نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئامېرىكدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى

يوللانغان ۋاقتى: 19:56 03-02-2011 مەنبە: news.xinhuanet.com ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى 11 مىليۇنلۇق ھالەتنى ساقلاپ قالغان
ئامېرىكا Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى 3-ئايغىچە، ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 11 مىليۇن 200 مىڭ بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى سان بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.
Pew تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكا نوپۇسنى ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يازغان دوكىلاتىدا، ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ تەسىىرىدە، ئامېرىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2007-يىلىدىكى 12 مىليۇنغا يېتىپ رىكورت يارىتىلغاندىن كىيىن ئۇدا ئىككى يىل تۆۋەنلىگەن. 2009-يىلى 11 مىليۇن 100 مىڭگە تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ياىشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2010-يىلى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئازراق ئۆرلىگەن.
دوكلاتتا دىيىلىشىچە، مېكسىكا يەنىلا ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر كىرىدىغان ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 3-ئايغىچە مېكسىكىدىن كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئالتە مىليۇن 500 مىڭغا يەتكەن، بۇ سان ئامېرىكىدىكى بارلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ %58 نى ئىگىلىگەن، دىيىلگەن.
2009-يىلى 3-ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان 350 مىڭ بوۋاقنىڭ ئاز دىگەندىمۇ ئاتا-ئانىسىدىن بىرى قانۇنسىز كۆچمەن ئىكەن، بۇ بوۋاقلارنىڭ سانى شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان ئومومىي بوۋاقلار سانىنىڭ %8 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ سان ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا ئومومىي نوپوسىدا ئىگىلىگەن نىسىبىتى %3.7 دىن كۆپ يوقىرى ئىكەن.
رايۇنلار ئايرىمىسى بويىچە قارىغاندا، كالفورنىيە ئىشتاتى ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئىشتات بولۇپ، 2 مىليۇن 550 مىڭغا يېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا دېكساس ئىشتاتى ۋە فىلورېدا ئىشتاتى بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 1 مىليۇن 650 مىڭ ۋە 825 مىڭغا يەتكەن. قانۇنسىز كۆچمەن نوپۇسلارنىڭ ئشتات ئومومىي نوپوسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن قارىغاندا، نۋادا ئىشتاتىدىكى كۆچمەن نوپوسنىڭ نىسبىتى ئەڭ يوقىرى بولۇپ، %7.2 كە يەتكەن، ئۇنىڭدىن قالسا كالفورنىيە ئىشتاتى ۋە دېكساس ئىشتاتى بولۇپ، %6.8 ۋە %6.7 كە يەتكەن.
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر