تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 0

كومپىوتىرنى تىزلىتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

59

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1608
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 163
تۆھپە : 163
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 09:08:50 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
كومپىيۇتېرغا يېڭىدىن سىستېما قاچىلغاندا تېزلىكى ياخشى بولسىمۇ مەلۇم مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاستىلاپ قالىدىغان ئەھۋال بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئاماللارنى ئىشلەتسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ.

0159
1. ئاپتۇماتىك يېڭىلاشنى تاقاش.
ئاپتۇماتىك يېڭىلاش ھەمىشە ئوچۇق بولسا تور تېزلىكىنى, قاتتىق دېسكىنى, ئىچكى ساقلىغۇچنى, CPU نى ئىگىللىۋېلىپ سىستېمىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئاپتۇماتىك يېڭىلاشنى تاقىۋېتىپ, ئارسال ۋاقىتتا يېڭىلىۋالسا بولىدۇ.
ئۇسۇلى: كونترول تاختىسىدىن ئاپتۇماتىك يېڭىلاشنى تاقاش.

2. كومپىيۇتېر بىلەن بىللە قوزغىلدىغان تۈرلەرنى ئازايتىش.
قوزغلىش تۈرىگە جېق دېتال كىرىۋالسا قوزغىلىش تېزلىكى ئاستىلاپ كېتىدۇ, ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىللىۋالىدۇ. شۇڭا قوزغىلىش تۈردىكى دېتاللارنى ئۆچۈرۋېتىپ, لازىم بولغاندا ئۆزىمىز قوزغىتىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ئۇسۇلى: ئىجرا (运行) غا msconfig دەپ كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرۇپ, 启动 دىكى زۆرۈر ئەمەس تۈرلەرنى چىقىرۋېتىش. ياكى 电脑管家 دېگەندەك ئۈچۈنجى تەرەپ دېتاللىرى ئارقىلىق قوزغىلىش تۈرلىرىنى باشقۇرساقمۇ بولىدۇ.

3. مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكىنىڭ پارچىسىنى قەرەللىك رەتلەش.
قاتتىق دېسكىنى مەلۇم مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن دېسكا پارچىسى كۆپىيىپ, ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك دېسكا رەتلەش ئېلىپ بارغاندا سىستېما تېزلىشىدۇ. ssd قاتتىق دېسكىغا بۇ ھاجەتسىز.
ئۇسۇلى: «مېنىڭ كومپىيۇتېرىم» نى قوش چېكىپ ئاچقاندىن كېيىن رەتلەيدىغان دېسكا بەلگىسىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ خاسلىققا (属性) كىرىپ,  قۇرال (工具) دىن 碎片整理 نى تېپىپ, 分析 نى بېسىپ ئانالىز قىلدۇرۇپ, ئاندىن رەتلەش (整理) نى باسسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ.

4. ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنى ئۆچۈرۋېتىش
قاچىلانغان يۇمشاق دېتال كۆپەيگەنسىرى كومپىيۇتېرنىڭ تېزلىكى ئاستىلايدۇ. شۇڭا كۆپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۋېتىڭ.
ئۇسۇلى: كونترول تاختىسىدىن 程序→卸载应用程序 نى بېسىپ زۆرۈر ئەمەس يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرسە بولىدۇ.

5. ۋىرۇس ۋە تىرويان تازىلاش
ۋىرۇس يۇقسا ئېنىقلا تېزلىك ئاستىلايدۇ, مۇھىم ھۈججەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ. ھەتتا كومپىيۇتېر پالەچ بولىدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېرغا چوقۇم بىر ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى قاچىلاش كېرەك. ۋىندوۋسنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى Windows Defender ياخشى تاللاش. ياكى باشقا ئۈچۈنجى تەرەپ ۋىروسخورىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىككى ئۈچنى قاچىلىۋالماڭ. بىرسى بولسىلا كۇپايە. كۆپ بولسا سىستېما تىزلىكىنى ئاستىلتىۋېتىدۇ, ھەم پايدىسى يوق.

6. قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ قالدۇقىنى تازىلاش.
قاتتىق دېتال ئەخلەتلىرىمۇ سىستېمىنى ئاستىلىتىۋېتىدىغان بىر سەۋەب. 鲁大师 نى قاچىلاپ 清理优化 ئارقلىق قاتتىق دېتال قالدۇقلىرىنى تازىلاشقا بولىدۇ.

7. ئۈستەل يۈزى تەگلىكىنى ئاددى قىلىش.
ئۈستەل يۈزى تەگىلىكىگە فىلىم, ھەرىكەتچان سۈرەتلەرنى قويسىڭىز سىستېما كۆرىنەرلىك ئاستىلايدۇ.

8. ئىچكى ساقلىغۇچنى چوڭايتىش
يۇقارقى ئاماللارنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمىسا ئاخىرقى ئامال ئىچكى ساقلىغۇچنى چوڭايتىش. 32 بىتلىق سىسېما ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئىچكى ساقلىغۇچ 4Gb دىن كىچىك بولسا. 64 بىتلىق سىستېما ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئىچكى ساقلىغۇچ 8Gb دىن كىچىك بولسا ئىچكى ساقلىغۇچتىن يەنە بىرنى ئېلىپ سەپلىسىڭىز ياكى چوڭىسىغا ئالماشتۇرسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ تېزلىكى كۆرىنەرلىك تېزلىشىدۇ.

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-4-1 18:29 , Processed in 0.538959 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش