نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سىرلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 13:22 25-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېڭى بايقالغان ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سىرلىرى - بۆرەك تېشى كالتىسىي ئوكسىالات، چۆپ كىسلاتاسىغا ئوخشاش ماددىلار سۈيدۈك يولى ئىچىد

يېڭى بايقالغان ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سىرلىرى - بۆرەك تېشى


كالتىسىي ئوكسىالات، چۆپ كىسلاتاسىغا ئوخشاش ماددىلار سۈيدۈك يولى ئىچىدە نۇرمىدىن ئارتۇق توپلۇنۇپ، سۈيدۈك زىيادە تويۇنغان ئېرىتمە ھالغا كىلىپ كىرىستاللاشسا بۇ بۆرەك تېشى پەيدا بولىدۇ. بۇ تاشلار سۈيدۈك يولى بىلەن يا سىىتقا چىقىپ كىتىدۇ ياكى بۆرەك، جۈملىدىن سۈيدۈك يولىنىڭ مۇئەييەن بىر يېرىگە يېپىشىپ تۇرۇپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.

بۆرەك تېشى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى:

سوغۇق تېگىپ ئەنگىز بولۇپ كەتكەن ۋە سۈيدۈك يولىدا چۆپ كىسلاتاسى بارلارنىڭ بۆرەك تېشى بولۇش ئېھتىماللىقى كۆپ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاساسىي تەركىبى كالتىسىيلىق چۆپ كىسلاتاسى بولغان تاش، بۆرەكتە پەيدا بولىدىغان تاشلارنىڭ 71%-80% تىنى ئىگەللەيدۇ. ئورىيالىق تاش %5 -%10 تىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي تەركىبى كالتىسىي كاربۇناتلىق تاشلارمۇ ئۇچرايدۇ. ئەمما نېمىلا بولسۇن بۆرەك تېشىنىڭ تەركىبى بىرلا خىل بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا بۆرەك تېشى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار مۇنۇلار:

1.سوزۇلما سۈيدۈك يولى ياللۇقى؛

2.بۆرەكتىكى بۇزۇلمىلار ۋە بۆرەك ساقسىزلىقى(بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشى، خالتىلاشقان بۆرەك ۋاھاكازالار)؛

3.يىمەك ئالاھىدىلىكى؛

4.سوغۇق تېگىش؛

5.زىيادە كالتىسىيلىق سىيىش؛

6.قىسمەن دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش (چىڭمىسۇ، توباۋ دېگەندەك ئانتى ۋىرال دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش...)؛

7.ئەچەي ياللۇقى دېگەندەك بەزى كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇش؛

8.ئىرسىي ئامىللار؛

9.يانداش ئۈچەي ئۇلاش دېگەندەك بەزى ئۈچەي ئوپراتسىيەلىرى؛

10.قالقانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش دېگەندەك مىتابولىزىم ساقسىزلىقلىرى.

ئادەتتە بۆرەك تېشى پەيدا قىلىۋاتقان بۇ ئامىللار يوقىتىلمىغاندا بۇرۇن كالتىسيلىق تاش بولغان كىشىنىڭ تەكرار تاش كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ. ھازىرقى سىتاستىكىلاردىن قارىغاندا بەدەندە بىر قېتىم تاش كۆرۈلگەنلەرنىڭ بىر يىلدىن كىيىن تاش كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى 15% ، 10 يىل ئىچىدە تاش كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى 80% بولىدۇ. جەريان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقارقى 10 ئامىلنىڭ تۈرلۈكچە ماسلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە كالتىسىي دېگەندەك سۈيدۈكتە كىرستاللاشقىلى ئاران تۇرغان ماددىلارنىڭ، يىپىشتۇرغۇچى ئاقسىللارنىڭ كۆپىيىشى، ئاز سىيىش، كىرستاللىشىشقا قارشى ئامىللارنىڭ ئازلىشى، بۆرەكنىڭ سوۋۇشى مۇقەررەركى بۆرەك تېشىنى چىللايدۇ.

بۆرەك تېشىنى چۈشۈرۈشتە يېمەك-ئىچمەك

بكرەكتە تاش پەيدا بولۇشتا يېمەك-ئىچمەكنىڭ رولى خېلى زور. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئىلمىلىك بىلەن بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە ماسلاشماقنىڭ ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. شۇڭا:

1. كۆپرەك سۇ ئىچىش (كۈندە 2.5 ل ئەتراپىدا تازىلانغان سۇ) پايدىلىق.

2.كولا، سودا سۈيى دېگەندەك ئاستىتاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىچمىگەن ياخشى.

3.چاي، قەھۋە ئىستىمالىنى ئازايتماق لازىم.

4.كۈندىلىك ئىستىمالدا سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم (چالا پۇشۇرغان تۇخۇم)غا يېقىن تۇرماق لازىم.

5.يۇقۇرى مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بار دادۇر، قارا چاي، شاكىلات، كولا، ئەنجۈر، قارامۇچ، يۇمغاقسۈت، خەشخاش ئۇرۇقى، ئوسۇڭ، بۆلجۈرگەنلەرگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ يەۋالماسلىقى لازىم.

6.تۇزسىزراق تاماق يىمەك لازىم.

7.پالەك، قوزقەرن، بىلىق، كاللا-پاقالچاق، پىۋا، ھاراق-شاراپتىن پەرىز تۇتماق لازىم.

8.بەدەننى ھالسىرتىۋەتمىگەن ئاساستا تەنھەركەتنى كۆپەيتمەك كېرەك.

9.غەم-ئەندىشە، بىسىملاردىن خالى تۇرماق لازىم.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر