قەۋزىيەت بولغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
يوللانغان ۋاقتى: 22:04 07-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قەۋزىيەت - چوڭ تەرەتنىڭ قاتتقىلىشىپ ئۈچەيدە راۋان ماڭمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بىر خىل ئادەتكە ئايىلىنىپ قالىدۇ.بۇ ب
قەۋزىيەت - چوڭ تەرەتنىڭ قاتتقىلىشىپ ئۈچەيدە راۋان ماڭمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بىر خىل ئادەتكە ئايىلىنىپ قالىدۇ.بۇ بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى.ئادەتتە تاماق يەپ 48 سائەت ئىچىدە چوڭ تەرەت كەلمىسە ،قەۋزىيەتنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.ئەمما،ھەربىر ئادەمنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ئوخشىمىغانلىقتىن ،كېسەللىك ئىپادىلىرىگە ئاساسلىنىپ قەۋزىيەتكە دىئاگنوز قۇيۇشقا بولىدۇ.
قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۇسۇللىرى؛
1. ئالدى بىلەن نورمال چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ،مەيلى چوڭ تەرەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن كۈندە بىر قىتىم ھاجەتكە ئولتۇرۇش ھەم چوڭ تەرەت قىلىش رىفېلىكىسىنى يىتىلدۇرۇش .
2. تامىقى بەك ئاز كىشىلەر تاماق مىقدارنى ئاشۇرۇش كىرەك.كۆكتاتلارنى كۆپرەك يىيىش،سىرىق پۇرچاق ،خۇڭشۇ قاتارلىق چوڭ تەرەت ھەيدىگۇچى يېمەكلىكلەرنى يەپ بىرىش كىرەك .ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش كىرەك .
3. ئاساسلىق يىمەكلىككە تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك قۇشۇپ يىيىش كىرەك .مەسلەن، چىلان،پەمىدۇر،ئۈزۈم، ئۈرۈك ،ئالما،نەشپۈت،بانان،چىڭسەي قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك .
4. قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش كىرەك .چۇنكى ، چوڭ تەرەتنىڭ قىتىم سانى ۋە قاتتىقلىقى سۇ ئىستىمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر ئۈچەي يولىدا يېتەرلىك مىقداردا سۇ بولسا،چوڭ تەرەت ئاسان كىلىدۇ.
5. تۇرمۇشتا رېتىملىق بولۇش ،رۇھىي جىددىيلىكتىن ساقلىنىش كىرەك .
6. بەدىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قورساق مۇسكۇل قىسقىراش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن ،كۆپرەك ھەركەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك.
7. بەزىلەر تۇرمۇشتا كالاسۈتى، سۈت بىلەن ئىشلەنگەن قۇشۇمچە يىمەكلىكلەرگە ۋە تۇخۇمغا ئامراق كىلىدۇ. مانا بۇلارمۇ قەۋزىيەتنى ئىغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭا،بۇلارنى ئاز يىيىش كىرەك.
8. بەك ياشىنىپ قالغان ئاجىز كىشىلەرگە سۈرگۈ دۇرلىرىنى بەرمەسلىك كىرەك.
|
------分隔线----------------------------