www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
«بۇ تاغدىن ئۇتاغ ئىگىز» دەپ گاڭگىراپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
ئاپتور:ئىدرىس بارات    چېكىلىش سانى:2030    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .

رېئال تۇرمۇشتا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن، ھازىرقى ھالىتىدىن، ھازىرقى تەقدىرىدىن، ھازىرقى ئورنىدىن، ھازىرقى كىرىمىدىن رازى بولىدىغانلار بەك ئاز. بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇ ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ، ۋەھاكازالار. بۇ خىل ئەھۋالنى «بۇ تاغدىن ئۇ تاغ ئېگىز كۆرۈندى» دەپ ئوخشاتساق مۇۋاپىق كېلىدۇ.
                    --------
ھاياتلىقتا، ئەمگەك ۋە خىزمەت  - ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردىنبىر ئاساسى، شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىشىدىكى زۆرۈر شەرت ھەم كىشىلەرنىڭ ياشىشىنى ئىقتىساد ياكى ماددىي نېمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىشتىكى زۆرۈر ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. شۇنداق بولغاچقا، كىشلەرنىڭ مەيلى ئەقلىي ئەمگەك ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەقەززاسى. ئەمما، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ رايىچە بولۇۋەرمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، رېئال تۇرمۇشتا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن، ھازىرقى ھالىتىدىن، ھازىرقى تەقدىرىدىن، ھازىرقى ئورنىدىن، ھازىرقى كىرىمىدىن رازى بولىدىغانلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇ ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ، ۋەھاكازالار. بۇ خىل ئەھۋالنى «بۇ تاغدىن ئۇ تاغ ئېگىز كۆرۈندى» دەپ ئوخشاتساق مۇۋاپىق بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك روھىي ھالەت زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تىنىمسىزلىق كېسىلىگە مۇپتىلا قىلدى. تىنىم تاپماي ئىنتىلىپ تۇرۇشنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ بار، سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار. ئۆز ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش يولىدا تىنىمسىز ئىنتىلىپ تۇرۇش ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۆز ئىقتىدارىنى، ئۆزىنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كېلىدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىمەي، جەمئىيەتتىكى بەزىبىر ئادىلسىزلىقلاردىن قاخشاش، بىرەر تاسادىپىي ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ قالسىلا، بىراقلا ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىپ، ھال - كۈنىنىڭ بىراقلا ياخشىلىنىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىش رىۋايەتلەردىكى چۆچەكلەر دۇنياسىدا ئىشقا ئاشامدىكىن - تاڭ، ئەمما، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە ئىشقا ئاشمىقى تەس. ئەمدى، تۆۋەندىكى ھېكايەتنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ:
باغۋەننىڭ بىر ئېتى بار ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنىڭ بەك كۆپلۈكىدىن، ئەمما يەم - خەشىكىنىڭ بەك ئازلىقىدىن قاقشايدىكەن. شۇڭا ئۇ خۇدادىن ئۆزىگە باشقا بىر خوجايىن تېپىپ بېرىشنى تىلەپتۇ. خۇدا ئاتنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىجاۋەت قىپتۇ. باغۋەن ئاتنى كوزىچىغا سېتىپ بېرىپتۇ، ئات ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئاتنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇكى، كوزىچىنىڭ قېشىدىكى ئىش بۇ ئاتقا تېخىمۇ ئېغىر كەپتۇ. ئات يەنە پېشانەم ئوڭ كەلمىدى دەپ ۋايساپ، خۇدادىن باشقا بىر ياخشىراق خوجايىن تېپىپ بېرىشنى تىلەپتۇ. ئاتنىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ ئىشقا ئېشىپتۇ. كوزىچى ئاتنى تېرىچىگە سېتىپ بېرىپتۇ. ئات تېرىچىنىڭ ھويلىسىدىكى ئات تېرىلىرىنى كۆرۈپ:
«ھەي شور پېشانەم، ئەسلىدىكى خوجايىنىمنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋەرسەم بوپتىكەن، قارىغاندا بۇ خوجايىن ئىش قىلغۇزماي، بەلكى تېرەمنى سويىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ نالە قىپتۇ.
بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، ئاشۇ ئاتقا ئوخشاش بۇ خىزمەتتىن ئۇ خىزمەتكە يۆتكىلىدىغان ياكى يۆتكىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئاشۇ ئاتقا ئوخشاش، بىر يەردە كۆتى ئىسسىمايدىغان كىشىلەر ئۆز كەسپىدە مۇكەممەللىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاخىر بېرىپ يەۋاتقان نېنىدىنمۇ ئايرىلىپ، تىلەمچى بولۇپ كوچىغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
زامانىمىزدا، ئىش تۈرلىرى كۆپەيدى، ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىپ بارماقتا، ئىشنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلەپ بارغانسېرى قاتتىقلاشماقتا. بۇ ھال ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي ساپاسىغا كەسكىن جەڭ ئېلان قىلماقتا. بۇ   - تەرەققىياتنىڭ تەلىپى، ئىلغارلىقنىڭ مەھسۇلى. بۇنداق مۇقەررەرلىككە ئۆتمۈش زاماندىكى قاششاقلىق بىلەن، ھازىرقى زاماندىكى قاقشاش بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشلا بىردىنبىر چىقىش يولى.
مەن خىزمەت ئىزدەۋاتقان بىر قىسىم ستۇدېنتلار بىلەن ۋە ئۆز خىزمەت ئورنىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆرگەنىدىم. ئۇلارنىڭ خىزمەت تاللاشتىكى ئوي - پىكىرلىرى ئاجايىپ ئىكەن. ئۇنى مۇنداق ئۈچ جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن:
1. مەمۇرىي ئورۇنلار. بۇنداق ئورۇنلاردا مائاش، ئۆي، تۇرمۇش تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە. يەنى ئىلگىرى دېيىلىپ كېلىۋاتقان «تۆمۈر تاۋاق»قا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئورۇنلار. بىراق، ئۇنداق ئورۇنلاردا، ئەمەل سانى چەكلىك، ئۆسۈش تەس. كەسپىي ئۇنۋان كۆرسەتكۈچى يوق. ھازىرقى ۋاقىتتا، ئەمەل ياكى كەسپىي ئۇنۋان ئۆسمىسە، تەمىنات تۆۋەن بولىدۇ. چوڭراق ئۆيدىن، يۇقىرىراق مائاشتىن ئۈمىد يوق. پارا يېسىڭىز، تۇتۇلۇپ قالسىڭىز جازالىنىسىز. بەزىلەر، مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەشنى پويىزغا چىقىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندەك ئىش، بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە، ئەمما ئىختىيارلىقىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۆزۈڭنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىڭنى جارى قىلدۇرمىقىڭ تەس، باشلىقلارنىڭ رايى بويىچىلا چۆرگىلەيدىغان گەپ، دەپ قارايدىكەن.
2. كارخانا ئورۇنلىرى. شىركەت، زاۋۇت - فابرىكىلار. بەزىلەر، بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەشنى پاراخوتقا چىقىپ دېڭىز ساياھىتىگە چىقىشقا ئوخشاش، دەپ قارايدىكەن. پاراخوتتىكى ساياھەتچىلەر دېڭىزدا تەيفېڭ بورىنى چىقىپ پاراخوتنى موللاق ئاتتۇرۇۋېتىشتىن ئەنسىرىگەندەك، شىركەتلەرنىڭ رىقابەتنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىدا ئۆڭتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە - دۈككىدە ياشايدىكەن. ئىلاجى بولسا «پاراخوت»تىن «پويىز»غا، ھېچبولمىغاندىمۇ «ماشىنا» ياكى «ئايروپىلان»غا ئالمىشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
3. كەسپىي ئورۇنلار. بۇنداق ئورۇنلاردىكى خىزمەت ئورنى پويىز بىلەنمۇ، پاراخوت بىلەنمۇ، ئايروپىلان بىلەنمۇ، ماشىنا بىلەنمۇ سەپەرگە ئاتلىنىشقا بولىدىغان، بىپايان مەنزىل يوللىرىغا تۇتاشقان بېكەتلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ راھىتىمۇ بار، خەۋپ - خەتىرىمۇ بار. ئۇنىڭ قايسى خىلىغا چىقالىشىڭىز، ئىقتىدارىڭىزغا ۋە تەلىيىڭىزگە باغلىق.
ئوقۇتقۇچىلىق، دوختۇر - سېسترالىق، نەشرىياتچىلىق، تېلېۋىزىيە، رادىئو، گېزىت - ژۇرنال ئاخباراتچىلىقى  - مانا بۇ ساھەلەر كىشىلەر ئەڭ كۆپ سىغدالغان بەيگە مەيدانى. بۇ ساھەلەردە جان بېقىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات دولقۇنىدا، بۇ ساھەدىكى كىشىلەر يېڭى يۈزلىنىشلەرگە دۇچ كەلمەكتە: ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى تاللايدۇ، بىمارلار دوختۇر - سېسترانى تاللايدۇ؛ قايسى گېزىت - ژۇرنالنى، كىتابنى ئوقۇش، قايسى پروگراممىنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئوقۇرمەنلەرنىڭ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ، ئاڭلارمەنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا.
دېمەك، سىز ئۆزىڭىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسىڭىز، بازىرىڭىز كاساتلاشسا ، شاللىنىپ كېتىش كۆز ئالدىڭىزدىكىلا ئىش. بۇنداق رىقابەت مېخانىزمىنى ھېچكىم سىزگە تاڭمىدى، بەلكى زامان تەرەققىياتى، ماكان تارلىقى، ئۇچۇر تېزلىكى، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى، ئېھتىياج تەلىپىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇقەررەر ھالدا ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇقەررەرلىك ھەربىر كىشىنىڭ ساپاسىغا كەسكىن جەڭ ئېلان قىلدى. ئىلگىرىكىدەك، شتاتلىق بولۇۋالسىڭىز جان بېقىشتىن غەم قىلمايدىغان، باشلىقلارغا تەستىقلىتىۋالسىڭىز، بىرەر ئورۇنغا ئاسانلا ئورۇنلىشىپ ياكى يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۆمۈرلۈك «تۆمۈر تاۋاق»قا ئىگە بولىدىغان ئىشلار كۆپ ئازىيىپ كەتتى. بۇ  - جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ ئامىل. بۇنداق ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىقتىدارلىقلار ياشنايدۇ، ئىقتىدارسىزلار قاقشايدۇ.
كىمدە كىم «بۇ خىزمەتكە قىزىقمايمەن»، »ئۇ خىزمەت ماڭا ماس كەلمەيدۇ» دەۋەرسە، ئاخىرى بۇ جەمئىيەتتە ئۇ كىشىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىلماسلىقى مۇمكىن.
ھەربىر كىشى خىزمەت تاللىغاندا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مىجەز - خاراكتېرىنى تولۇق ھېسابقا ئېلىشى لازىم. ھەقىقەتەن بۇ خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىسىڭىز، ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا لايىق خىزمەت تېپىشقا جۈرئەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، خىزمەتنىڭ جاپاسىغا چىدىماي، پۇلى كۆپ، جاپاسى ئاز خىزمەت ئىزدەيمەن دېسىڭىز، بۈگۈنكى رىقابەت دۇنياسىدا بۇ پەقەت خام خىيالدىنلا ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. «ياز بولسا، قىش بولمىسا، پۇل بولسا، ئىش بولمىسا» دەيدىغان لەقۋالار پەلسەپىسىنىڭ زامانىمىزدا بازىرى كاسات.
ھېكمەت شۇكى، قەلب ئېتىزىڭىزغا چىدام كۆچەتلىرىنى تىكىڭ، ئۇنىڭ يىلتىزى ئاچچىق، ئەمما مېۋىسى تاتلىق.

ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى ...
 ئاتا مىراس نەسىھەتل...
 ھاياتنىڭ پىچىرلاشل...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 ئىككى دېڭىز، ئىككى ...
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号