدىن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە يەنى ئۇچۇر دەۋرىگە كۆچتى. بىز بولساق تېخى جىسمانىي ئەمگەك كۈچى، ئىپتىدائىي ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، تەبىئەتتىن خام ئەشيا ئېلىشنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق ئىگىلىكى باسقۇچىدا تۇرۇپ قېلىۋاتىمىز. دېھقانلىرىمىز ئۆز ئەمگىكىنىڭ مەقسىتى، كېلىپ چىقىشى، كۆلىمى، ساپاسى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە بەزى بىلىملەرگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بىلگەنلىرى ئۆزلىرىنى باغلاپ تۇرغان يەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ چۈشمەسلىكى مۇمكىن. كىشىلەردىن بىلىم ۋە ساپا تەلەپ قىلىدىغان بۈگۈنكى دەۋردە، ئەمگەك كۈچى ۋە ئەمگەك مىقدارى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، دەپ قاراش سەپسەتە بولۇپ قالدى. ئەمگەك ئەقىل، بىلىم بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولمىسا، ئەقىل، بىلىم بىلەن خاراكتېرلەنمىسە، مۇنداق قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا قىلىنغان ئەمگەك تولىمۇ ئاھانەتلىك ئىش بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ساپاسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن كىتاب كۆرۈشى، بىلىم ئېلىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. «ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دېگەن بۇ شېئىر يۈكسەك بەدىئىي رەڭگە چىلانغان مەجازاكى ھۆكۈم بولمىسىمۇ، دېھقاننى ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر-قىممىتى، ئەھمىيىتى، ساپاسى ھەققىدە ئويلىنىشقا، چۈشىنىشكە يېتەكلەيدىغان ياڭراق خىتابتۇر. دېھقانلارمۇ زامانىۋى تەپەككۇر، زامانىۋى ئاڭ پەللىسىدە تۇرۇپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى، نەگە بېرىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق چۈشىنىدۇ. يولداش جياڭ زېمىن بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشى بىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر بىر مىليارد ئىككى يۈز مىليون خەلق ئارىسىدا كىتاب ئوقۇيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئۆسىدىغان بولسا، ئۇ غايەت زور ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. شەھەرلەردە ياكى يېزىلاردا بولسۇن، ياكى ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا بولسۇن، ھارماي ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىش روھى بولۇشى كېرەك. ھەربىر كىشى كىتابنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسە بىلىمى كۆپىيىدۇ، ئىقتىدارى ئاشىدۇ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ كۆرسەتمىدىن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىر پۇقرانىڭ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىشتىن ئىبارەت باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئېنىق كۆرسىتىلىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز تۇرمۇش ۋە ئائىلە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قادىر بولالمايۋاتقان، كۈندىلىك ئەقلىي ۋە ئەمگەك مەشغۇلاتىدا جان بېقىش چەمبىرىكىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى بۇ چەمبىرەكتىن قۇتۇلدۇرىدىغىنى يەنىلا بىلىم ۋە كىتاب، ماھارەت ۋە تېخنىكا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىت كېرەك، دەل مەنىۋى مۇھىتنىڭ قۇرغاقلىشىشى، چۆللىشىشى دېھقانلارنى يۇقىرىقى ھالەتكە مەھكۇم قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا يېزىلارنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش، ئىللىق پۇراققا تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن نەدىن، كىمدىن باشلاش كېرەك؟ ئەلۋەتتە يېزا، كەنتلەرنىڭ سەركىسى بولغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمىزنىڭ روھىي ھالىتى بۇ تەلەپلىرىمىزدىن خېلىلا يىراقتا قاڭقىپ تۇرىدۇ. ئەمەلدار بولغۇچىلار جامائەتنى باشلاپ ماڭىدىغان سەركىلەر، نۇرغۇن ياخشى ئادەتلەرمۇ ئەل ئىچىدە شۇلاردىن تارايدۇ، نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەرمۇ يەنە شۇلاردىن تارايدۇ. ھوقۇق ئەسلى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئۆتكۈنچى بۇرچ تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇ توغرا غايە، مۇستەقىل ئىرادىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇ پاراۋان خۇسۇسىي تۇرمۇشنىڭ، ئىشرەتخۇمار كۆڭۈلنىڭ، تىزلىنىپ يالۋۇرۇشنىڭ، ئېھتىيات بىلەن بۇسۇغا ماراشنىڭ، ئىنسانىي پەزىلەت جەھەتتىكى بەربات بولۇشنىڭ مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە دېھقانلار «مەنمەنچى»، «سۆلەتۋاز»، «تانسىكەش»، «ھاراقكەش» كادىرلارنى ئەمەس، يەنىلا جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، جاپادا ئالدىدا ماڭىدىغان، خالىس تەقدىم قىلىش روھىغا ئىگە كادىرلارنى ئەڭ قارشى ئالىدۇ ۋە چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرىدۇ. بۇنداق روھ نەدىن كېلىدۇ؟ كىتاب ئوقۇشتىن، تىرىشىپ ئۆگىنىشتىن … كېلىدۇ. مەن كۆپ ھاللاردا يېزىلارغا بېرىپ قالىمەن، مېنىڭ يېزىلاردا كۆرىدىغىنىم ئەسەبىيلەرچە قارتا ياكى باشقا ئويۇن ئويناۋاتقانلار بولىدۇ. مۇبادا بىز ئاشۇ قارتا ئويناشقا، ھاراق ئىچىشكە باغلىغان ھەۋەس-ئىشتىياقىمىزنى، زايە قىلغان ۋاقتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى ئوڭشاشقا، ساۋات چىقىرىشقا، كىتاب ئوقۇپ پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشكە، بازار ئىزدەشكە، ئىگىلىكىمىزنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشكە، بىر-بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا سەرپ قىلساق، مەنىۋىيەت ئېتىزىمىز، رىزىق خامانلىرىمىز «ئالتۇن چەش» لەرگە تولۇپ كەتمەسمىدى؟ دېھقانلىمىزمۇ زامان ئاتا قىلغان ئەۋزەللىكلەرنىڭ بەھرىدىن ھۇزۇرى ئەشرەپلەرگە ئىگە بولماسمىدى؟ مۇبادا ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئالتۇندەك ئۆمرىنى قەدىرلىسە، شۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە، ئۆز مەھەللىسى، ئۆز كەنتى، ئۆز يېزىسى، ئۆز ناھىيىسىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر ياكى بىر نەچچە ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرەلىسە؛ ياكى ھېچ بولمىغاندا، ئۆزىنىڭ نامرات، ساۋاتسىز، بىلىمسىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلاپ، بىر ئەركەكتەك، بىر ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلسا، قانچىلىك ياخشى بولغان بولاتتى-ھە! ئەگەر بىز يېتەرلىك تەر تۆكسەكلا ھاجىتىمىزگە يېتىپ ئاشقۇدەك نازۇنېمەتكە، ساغلام ۋە ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولىمىز. رايونىمىز پايانسىز كەتكەن خام ئەشيا بازىسى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. دېھقانلار ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ۋە ساۋاتلىرى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئۇلاردا زامانىۋى جەمئىيەتكە خاس زامانىۋى، ئىلغار ئىگىلىك ئېڭى تېخى تىكلىنىپ بولمىدى. بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ ياشىغان ئادەم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىسە، يات بىراۋلار ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ. شۇڭلاشقا، يېزا، كەنت كادىرلىرى دېھقانلارنى «ئەتىدىكى مەنزىلىمىزگە ساغلام يېتىشىمىزدىكى ئۇلۇغ مەدەتكار» دەپ تونۇپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ تەڭرىسى بولغان دېھقانلاردىن ئۆگىنىشى ۋە ئۆگىتىشى كېرەك. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش قوماندانلىرىدىن چېرچىل، دېگۇل، ئېزونخاۋېرلار دەھشەتلىك ئۇرۇش پەيتلىرىدىمۇ كىتاب ئوقۇغان. ئۇلارنىڭ ئوقۇغانلىرى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى كىتابلار بولماستىن، بەلكى تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت تۈرىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزىنى تەلەپ قىلىدىغان كىتابلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرگە ئايلانغان. بىز ئۇنداق تەلەپنى قويمىساقمۇ، بىر يېزا كادىرىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلاش ئۈچۈنمۇ كىتاب كۆرمەي، ئۆگەنمەي بولمايدۇ. شۇ تاپتا مەن «ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دېگەن بۇ ئاۋازنى توۋلاۋاتقىنىمدا، كىملەرنىڭدۇر يۈرەكلىرىگە تېگىپ، ئەكس سادا پەيدا قىلىشىنى بىلمەيمەن. بۇ ئاۋازنىڭ بوشلۇق قەبرىستانلىقىغا ئۈن-تىنسىز دەپىن قىلىنىپ كېتىشىدىن يەنىلا ئەندىشەم تولا، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر ۋارقىراي: «ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق».
(ئاپتور: «تۇرپان گېزىتى« ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە) ژۇرنىلىمىز 2004.1- سانىدىن
|