- شۆھرەت
- 313
- تىللا
- 163
- تۆھپە
- 163
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- تىزىملاتقان
- 2015-6-24
- تېما
- 59
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1027
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 70
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! ئوتتۇزغا كەپتۇق
ئاپتۇرى : نەزەردىن جامالىدىن
( مۇشۇ ياشتىكى دوستلارغا ئاتاپ )
ئوتتۇزغا كەپتۇق ...
تۈگەپ قاپتۇ ئۆمۈر يېرىمى ،
سوقۇلۇپتۇ تۇرمۇشنىڭ تېمى ،
ئەمدى تۇرمۇش ، بالىنىڭ غېمى ،
ئەل سورايدۇ شاشلىقىڭ قېنى ،
ئېغىر - بېسىق بوپ قاپتۇق ئەجەپ ،
ئات چېپىپتۇق ئەمدى تۇرمۇش دەپ ،
قولىمىزدا ئاتنىڭ تىزگىنى .
ئوتتۇزغا كەپتۇق ...
خوشلىشىپتۇ بىزدىكى ياشلىق ،
كۆرۈنمەيدۇ ئەمدى بەڭباشلىق ،
ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز باشلىق ،
ياراشمايدۇ ھىلقىدەك شاشلىق ،
قېنىق ئەمەس قاشلاردا قاشلىق ،
توي قىلغانلار ۋاي ئائىلەم دەپ ،
قېلمىغانلار توي غېمىنى يەپ ،
باشقا كەلسە بەزىدە غەملەر ،
بېرىدىغان بوپتۇق بەرداشلىق .
ئوتتۇزغا كەپتۇق ...
ئاتا - ئانا قەدرىگە يەتتۇق ،
گۈدەكلىكنىڭ يىنىدىن كەتتۇق ،
ئەسلىگەندە ياشلىقىمىزنى ،
بەزەن تېخى ھەسرەتمۇ چەكتۇق ،
تەجىربىمىز بار بولدى ئەمدى ،
يامان يولدىن بىز نېرى كەتتۇق .
چۈشەنمەيتتۇق تۇرمۇش دېگەننى ،
ئەمدى ئەشۇ تۇرمۇش ئۈچۈن بىز ،
گۇناھلارنىڭ ئىشىكىنى ئەتتۇق .
ئوتتۇزغا كەپتۇق ...
بىر چاغلاردا چوڭ بولساڭ دەيتتۇق ،
چوڭ بولۇشنىڭ غېمىنى يەيتتۇق ،
ئىنسان دېگەن ئەجەپكەن ، ئەمدى ــ
بالىلىقنىڭ قەدىرىگە يەتتۇق. رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ |
|