تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 16|ئىنكاس: 0

زىققا بىمارلىرى ئۈچۈن – چامغۇر شورپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

59

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1608
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 163
تۆھپە : 163
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-6 23:52:56 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بۇ خىل ئوزۇقلۇق-تاماق رېسالىلىرى بىلەن داۋالىنىشقا ماس كىلىدىغانلار ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسەللىكلەردىن قان ئازلىق، ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئورۇقلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان ياللۇقى، زېققە، دىئابىت، يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزى بېزى ياللۇقى، بۆرەك سوغۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، بەل-بوغۇم ئۇستىخان ئاغرىقلىرى دېگەندەكلەردە دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنسا داۋالىنىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا زۇكام، قىززىتما، قوقاق، ئىچ سۈرۈش، يۆتەل، قۇسۇش، كۆڭۈل ئىلىشىش دېگەندەك ئۇششاق سانىلىدىغان كېسەللىكلەردىمۇ غىزا رېتسىپلىرى بىلەن كۈتۈنسا تېزلا ياخشى بولۇپ كىتىشىمۇ مومكىن. بۈگۈن زىققا بىمارلىرى ئۈچۈن – چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.
چامغۇر شورپىسى
ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت يىرىم پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.
تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:
1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز.
2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سىلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سىلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زېققە بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-4-1 18:31 , Processed in 0.585942 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش