- شۆھرەت
- 313
- تىللا
- 163
- تۆھپە
- 163
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- تىزىملاتقان
- 2015-6-24
- تېما
- 59
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1027
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 70
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! بىر يولۇچى سەپەردە يول بويىدىلا ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بىر زەھەرلىك يىلان ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئاستا شۇڭغۇپ چىقىپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن يولۇچىغا قاراپ ئۆمىلەپتۇ. زەھەرلىك يىلان يولۇچىنى چاقماقچى بولغان دەل شۇ پەيتتە، يەنە بىر يولۇچى بۇ يەردىن ئۆتۈپ قېلىپ، زەھەرلىك يىلاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ، ھەم شۇنداقلا ئۇخلاۋاتقان يولۇچىنىڭ شىرىن چۈشىنى بۇزىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، ئاستا كېتىپ قاپتۇ. بۇ يولۇچى دائىم باشقىلارنىڭ شاپائىتى ئاستىدا ياشايدىكەن، بىراق ئۇ دەل ئۇيقۇغا كەتكەندە يۈز بەرگەن شۇ ۋەقەنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ.
بىر كۈنى كەچتە خىزمەتدېشىم ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، بالكون چېرىقىنىڭ يۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالكونغا چىقىپ، چىراقنى ئۆچۈرۋەتمەكچى بولغاندا، ئايالى ئۇنى تۇسۇپتۇ. ئۇ ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئايالىدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، ئايالى دېرىزە سىرتىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇ دېرىزە سىرتىدىكى يول بويىدا، ئەخلەتكە تولغان بىر ئۈچ چاقلىق ھارۋىنىڭ تۇرغانلىقى، ھارۋىدا ئەخلەت تىرىدىغان بىر جۈپ ئەر- ئايالنىڭ چىراق نۇرىدا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن چاقچاق قىلىشقاچ، بىر تەرەپتىن تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. چىراق نۇرى ئاستىدىكى بۇ بىر جۈپلەرگە قاراپ، ئۇ ئايالىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپتۇ شۇنداقلا ئايالىنى قۇچاقلاپ، بالكوندىن ئاستاغىنە ئايرىلىپتۇ. دېرىزە سىرتىدىكى ئۇ بىر جۈپ ئەر- ئاياللارمۇ بۇ ناتۇنۇش شەھەردە ئۇلار ئۈچۈن ئاتايىن نۇر چېچىۋاتقان بۇ چىراقنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ.
مىننەتدارلىق قەلبمىز بىلەن ئەتراپىمىزدىكى كىشلەر ئۈچۈن نۇر چاچايلى.
1. قەدىرلەشنى بىلمىسىڭىز، ئالتۇن تاغقا ئېرىشسىڭىزمۇ خوشال بولالمايسىز؛
2. ئەپۇچانلىقنى بىلمىسىڭىز، قانچە كۆپ دوستىڭىز بولغان بىلەنمۇ ھامان سىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؛
3. مىننەتدارلىقنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە مۇنەۋۋەر بولغىنىڭ بىلەنمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ناتايىن؛
4. ھەركىتىڭىز بولمىسا، ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنىڭىز بىلەنمۇ ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناتايىن؛
5. ھەمكارلىقنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە تىرىشسىڭىزمۇ، مەقسەتكە يىتەلىشىڭىز ناتايىن؛
6. جۇغلاشنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپسىڭىزمۇ، باي بولالىشىڭىز ناتايىن؛
7. قانائەتلىنىشنى بىلمىسىڭىز، ھەرقانچە باي بولسىڭىزمۇ بەختلىك بولالىشىڭىزمۇ ناتايىن؛ رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ |
|