نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بىلگايتىسنىڭ ياشلارغا بەرگەن11مەسلىھەتى

يوللانغان ۋاقتى: 02:44 11-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىلگايتىسنىڭ ياشلارغا بەرگەن11مەسلىھەتى

1.  تۇرمۇش ئادالەتسىز بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ماسلىشىشڭىز كېرەك؛ 
2.  بۇ دۇنيا سىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۆزۈمچىلىك خاھىشىڭىز شەكىللىنىشتىن ئاۋۋال جەزمەن نەتىجە يارىتىڭ؛
3. مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىپلا 4000 دوللار مائاش ئالالىشىڭىز، ماشىنىلىق بولالىشىڭىز ناتايىن. تىرىشقاندىن كېيىنلا بۇلارغا ئىگە بولالايسىز؛
4. ئەگەر ئوقۇتقۇچىڭىزنى قاتتىق قول دەپ قارىسىڭىز، جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى خوجايىنىڭىزنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ؛
5. ھامبۇرگ بولكىسى سېتىش ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە كۆز قارىشى بار. ئۇلار بۇنى«ئامەت»دەپ قارايدۇ؛
6. ئەگەر سىز مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، بۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىڭىزغا دۆڭگەپ قويماستىن، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىڭ؛
7. سىز تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك كۈنگە چۈشۈپ قالمىغان. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ قېلىشى ئىزچىل سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، كىر-قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ كەلگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا، ئانىڭىزنىڭ كۆپ سۆزلەپ قويۇشىدىن ئاۋۋال ھوجرىڭىزنى تازلاپ قويۇڭ؛
8. سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە يامان ئوقۇغۇچى دەپ ئايرىلماسلىقى مۇمكىن . لېكىن، تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بەزى مەكتەپلەردە«لاياقەتسىز»دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان يوقىلىپ، سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ؛
9. مەكتەپتىن ئايرىلغان ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئوقۇش مەۋسۈمى دەپ ئايرىلمايدۇ، تەتىلمۇ بولمايدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگەياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ يوق. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە تايىنىسىز؛
10.  تېلېۋىزوردىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر چوقۇم تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىنى قىلىشى، كىنودىكى چولپانلارغا ئوخشاش كۈندە كافىخانىلارغا كىرىۋالماسلىقى لازىم؛
11. ئۆزىڭىز نەپرەتلىنىدىغان ئادەملەرگىمۇ لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.


 

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر