www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم - نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى
ئاپتور:نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى    چېكىلىش سانى:2161    ۋاقتى:2007-3-27    . www.seltenet.com .

ئەگەر «ياخشى يېيىش-ئىچىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشلا - تۇرمۇش» دېيىلسە، ئۇنداقتا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ.
تۇرمۇش - ئويغانغانلارنىڭ كۈرەش مەيدانى، شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھى. ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى. تۇرمۇش - سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى، ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى. تۇرمۇش - تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛ تۇزسىز ئىچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق، تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.
تۇرمۇش - تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماق، تۇرمۇش ھەققىدە تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەنلىگەن جاۋابى بولىدۇ. تۇرمۇش - يەشكىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە، مەيلى سەن ئۇنى قانداق ھېسابلا، ھەممىسى ئەجىر-مېھنەتتىن ئىبارەت. تۇرمۇشنىڭ ئادىللىقى شۇ يەردىكى، مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا غەم-قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى سانسىزلىغان كىچىك قايغۇلاردىن تىزىلغان تەسۋى دەيمىز. تۇرمۇشنىڭ ئاداۋەتخورلۇقى شۇ يەردىكى، سەن ئۇنى ئالدىساڭ، ئۇ سەندىن ھېساب ئالماي قالمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، تۇرمۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىچارە يېرى شۇكى، ئۇ تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولىدۇ؛ ئادەم قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۇرمۇش ئەكسىچە ئۆز لەززىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمگە تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ۋە تۇرمۇشقا لايىقلىشىدۇ. شەخسىيەتچى كىشىلەر دائىم باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ياشلار ئۆزى خالىغانچە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛ ياشانغانلار رىتىملىق ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئىشلار دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنگەچكە، كۆپىنچە بىپەرۋا كېلىدۇ؛ ئاياللار تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ سەل قارىمايدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا زىل، ئەستايىدىل كېلىدۇ.
بىكارچىلىق ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھايات؛ ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماسلىق قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ھاياتتۇر؛ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي ئۆتكەن تۇرمۇش پالەچ بولغان ھاياتتۇر؛ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش ئىلاجىسىزلىققا تولغان ھاياتتۇر.
تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەن خىل ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ساداقىتىمۇ ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىر خىل ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلىماسلىق لازىم، بولمىسا تۇرمۇش خىرەلىشىپ قالىدۇ. زىيادە سەمىمىيلىك بىلەن، مېھرىبانلىق بىلەن باشقىلارغا قانداق ياشاش توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەسلىك كېرەك. ھەربىر تۇرمۇش ئۆلچىمى بىر كونا كىيىمگە ئوخشايدۇ، ئۆزىگە دەل كەلگەن بىلەن باشقىلارغا دەل كېلىشى ناتايىن. ھاياتنى سۆيۈش بىلەن چوقۇم تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەك، تۇرمۇشنى سۆيگەندىلا، ئاندىن ھاياتنى سۆيگىلى بولىدۇ.
بىز بۇ دۇنياغا كەلگەندە ھەربىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سېۋەت بولىدۇ. ھەربىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىن بىر نەرسىنى تېرىۋالىمىز، شۇڭا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز. تۇرمۇش ئەتىگەندىن كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.

                                                                       *  *  *
ئۆلۈم بولسا ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسىگە باغلىق. ئەبەدىيلىك قانۇنىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. ھايات، چۈشكە ئوخشاش ئىزسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەيلى بەگ بولسۇن، مەيلى قۇل بولسۇن، كەلمەسكە كېتىدۇ. بۇ دۇنيا بىۋاپا، ئاخىر ھەممىمىز كېتىمىز. نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەكمۇ، ھېچ ۋاپا كۆرمەي ئاخىر سەپەر يولىنى كۈتىمىز.
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: «كەمبەغەلمۇ ئۆلىدۇ، شۇنىڭدەك بايمۇ ئۆلىدۇ، ئىككى ماتا بىلەن قارا يەر قېتىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ كەمبەغەل ئۆلسە جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتۇلىدۇ، باي ئۆلسە مال-دۇنيالىرى قالىدۇ، ۋابالى بىللە كېتىدۇ. ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشايدۇ، كارۋان قونالغۇدا ئۇزۇن تۇرالماس … بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ، گۆرۈڭ بىر قونالغۇدۇر، بۇ قونالغۇدىن قوزغالساڭ، ئۇ دۇنيا ئاخىرقى قونالغۇ بولىدۇ».
ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغانلىق. مەن ياشاشتىكى مەقسىتىمنى ھەقىقەتكە، ھۆرلۈك، ئەركىنلىككە خىزمەت قىلىش، دەپ قارايمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئېتىقادىم. ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنلەرگە ئۆلۈم ئانچە مۈشكۈل تۇيۇلمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. ھەرقانچە قورقساقمۇ، چايكوۋىسكىي ئېيتقاندەك: «ئەجەل دېگەن بۇ بايقۇش مەلۇم بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن توقمىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بېشىمىزغا سالىدۇ».
ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن پەيلاسوپلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەر خىل بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھەر خىل بولغان: ھېمىڭۋايدەك ئۇلۇغ يازغۇچى «ئۆلۈم - ئەڭ گۈزەل جىمجىتلىق» دەپ ئۆلۈمنى مەدھىيىلىگەن ھەم ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان. مەشھۇر سەنئەتكار چايكوۋىسكىي گۆرىستاننى «ئىپلاس ئۆڭكۈر» دەپ باقىي ئالەمگە كېتىشتىن دەككە-دۈككىدە بولغان. 20-ئەسىردىكى مەشھۇر پەيلاسوپ بېتران روسېل 98 يېشىدا «مەن بۇ دۇنيادىن بىزار بولۇپ ئايرىلدىم» دەپ ئۆلۈمنى «قۇتۇلۇش يولى» دەپ چۈشەنگەن. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق مەسىلىگە ئاددىي، ماس، مۇۋاپىق جاۋاب تېپىشتەك تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئۆلۈم مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا، پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىلا ھەممە ئادەم باراۋەر. بەزى سىياسەتچىلەر قانداقتۇر: ھەممە ئادەم بابباراۋەر يارالغان، دەيدۇ. مىليونېر بايلار بىلەن كوچىدىكى قەلەندەرلەر ئوتتۇرىسىدا نەدىمۇ باراۋەرلىك بولسۇن !باي ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن نامرات نېگىرلارنىڭ بالىلىرى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا باراۋەر ئەمەس. ئۇلار خۇدا ئالدىدىمۇ باراۋەر ئەمەس. پەقەت ئەزرائىل ئالدىدىلا ھەممەيلەن بابباراۋەر».
راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ ئاخىرقى قۇتۇلۇش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك. ئۆلۈم ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىق كىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ. ئۆلۈكنىڭ ئازاب چەككەنلىكىنى كىم كۆرۈپتۇ !پەقەت ئۆلۈك ۋە تۇغۇلمىغان بوۋاقلا ئەتىكى بەختسىزلىك ۋە ئاپەتتىن قورقمايدۇ. لېكىن ئادەملەر ئۆلۈمدىن ئومۇميۈزلۈك قورقىدۇ، بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. پەقەت شەخسىي ھايات ئاخىرلاشقاندىلا، ئاندىن تۈرلەر ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تەبىئەت نېمىدېگەن ئەپچىل، نېمىدېگەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان-ھە!؟

(ئاپتور: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇھەررىر)

ژۇرنىلىمىز 2004.2- سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى ...
 ئاتا مىراس نەسىھەتل...
 ھاياتنىڭ پىچىرلاشل...
 مېنىڭ يەنە بىر تىلى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 ئىككى دېڭىز، ئىككى ...
 قۇلۇلە بىلەن بۈركۈت...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号