بىرىنچى قەدەم: ئۆزىنى بىلىش
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى بىلىشتۇر.
ئىككىنچى قەدەم: ئۆزىدە بۇرچ تۇيغۇسىنى تىكلەش
ھەر بىر ئادەم قەرەللىك ھالدا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇرچ باشلىغان پىكىر قىلىش ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسى سىزنى ھەرخىل توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتكۈزەلەيدۇ. بۇرچىڭىزنى ياخشى ئادا قىلغان ۋاقتىڭىزدا، پۇل ئۆزلۈكىدىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم: ئېنىق قىممەت قارىشى بولۇش
قىممەت قارىشى دېگىنىمىز ھاياتىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدۇر. قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشنىڭ پىرىنسىپى: ئۆزىنى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان، باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدىغان بولۇش؛ ھەر كۈنى قىلىش، كۈندە ئاز – ئازدىن ئىلگىرىلەش.
تۆتىنچى قەدەم: نىشان بەلگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتىش
نىشان بەلگىلەش مۇھىم ئەمەس، نىشانغا يېتىش مۇھىمدۇر.
بەشىنچى قەدەم: ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىن بىرنى تېپىش
دۇنيا خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۈلگىسىدىن بىرنى تېپىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى تەجرىبىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش.
ئالتىنچى قەدەم: تەپسىلىي پىلان تۈزۈش
نىشان ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن پىلاننىڭ بولۇشى نىشاننىڭ بولۇشىدىنمۇ مۇھىم. پىلان تۈزۈشتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىدىن تەلىم ئېلىش كېرەك.
يەتتىنچى قەدەم: ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىش
ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىشنىڭ سىرى شۇكى، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە ئىگە ئىشلارنى قىلىش. ئوخشاش تۈردىكى ئىشلارنى بىرلا قېتىمدا قىلىپ تۈگىتىش.
سەككىزىنچى قەدەم: كوللېكتىپ تەشكىللەش
دۇنيادا مۇكەممەل كوللېكتىپ مەۋجۇت، مۇكەممەل ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. ھەربىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ باشقىلارغا، تەشكىلگە تايانغانلىقىدا، ئۆزىگە تايانغانلىقىدا ئەمەس. يەككە كۈچنىڭ قۇدرىتى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ.
توققۇزىنچى قەدەم: توختىماي ئۆگىنىش، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن دوست بولۇش
ئونىنچى قەدەم: توختىماي كۈچ سەرپ قىلىش ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىش
ئەگەر سىز يۇقىرىقى ئون قەدەم بويىچە ئىش قىلالىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئازلا قالغان بولىسىز.
|