- شۆھرەت
- 313
- تىللا
- 163
- تۆھپە
- 163
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- تىزىملاتقان
- 2015-6-24
- تېما
- 59
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1027
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 70
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! ۋىتامىن س نىڭ تۇرلۇك ئالاھىدىلىكلىرى:
ۋىتامىن س ئاساسلىقى كوللاگېننىڭ بىرىكتۇرۇشىگە
قاتنىشىدۇ،قان تومۇر ئۇستۇنكى تېرىسىنى شەكىللەندۇرىدىغان مۇھىم ئاساسىي ماددا،قارا پىگمىنىت(مەسىلەن:سەپكۇن،ئالچىپار تەمرەتكە ۋە قارا داغ)قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ…
-ئاياللارنىڭ ئۆتىدە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يەنى ۋىتامىن س خولېستىرولنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردەم بىرىپ،ئۆتتە تاش بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
-ۋىتامىن س نىڭ ياللۇغنى تورمۇزلاش جەھەتتىكى رولى ئاساسلىق جىنسى يول ياللۇغى،چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق ھەرخىل ياللۇغلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
-ئىممىنونىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ئىممىنۇنىت سېستىمىسىدىكى مۇھىم رولچى ئىنتېرفېرون بولۇپ،ئۇ ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقىغا ئىگە ئاقسىلدۇر.ۋىتامىن س نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا،ئىنتېرفېرون بەدەندە كۆپلەپ پەيدا بولىدۇ-دە،بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىمىنىونىت كۇچىنى كۇچىيىپ،ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى،ۋىتامىن س نى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش،بىردىنبىر ئۇنۇملۇك ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلىدۇر…
-قان تومۇرلارنى ئاسراپ،ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ…
-چارچاشنى تۈگىتىپ ،بەدەن كۇچىنى كۇچەيتىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىچە ۋىتامىن س بارلىق ۋىتامىنلارنىڭ ئارىسىدا چارچاشنى ھەممىدىن بەك تۇگىتەلەيدىغان ئالاھىدە ئۇنۇملۇك دورا ئىكەن …
-تاماكا چىكىشتىن كىلىپ چىققان ھەرخىل زىيانلارنى ئازايتىدۇ…
-بىسىمنى تۇگىتىپ ،روھى كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
-قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا،زەھەرلىك ماددىلار چوڭ ئۇچەيگە يىغىلىپ قالىدۇ،ئەگەر پەرۋا قىلىنمىسا،چوڭ ئۇچەي راكى پەيدا قىلىش خەۋپى بولىدۇ…
-كۆز گۆھىرىگە ئاق چۇشۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مىدىتسىنادا ئىسپاتلىنىچە،كۆچ گۆھىرىنىڭ دۇغلىشىشىدىكى سەۋەپ،ئاقسىلنىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن ئىبارەت،ۋىتامىن س نى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بۇ خىل ئوكسىدلىنىش رىئاكسيسىنى تورمۇزلىغىلى بولىدۇ…
-جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۇچەيتىدۇ.
ۋىتامىن س جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى بىۋاستە ياخشىلاپ،ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىگىرى سۇرىدۇ… |
|