نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

دانالار خەزىنىسىدىن دۇردانىلەر

يوللانغان ۋاقتى: 02:43 11-04-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دانالار خەزىنىسىدىن دۇردانىلەر

كەمتەرلىكتىن كېلەر ئىززەتۇ ئېكرام،
كىبىرلىكتىن يامانبولار ياخشى نام.
— ناسىر خسراۋ

پەرىشان بولۇشنى خالىمىساڭ دىل،
پەرىشان ھاللارنىئۇنتۇمىغىن، بىل.
— سەئىدىي شېرازىي

دوستلار ئەيىبىنى كۆرۈپ قالساڭ گەر،
ياخشى ئەمەس ئۇنى باشقىچە ئېيتماق.
ئاقىۋەتنى ئويلاپ ئىش قىلغۇچى دەر:
‹‹ئەيىب ئېچىشتىن ياخشى ئەيىبنى ياپماق››.
— ئابدۇراخمان جامىي

قامىتىدىن نە پايدا دىتى بولمىسا،
گۈل رەڭگىدىن نە پەيدا ھىدى بولمىسا.
— بەدرىددىن ھىلالىي

سۆز ئەينى ساۋابلىقىنىبىلمىگۈچە سۆزلىمە،
ئاڭا ساز جاۋابلىقىنى بىلمىگۈچە سۆزلىمە.
كامالۇ پازىلدىن بى بەھرە بولساڭ،
ئاغزىڭنى چىڭ يۇمغىن،يىغقىن تىلىڭنى.
ئادەمنىڭ ئۆز تىلى قىلار شەرمەندە،
مېغىزسىز ياڭاقنىڭ يېنىكتۇر ۋەزنى.
— سەئىدىي شېرازىي

دەممۇ دەم سۆزلىسەڭ، پىكىرسىز، ئاڭسىز.
نەيدىن يەل چىقاردىڭ ھېچبىر ئاھاڭسىز.
قىسقا سۆزلەش، قارىغىن ياخشى ھالدۇر.
كۆپ سۆزلەشھەمىشە دىلغا مالالدۇر.
خالايىق ئاغزىنى ياپماقتىن ھامان،
دېڭىزئۈستىگە كۆۋرۈك ياسىماق ئاسان.
— خۇسراۋ دېھلىۋىي

سۆزگە لەۋ ئاچساڭ، ھېكمەت بىلەن ئاچ،
ئەقىلسىز ۋات – ۋات سەپسەتىدىن قاچ.
ھېكمەت دەپ بىلسۇن ۋۇجۇدۇڭ قۇلاق،
بولمىسا ياخشىسى سۆزلىمە بىراق.
— ئابدۇراخمان جامىي

دانالارسۆزىنى ئەستە تۇتمىساڭ،
ئەڭ نادان سەندۇرسەن، ئۇققىنىنى ئۇقمىساڭ.
سۆزگە لەۋ تەۋرەتسە ئەقىللىق ئىنسان،
خوپ ئويلاپ، قۇلاققا قۇيۇپ ئال شۇئان.
پەندى نەسىھەتتىن كىم ئۆرىدى يۈز،
زەخمىتىمىڭ بولار پۇشايمانى يۈز.
—ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسى


 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر