خۇشاللىق - بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تاۋلاپلا قالماي يەنە بىزگە شادلىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ ... كىشىلىك ھاياتتىكى خۇشاللىق ئادەمنى بارلىق ئوڭۇشسىزلىق، ئازاب ۋە بەختسىزلىكتىن غالىب قىلىدۇ. ئەگەر بىز جىسمىمىزدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان خۇشاللىق ئېلېمېنتلىرىمىزنى ھەقىقىي تۈردە قېزىپ چىقىپ، يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرەلەيدىغانلا بولساق، ئۇ چاغدا شەك - شۈبھىسىزكى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئاجايىپ گۈزەل مۆجىزىلەر، رىقابەت ۋە كۈرەشلەرگە تولغان تىلسىمات دۇنياسىغا بەختىيارلىق بىلەن قۇچاق ئاچالايمىز ... كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمان ۋە ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش ئۆز خۇشاللىقىنى يوقىتىپ قويۇشتۇر. ئادەم ئۈچۈن قىممەتلىك بولغىنى ھايات، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى خۇشاللىق بولۇپ، ئۆلۈمدىن ۋەھىمىلىنىش ياكى ئۆلۈم يولىنى تاللاش - كىشىلىك ھايات ئاخىرلىشىش پەيتىدە شۇ كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئۆز خۇشاللىقىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى، خالاس. ئادەم ھايات ۋاقتىدا دائىم پۈتمەس - تۈگىمەس، مەڭگۈ ئايىغى چىقماس نام - ئاتاق، شان - شۆھرەت، راھەت - پاراغەت ۋە مال - دۇنيا ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر «تاسادىپىي ئامەت»نى دەپ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئىشلارنى تەرك ئېتىپ، ئېچىنىشلىق ھالدا قىممەتلىك ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇ - ئۈمىدى روياپقا چىقسا، ئاجايىپ خۇشال بولغان بولاتتى، ئەمما بۇ خۇشاللىق پەقەت ۋاقىتلىق ۋە بىردەملىك . چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئادەم كىشىلىك ھاياتتىكى ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ چىن مەنىسىنى ئىدراك ۋە ھېسسىي نۇقتىدىن ئاڭقىرالماي، ئەبجەش تۇرمۇش قاينىمىدا ھەمىشە غەم - غۇسسە بىلەن يۈرىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور خۇشاللىق زادى نېمە؟ ناھايىتى ئاددىي: ئۇ دەل مۇھەببەت ۋە نەپرەت. مۇھەببەت - ئاتا - ئانىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، مەڭگۈلۈك ھەمراھلىرىمىز، قان - قېرىنداش تۇغقانلىرىمىز، دوست - بۇرادەرلىرىمىز، دۇنيادىكى پۈتكۈل شەيئى، بارلىق مەخلۇقات ۋە ھاياتقا بولغان مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەت - كىشىلەر قەلبىنى ھاياتىي كۈچكە تولغان، رەڭگارەڭ، ئىللىق ۋە مېھىر - شەپقەت غۇنچىلىرى خۇشپۇراق چاچقان خۇشاللىق گۈلىستانىغا زاھىد ئەيلەيدۇ؛ ئادەمنىڭ قەلبىگە چۆلنى بوستان، تاغنى تالقان قىلغۇدەك جاسارەت ۋە باتۇرلۇق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قەلبى تەبىئەت مۇھەببىتىگە تولغاندا، دۇنيانى ئاجايىپ گۈزەل، خۇددى قوينى ئىنتايىن كەڭ جەننەت ھېس قىلىدۇ؛ تاغلارغا قاراپ ئىرادىسى كۈچىيىدۇ، شىلدىرلاپ ئاققان سۈزۈك سۇلارغا قاراپ، ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛ كۆپكۆك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇت ۋە پارلاپ تۇرغان قۇياشقا قاراپ كۆڭلى يورۇپ، ئەركىن، تەمكىن، جۇشقۇن، ساغلام، بەھۇزۇرلۇق تۇيغۇغا چۆمىدۇ؛ قەلبىگە خىزمەت مۇھەببىتى تولغاندا بولسا، خىزمەتداشلىرى خۇددى يېقىن تۇغقانلىرىدەك بىلىنىپ، ناھايىتى ئىجىل - ئىناق بولغان قىزغىن مۇھىتتا بارغانسېرى ئىچەكىشىپ جانلىنىپ كېتىدۇ؛ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە شۇنداق يېقىملىق تۇيۇلۇپ، ئۆزىنى ئازادە، يېنىك ھېس قىلىپ، راھەت بۆشۈكىدە غەمسىز ئەلەيلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي خۇشاللىقتۇر. مەشھۇر بىر يازغۇچى: «ئادەم ياشاش جەريانىدا ئەڭ مۇھىمى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئۆزى ئۈچۈن مۇھەببەت ۋە نەپرەت ھۇجرىسى بەرپا قىلىش كېرەك» دېگەن. ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەجىبا نەپرەت بولمىسا بولمامدۇ؟ تازا ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بۇ سۆزگە چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خۇشاللىق ئىچىدە مۇھەببەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە نەپرەتمۇ مەۋجۇت. مەلۇم بىر نۇقتىدىن ئېيتساق، ئادەمنىڭ غەزەپ - نەپرىتى ئۆرلىگەندە مۇھەببىتى ۋايىغا يېتىدۇ، ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن ئۆچمەنلىكنى ئېنىق ئايرىيالايدۇ. نەپرەت - ناچار-ئىپلاس ئىشلارغا، ئالدامچىلىق- يالغانچىلىققا، ئادالەتسىزلىككە، خۇشامەتچىلىك- تەخسىكەشلىككە بولغان نەپرەتتۇر. مۇھەببەت ۋە نەپرەت گەرچە خۇشاللىق ئىچىدىكى بىر - بىرىگە زىت ئىككى خىل ھېسسىيات بولسىمۇ، ئەمما «قەلب ھۇجرىسى»دا مۇھەببەت بولمىسىمۇ، نەپرەت بولمىسىمۇ بولمايدۇ. مۇھەببەت كىشىلەرنىڭ «قەلب ھۇجرىسى«نى ئىللىق قۇياش تەپتىگە، مېھىر - شەپقەت ۋە بەختكە پەۋەس تولدۇرىدۇ؛ نەپرەت كىشىلەرنىڭ «قەلب ھۇجرىسى»نى ئەقىل - پاراسەت، تەمكىنلىك ۋە غەزەپكە لىق تولدۇرۇپ، ھۇجرا ئىشىكىنى سۇلماس ئىرادە، يىمىرىلمەس ئىشەنچ قۇلۇپى بىلەن قۇلۇپلايدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ مۇھەببەت يالقۇنىنى ئاتەشكە ئايلاندۇرىدۇ. مۇھەببەت - خۇشاللىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى، نەپرەت - غەزەپنىڭ مەنزىلگاھى. تەپەككۇر قىلىپ باقايلى: بۇ دەل كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولماي نېمە؟! ئومۇمەن، كىشىلەر ئۆزلىرىگە ناھايىتى تونۇشلۇق تۈرلۈك ئۇسۇل - چارە ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز خۇشاللىقىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن دائىم نىشان، تەدبىر ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كىشىلىك تۇرمۇشتا بىر - بىرىدىن مەڭگۈ ئايرىلماس «ئاكا - ئۇكا» خۇشاللىق بىلەن خاپىلىقنىڭ «ئاچچىق» تەقدىر قىسمەتلىرىدە تۈرلۈك روللارنى ئالىدۇ - دە، خۇشاللىق ۋە بەختنى ھەرۋاقىت ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى مۇھەببەت ۋە نەپرەت يەككە ياكى تەڭ مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈزلۈكسىز بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئوڭۇشلۇق ئىشلار ئاز، ئوڭۇشسىز ئىشلار كۆپ، بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى. ئەمما ئادەملەر بىر خىل خاتالىقنى تەكرار - تەكرار سادىر قىلىدۇ، ھەتتا جېنىدىن ئايرىلمىغۇچە توختىمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىغا نەزەر تاشلىماي، نوقۇل ھالدا «مەن ئەزەلدىن خۇشال بولۇپ باقمىدىم، دۇنيادا خۇشاللىق ۋە بەخت مەۋجۇت ئەمەس» دەپ ئەزۋەيلىشىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ مۇرەككەپ دۇنيادا سىرتقى گۈزەللىك مۇھىم ئامىل بولمىسىمۇ، ئەمما ساغلام، خۇشال قەلب ۋە جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھ ئەڭ مۇھىم؛ ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا بىز ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلالمىساق ئەپسۇسلانمىساقمۇ بولىدۇ، لېكىن دۇرۇس ئادەم بولۇشنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىدىن چەتنەپ كەتسەك بولمايدۇ؛ ئۆز ھاياتىمىزدىكى ۋاقىتلىق ئازاب - ئوقۇبەت، جاپا - مۇشەققەت ۋە بەختسىزلىككە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن خۇشاللىق يارىتىدىغان جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ زور مەغلۇبىيەتتۇر. خۇشاللىق چاڭقىغان روھىيەتكە شىپالىق دورا، كۆڭۈل غەشلىككە مەلھەم، مىسكىن قەلبكە ئازادىلىك، غەم - ئەندىشىگە شادلىق، زىددىيەت ئارىسىغا ئىجىل - ئىناقلىق ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا بىز خۇشاللىقنى موھتاجلىققا قويماي ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھەدىيە قىلالىساق، تېڭىرقاش ۋە قايغۇ ئىچىدىن قوتۇلۇپ چىقالايمىز. ھايات ئەنە شۇنداق ئاچچىق - چۈچۈك ۋە ئەگرى - توقاي بولغاندىلا، ئاندىن خۇشاللىق ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ.
(ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىدە) ژۇرنىلىمىز 2004.4- سانىدىن
|