ئەنگىلىيە تاراتقۇسى بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا بىرقاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى، ئىككىنچى قېتىم چېمپىيون بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى كۆپ تۈردە يېڭى رېكورت ياراتتى، كرىستىيانو رونالدونىڭ ھەر بىر مەيداندا ۋاراتاغا 12 قېتىم توپ ئۇرۇشى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.
ئىسپانىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 90 مىنۇت ئىچىدە 681.6 قېتىم پاس بەرگەن بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 588 قېتىمدىن 100 قېتىم ئارتۇق بولغان، ئۇ يەنە 1980-يىلدىن بۇيانقى پاس بېرىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ كوماندا بولغان ، ئىسپانىيە كوماندىسى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇدا 990 مىنۇت توپ كەتكۈزۈپ قويمىغان، 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 61 مەيدان مۇسابىقىدىكى توپ كونترول قىلىش نىسبىتى ئۆز رەقىبىدىن ئېشىپ كەتكەن. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە شاۋى 949 قېتىم پاس بەرگەن، بۇ زىدانىنىڭ 843قېتىم پاس بېرىشىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ پاس بەرگەن توپچى بولۇپ قالغان.