- شۆھرەت
- 313
- تىللا
- 163
- تۆھپە
- 163
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-27
- تىزىملاتقان
- 2015-6-24
- تېما
- 59
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1027
- ھوقۇقى
- 70
- يازما
- 70
 
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! ئوقۇتقۇچىلارنى كىم چۈشىنىدۇ؟
مەركىزىي تىلىۋىزىيە ئىستانسى مائارىپ قانىلنىڭ بىر مۇخپىرى سىچىۋەنلىك بىر ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىلغان. ئوقۇتقۇچنىڭ مۇخپىر سورىغان ھەربىر سۇئالغا بەرگەن جاۋابى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مۇخپىر: - بەزى كىشلەر << تەربىيلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، پەقەت تەربىيەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار >> دەيدىكەن، سىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سالايىتىڭىز بىلەن بۇ مەسلىگە قانداق قارايسىز؟
ئوقۇتقۇچى ناھايتى كەسكىن قىلىپ:
- ئەمسە پاش قىلغىلى بولمايدىغان دىلو يوق، ئەمما پاش قىلمايدىغان ساقچى بولامدۇ؟ باشقۇرغىلى بولمايدىغان پۇقرا يوق، پەقەت ياخشىى باشقۇرمايدىغان رەئىس بولامدۇ؟ ساقايتىقىلى بولمايدىغان كىسەل يوق، پەقەت داۋالىمايدىغان دوختۇر بولامدۇ؟!
مۇخپىر: - باللارنىڭ لاياقەتلىك ياراملىق بىلىم ئىگىلىرى بولشى ئوقۇتقۇچىغا باغلىق، دېگەن قاراشقا قانداق قارايسىز؟
ئوقۇتقۇچى: - بولىدۇ ئەمسە، تارىخقا قاراپ باقايلى! جۇڭگۇ ھەتتا شەرق مائارىپىغا تەسىر كۆرسەتكەن مائارىپشۇناس كۇڭزى ھەزرەتلىرىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق شاگىرتى بولغان، بۇلاردىن پەقەت 72 نەپەر ئادەم لاياقەتلىك بولغان، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 2.4 پىرسەنىت بولغان...
مۇخپىر: - ھازىر كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باللارنى ياخىشى تەربىيىلىمگەنلىكىگە نارازى بولىدۇ. بۇ نىمە ئىش؟
ئوقۇتقۇچى: - بىز ھەممىگە قادىر ئەمەس، دادا، ئانا، يەنە تېخى بوۋا، مومادىن ئىبارەت تۆت كىشى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىغان بالىنى بىر ئوقۇتقۇچى قانداقمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تەربىيىلىيەلىسۇن؟ ئېسڭىزدە بولسۇن، بىر ئۆيدە كۆپ بولسا 2ياكى 3 پەرزەنىت بولىدۇ. ئەمما بىر سىنىپتا 40 دىن 50 گىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى بولىدۇ.
مۇخپىر: - سىللەرگەدۆلەت بىر يىلدا ئىككى قېتىم تەتىل قىلىپ بىرىدۇ، بۇ نېمە دېگەن ياخشىى ھە؟
ئوقۇتقۇچى: - مەن بۇ مەسلىگە ئىككى يۆلىنىش بويىنچە جاۋاپ بىرەي، بىرى، سىلەر مۇشۇنداق بولغانغا خۇش بولساڭلار بولىدۇ .بولمىسا، ئوقۇتقۇچى بولدىغان ئادەم چىقماي، بالىلار ساۋاتسىز قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، ئەگەر 365 كۈن دەرس ئۆتسەك باللىرىڭىز كېلىپ دەرس ئاڭلامدۇ؟ ئاۋال شۇلاردىن سوراپ بېقىڭ!
مۇخپىر: - بەزىلەر << ئوقۇتقۇچى بىر ھەپتىدە نەچچە سائەتلا دەرس ئۆتىدۇ، قالغان چاغ بىكار >> دەيدۇ. سىز بۇ مەسلىگە قانداق قارايسىز؟
ئوقۇتقۇچى: - ئوقۇتقۇچى ئۇ ھۆكۈمەت مەمۇرى ئەمەس، ياكى دوختۇر ئەمەس، ئىشى تۈگدى بىكار بولدىغان! ئۇ بىر سائەت دەرسكە 2 سائەت تەييارلىق ماتىرىيال يازىدۇ، يەنە باللىلارنىڭ ئەخلاقىي، جىسمانىي، مۇزاكىرە ۋە تازلىق...قاتارلىق تۈگۈمەس ئىشلارنى قىلىپ، ئۆيگە قايتۇچە بولغان ئىشلىرىغا ئىگە بولىدۇ.
مۇخپىر: - ئادەتتە دەرس ئۆتۈش ناھايتى ئازادە بولىدىغاندۇ؟
ئوقۇتقۇچى: - ئادەتتە ياخىشى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش بىر قېتىملىق قىزغىن پاراڭغا ئوخشايدۇ، ئەكسىچە قۇلاق كەستى، ئاتا-ئانىسىمۇ باشقۇرالمايدىغانلارغا دەرس ئۆتۈش ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلشىغا ئوخشايدۇ...
مۇخپىر: - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بەك ئۆستى، يەنە قاخشامسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى: - بىز مائاش ئۆسسە خۇش بولمىز، بىراق ئۆسمىسە بەك قاخشاپمۇ كەتمەيمىز. چارچىغاندا << ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسنى تەربىيە لەۋاتمىز >> دەپ تەسەللىي تاپمىز. بىراق، ئويلاپ بېقىڭ! بىرەر ھۆكۈمەت مەمۇرى مائاشنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئالماشقىنىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بەزى ئوقۇتقۇچىلار مائاشى ئۆسسىمۇ، تەتىلى ياخشى بولسىمۇ جاپاغا، تاپا-تەنىگە چىداپ بولالماي، باشقا كەسىپكە ئالمىشدۇ!!!... رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ |
|