تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 43|ئىنكاس: 0

«يولغۇن قىزاردى» ناملىق خەتتاتلىق ئەسەرلىرى توپلىمى ئىشلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

59

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1608
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 163
تۆھپە : 163
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 09:18:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!

بۇ يىل دەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتى قورۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق تويىنىڭ خاتىرە يىلى, مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقا بۆلۈمى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە, شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ قوللىشى ۋە پىلانلىشى ئاستىدا خەتتاتلىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش مەقسىتىدە «يولغۇن قىزاردى» ناملىق خەتتاتلىق ئەسەرلىرى توپلىمى ئىشلەشنى قارار قىلدۇق.
بۇ توپلامغا ئۆتكەن يىل غولجىدا ئۆتكۈزۈلگەن 30-نۆۋەتلىك خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ, جايلاردىكى خەتتاتلارنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك خەتتاتلىق ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ, خەتتاتلار تۈۋەندە دېيىلگەن بارلىق تەلەپلەرگە تولۇق رىئايە قىلغان ئاساستا ئەسەر يوللىشى كېرەك, ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ياكى ماتىرياللار تولۇق بولمىغان ئەسەرلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.
ئەسەر قوبۇل قىلىش تەلەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەسەر مەزمۇنى ساغلام, تىلى چۈشنىشلىك, ئاممىباب بولۇشى, ئىملاسى توغرا, ھەرخىل نۇسخىلاردا, نۇسخا ئالاھىدىلىكىگە رىئايە قىلغان, ئۆلچەملىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەۋەتىلگەن خەتتاتلىق ئەسىرى چوقۇم شۇ خەتتاتنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك, خەتتاتنىڭ ھازىرقى خەتتاتلىق سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەسەر سانى 5 پارچىدىن 10 پارچىگىچە بولسا بولىدۇ,  ئەسەرنى كەسپىي ئاپىراتتا يۇقىرى ئېنىقلىقتا تارتىپ  بەلگىلەنگەن ئېلىخەت ئادىرسىغا يوللايدۇ, كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنغان, كىرىشتۈرۈلگەن ئەسەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ, چوقۇم ئەسلىي ئەسەرنىڭ تۇنجى تارتىلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەر ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا ئىسىم-فامىلىسى, خىزمەت ئورنى, ياراتقان نەتىجىسى, ئېرىشكەن مۇكاپاتى, قاتناشقان ئاممىۋى تەشكىلاتى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆپتۈرۈلمەي, سۈپەتلىمەي يېزىلغان تەرجىمھالى, ئۆلچەملىك چۈشكەن سۈرىتىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى قوشۇپ ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەسەرنى شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقە خادىمى ئەرشىدىن رىشىتنىڭ ئىلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 13999893243
ئېلىخەت ئادىرسى:

6. ئەسەر قوبۇللاش ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولىدۇ, كىچىكسە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتى
شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى
شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى2015-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ, رايۇنىمىز بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش, خەتتاتلىق قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.
شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى خەتتاتلىق تەربىيەلەش, كۆرگەزمە ئويۇشتۇرۇش, مۇسابىقە تەشكىللەش, رايۇنىمىزنىڭ مەدەنيەت-سەنئەت بويۇملىرىنى چەتئەللەرگە يۈزلەندۈرۈش  جەھەتلەردىكى بوشلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى ئاتاقلىق خەتتات ئۇستازلار تەرىپىدىن قورۇلغان بولۇپ, رايۇنىمىز مەدەنيەت ساھەسىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى سىستىمىلىق پائالىيەت ئەپ بارىدىغان, باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەيدىغان, مۇستەققىل تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان,  چەتئەل ۋە رايۇنىمىز ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش, مۇسابىقە قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇنتىىزىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدىغان ئورۇننىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولۇقلاش مەقسىتىدە قورۇلۇپ, خەتتاتلىقىمىزنى دۇنياغا, ئىقتىسادقا يۈزلەندۈرۈش جەھەتتە ھەسسە قوشىۋاتىدۇ.
بۇ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى توپلىمىنىڭ ئەسەر يىغىش, لايىھەلەش ۋە بېسىپ چىقىرىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلىرنى شىنجاڭ فونۇن مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ, ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان تەلەپ يۇقىرى, خەتتات ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قوۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىم

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-4-1 12:47 , Processed in 0.609291 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش