ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: تۈركمەنىستاننىڭ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى لوندون ئولىمپىك يىغىنىدىكى قاتناشقان بارلىق مۇسابىقە تۈرلەرنى تۈگىتىپ دۆلىتىگە قايتتى، ئىگىلىنىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ 10 ماھىرى بوكسىيور، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، يېنىك ئاتلېتىكا ۋە جۇدودىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىچە، بۇ، كۆپلىگەن تۈركمەنىستان ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىنى ئۆمۈربەگ بازاربايوف بولۇپ، 62 كىلوگراملىقلارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە ئالتىنچى بولغان.