ئۇيغۇر تېبابىتى يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى
يوللانغان ۋاقتى: 02:54 21-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: ئابلىكىم نۇ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر تېبابىتى يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى
تۈزگۈچى: ئابلىكىم نۇرمۇھەممەت ھاجى
<< قوغۇن>>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، قەۋزىيەت، ئېغىز - بۇرۇنغا يارا چىقىش، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< تاۋۇز >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، قىزىتما، ئىسسىقتىن بولغان زىققە، ئۇسسۇزلۇق، ياز - كۈز پەسلىدىكى ئىچ سۈرۈش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< نەشپۈت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىپ، بەلغەم بوشتىدۇ، يۆتەل توختىتىدۇ؛ نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< لىمۇن >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ كېلىش، شاخچە كاناي ياللۇغى، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، ۋىتامىن c كەملىك كېسىلى، دانىخورەك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بانان >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، زەھەر ياندۇرىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇق، قەۋزىيەت، بوۋاسىرقاناش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر قېتىشىش، ھەزىم خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى، بوغما ئۈچەي راكى، تېرە راكى، تېرە يېرىلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< گىلاس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، يەلتاشما، قان ئازلىق، قالقانسىمان بەز ئىششىقى، ئەسۋە، كۆيۈك يارىسى، ئۈششۈك يارىسى، رىماتىزىم، پالەچ، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
<< دولانا >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ھەزىم ناچارلىقى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئازىيىپ كىتىش، تولغاق، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئېشىپ كىتىش، سېمىزلىك، ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، جىددى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىقى، گالغا بىلىق قىلتىرقى تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بېھى >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: خوشلۇق كەلتۈرىدۇ، يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
<< ئالۇچا >>
تەبىئىيتى:ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: تولغاق، ئاپتاپ ئۆتۈپ قىلىش، رىماتىزىم، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، شېكەر سىيىش كېسىلى، قاناشلارغا شىپا قىلىدۇ.
<< ئامۇت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئاشقازاننى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ. قان پەيدا قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
<< جىگدە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
<< شاتۇت >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، ئىسسقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
<< جىنەستە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئاشقازان، بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ھەزىم قىلىشىقا ياردەم قىلىدۇ، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ.
<< قارىئۆرۈك >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، باش ئاغرىقىنى، سەپرا خاركتېرلىك قىزىتمىلارنى پەسەيتىدۇ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى توختىتىدۇ، قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ.
<< كۆسۇلتان >>
تەبىئىيىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ ئېشىپ كېتىشىنى قۇسۇشنى، ھۆنى ۋە جۈدەتكۈچى قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، مېڭە ھەم بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
<< ئالىگىرات >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ تېزلىكىنى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، سەپرانىڭ ئاشقازان - ئۈچەيگە قۇيۇلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ئىچ سۈرۈشىنى توختىتىدۇ، ئاشقازان - جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< نارجىل >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: تەبىئىىي ھارارەتنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ، باھنى كۈچەيتىدۇ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< زىرىق >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى، ئىچ سۈرۈشنى توختىىتىدۇ.
<< ئالقات >>
تەبىئىيىتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: قان ۋە سەپرانىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىدۇ، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< خورما >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئوزۇق بولىدۇ، قان پەيدا قىلىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇقتىن، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، بوۋاسىرنىڭ ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازان - ئۈچەيلەرنى تازىلايدۇ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
<< جىغان >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل توختىتىدۇ، نەملىك پەيدا قىلىدۇ. قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تال - ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< ئاپتاپپەرەس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، ماددىلارنى تازىلايدۇ، مېڭنىڭ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، مېڭە، ۋە پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلىرىنى، چىش ئاغرىقىنى، پەسەيتىدۇ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ، بوۋاسىرنى، ئۆپكىنىڭ جاراھىتىنى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇششاق تاشلارنى ئېزىدۇ، قولىنجىنى يوقىتىدۇ.
<< ئاپلىسىن >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ، ئاشقازان، جىگەر، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، دىئافراگما پەردىسىدە يەل تۇرۇپ قېلىشنى، ياندۇرۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< خاسىڭ >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل، زىققە، كۆڭۈل ئايىنىش، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىق، قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىمى، قان ئازلىق، قان پلاستىنكىسى ئازىيىش، يۇقىرى خولېستىرېنلىق قان كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈت يىتىشمەسلىك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەنبە: <<ئۇيغۇر تېبابىتى يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى>> دىگەن كىتابدىن ئېلىندى.
|
------分隔线----------------------------