ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 7 رايون، بىر ناھىيىدىكى 8 مەھەللە (كەنت) تە «ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى» قۇرۇلدى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى: ئىستانسىمىز خەۋىرى:
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 7 رايون، بىر ناھىيىدىكى 8 مەھەللە (كەنت) تە «ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى» قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جەمىئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى بىرلىكتە «ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى» غا ۋىۋىسكا ئاستى. بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلامدا ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى نەنۋېي يولى چىڭخەي كوچىسى مەھەللە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چيۇلى مۇنداق دېدى: «ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتىنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىدە، بىز ئاياللارنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئەرز قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش، جۈملىدىن زىددىيەتنى پەسەيتىش،ماجرالارنى ياراشتۇرۇش، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى مەھەللە ۋە ئاساسىي قاتلامدا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.»
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېڭ پىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەركىزىگە تايىنىپ ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى قۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسى بويىچە، ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى جەمىئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرىمىز. بۇ خىزمەتنى شىنجاڭدىكى بارلىق كەنت، مەھەللە ۋە يېزا- بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەشكىلاتلىرىدا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملاردا قېلىپلاشقان ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش پونكىتى ۋە نۇقتىلار بار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز ھەمدە بارلىق ئاياللارنى گېپى بولسا دېيەلەيدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىىمىز. ھازىر يەنە ناھىيە دەرىجىلىك 12338 نومۇرلۇق ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قىزىق لىنىيىلىك تېلېفونىنى يولغا قويدۇق، بۇ خىل خىزمەت مېخانىزىمى ئارقىلىق، كەڭ ئاياللارنى كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان ئالاقىلىشىش قورالىغا ئىگە قىلىمىز.»
|