چاچنى داۋاملىق تاراپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، بىراق چاچنى بەك تولا تارىغاندا باشتىكى ياغ بېزى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چېچى مايلىق كىشلەر چاچنى جىق تارىماسلىقى، كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك. چېچى قۇرغاق كىشلەر چېچىنى جىق تارىسا ياغ بېزى تەسىرگە ئۇچىراپ، چاچقا خېلى كۆپ پايدىسى بۇلىدۇ؛ چېچى مايلىق كىشلەرنىڭ ياغ بېزى ئەزەلدىنلا كۆپ ماي ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، چاچنى بەك كۆپ تارىسا چاچ تېخىمۇ مايلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا چاچتىكى كېپەك كۆپىيىپ كەتكەندىن باشقا، يەنە باشمۇ تولا قىچىشدىغان بولۇپ قالىدۇ، باشنى ئۇۋۇلىغاندا تىرناق بىلەن ئەمەس، بەلكى بارماق بىلەن ئۇۋۇلاش كېرەك، چۈنكى تىرناق بىلەن ئۇۋلىغاندا ياغ بېزىنىڭ ياغ ئاجىرتىپ چىقىرىشى ئوخشاشلا تېزلىشىپ كېتىدۇ. |