ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئون مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر

يوللانغان ۋاقتى: 05:26 02-12-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
.

 بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ؛
ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .
پەرزەنىتلەر دانىشمەننىڭ سۆزلىرىدىكى پاساھەت ۋە چۇڭقۇر مەنالارغا قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشىپتۇ .

بوۋام ئېيىتقان ھېكمەتلەر

 

بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
---ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛
‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق
‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق
‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق
‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق
‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق .
بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛
---3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛

3--- خىل كىشى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر ‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار
‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر .
بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر
پاساھەتلەرگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشتۇق

 

ياخشىكەن
(26)
92.9%
ناچاركەن
(2)
7.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر