- شۆھرەت
- 313
- تىللا
- 163
- تۆھپە
- 163
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- تىزىملاتقان
- 2015-6-24
- تېما
- 59
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1027
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 70
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! 1. ئا
(ئانا تىلىم) ئانامدۇر،
ئاسراي ئالتۇن ئانامنى،
ئالغا ئاتلاپ ئارمانسىز،
ئاقلاي ئارزۇ-ئارماننى.
2. ئە
(ئەجدات تىلىم) ئەزەلدىن،
ئەزىزلەشكە ئەرزىيدۇ،
ئەدەپ-ئەخلاق ئەسكەرتىپ،
ئەنبەرلەردەك ئەۋجىيدۇ.
.3. ئې
(ئېرپان تىلىم) ئېقىنى،
ئېرىق-ئېرىق ئېقىشار،
ئېڭىن ئېچىپ ئېچىشىپ،
ئېلىم-ئېھسان ئېيتىشار.
4. ئى
(ئىلىم تىلىم) ئىسىلدۇر،
ئىللىتىدۇ ئىقلىمنى،
ئىزدىنىدۇ ئىزلاردىن،
ئىلگىرلىتىپ ئىلىمن
5. ئو
(ئويغاق تىلىم) ئورۇنلۇق،
ئويغىتىدۇ ئوسالنى ،
ئويغىتىدۇ ئوۋلاردا،
ئويغانمىغان ئوغالنى.
6. ئۆ
(ئۆزلۈك تىلىم) ئۆزلۈكتە،
ئۆرلەلەيدۇ ئۆملۈكتە ،
ئۆچۈرۈلمەس ئۆرنەكتەك،
ئۆتمەيمىزمۇ ئۆملۈكتە.
7. ئۇ
(ئۇيغۇر تىلىم) ئۇنتۇلماس،
ئۇيغۇرۇمدۇر ئۇيۇلتاش،
ئۇيغۇرلارغا ئۇياتتۇر،
ئۇتۇقسىزلىق ئۇ ئۇخلاش.
.8. ئۈ
(ئۈلگە تىلىم) ئۈزدۈرەر،
ئۈمىتلەردىن ئۈمىتلەپ ،
ئۈگۈنۈشتە ئۈزەيلى،
ئۈلگىلەردىن ئۈنچىلەپ.
.9. ب
(بۇغداي تىلىم) بايلىقتۇر،
بېرەر بىلىم بەتمۇ-بەت ،
( بۇلبۇل تىلىم) باھاردۇر،
بېرەر بىزگە بەرىكەت
..10. س
(سۇلتان تىلىم) سىماھى،
سۇلتان قەسىدە.
20. ل
(لېرىك تىلىم) لېرىكا،
لايىق لالە-لىباسقا،
لەنەتلەرگە لايىقتۇر،
لايغەزەلدەك لىڭتاسما .
21. م
(مەزمۇت تىلىم) مېھنەتكەش،
مۇشەققەتكە مۇڭلانماس ،
مېھنەتسىزلەر مۈدۈرۈپ،
مەڭگۈ مەغرۇر ماڭالماس .
22 . ن
(نۇرلۇق تىلىم) نۇرىدىن،
نۇرلىنىدۇ نەۋباھار ،
نۇرلىنىدۇ نەۋرۇزدا،
نەزمە، نەغمە-ناۋالار.
23. پ
(پارلاق تىلىم) پەخرىمدۇر ،
پەزىلەتتە پەرىشتە ،
پىتنە-پاسات، پەتىۋا،
پارلىيالماس پەلەكتە .
24 . چ
(چولپان تىلىم) چاقنايدۇ،
چېھرى چىراق چۇغلۇقتەك ،
چەكسىزلىكتە، چىنلىقتا،
چاقناۋاتقان چولپاندەك.
25. ر
(راۋان تىلىم) رەنادەك،
روشەنلىكنى راۋالار ،
راۋالانسا روشەنلىك ،
روھسىزلارمۇ روھلىنار .
26 . ت
(تۇلپار تىلىم) تىلسىمدۇر،
تىلسىماتنى تىترىتەر ،
توسقۇنلاردا توختىماي،
توسقۇنلارنى تىزگىنلەر.
27 . ۋ
(ۋارىس تىلىم) ۋەزنىڭدىن،
ۋۇجۇد ۋىجدان ۋولقانلار ،
ۋۇجۇدىڭدىن ۋارىسقا،
ۋارىسلىغىن ۋارىسلار .
28 . ش
(شۇڭقار تىلىم) شۇڭغۇيدۇ،
شىجائەتلىك شىرلاردەك ،
شانۇ-شەۋكەت شەرھىلەر،
شاپائەتچى شاھلارەك .
29 . ي
(يۈرەك تىلىم) ياشنىسۇن،
يوقاتمايلى يۈرەكنى ،
ياشنىتايلى يىلمۇ-يىل،
يالقۇنجاپلا يۈرمەكنى.
30. ز
(زىبا تىلىم) زەپەرلىك،
زوراي زامان زىمىنغا ،
زەرەپشاننى زىبانى،
زەنجىرلىگىن زېھىنغا.
31. ژ
(ژانىر تىلىم) ژانىردەك،
ژانىرلايدۇ ژورنالنى ،
ژانىرلانسا ژورناللار،
ژانىرلايمىز ژانىرنى.
32 . ڭ
ياشنا تىلىم ياشناڭلار،
پارلا تىلىم پارلاڭلار ،
قاراڭغۇدا قالماڭلار،
ئۆزلۈكىڭدە ئۆرلەڭلار.
- كارۋان - |
|