نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىكك

يوللانغان ۋاقتى: 03:04 09-02-2011 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق


پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىمى ، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شىپا بولىدۇ ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
دائىم پىياز يەپ بەرگەندە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . پىياز ئەقلى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېشىل قۇۋۋەت ئۇزۇقلۇقى بولۇپ ،قۇلۇلە ، راك ، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارغا ئوخشاش دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرغاندا كۆپرەك پىياز سېلىۋەتسە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ؛ ئۇماچ ئەتكەندە ئازراق سېلىۋەتسە سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا بولىدۇ ؛ پىيازنى ئۇششاق توغراپ ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ ؛ پىيازنى ئېزىپ ، داكا خالتىغا سېلىپ باشقا سۈرتۈپ ، 24 سائەتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە باش كېپىكىنى يوقىتىدۇ . يازلىق غولپىياز ، غول پىيازۋە باش پىيازلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار .
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، باش پىيازدا كالتسىي تەركىبى مول بولۇپلا قالماي ، كالتسىينىڭ خورىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئاياللار 30 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىشقا باشلايدۇ . شۇڭا كۈندە باش پىياز ئىستېمال قىلىپ ، سۈت ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى كالتسىينى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، باش پىياز تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا پىروستاگلاندىن A بولۇپ ، قان تومۇرىنىڭ يۇمشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ ، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، باش پىياز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى بار بولۇپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق .

 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر