مېنىڭچە باي بولۇشنى ئويلىمايدىغان كىشى يوق. لېكىن ھەممىلا كىشىنىڭ باي بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. باي بولۇشنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالدىنقى شەرتى بار. ئۇنداقتا بۇلار قايسىلار؟ 1. قانۇنى مۇكەممەل بولمىغان جايدا باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تۇرۇشلۇق جاي سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىزنى قوغدايدىغان كاپالەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇرماڭ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەسىپنى تاللىماڭ. 2. كەسىپنى ئويلىنىپ تاللاڭ ۋە تاللىغاندىن كېيىن ئالدىراپ كەسىپ يۆتكىمەڭ. زادى بولمىغاندا زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆتۈشۈڭ. چۈنكى بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بايلىق سىز شۇ كەسىپ ھەققىدە ئالاقە دائىرىسى ۋە تەجرىبە شەكىللەندۈرگىنىڭىز. كەسىپ ئالماشتۇرۇش دېگەنلىك بۇ بايلىقلارنى تاشلىۋەتكەنلىكتۇر. 3. چوقۇم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان گەرچە دەماللىققا جىق پۇل تاپالمىسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز خۇشال بولىدىغان كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇڭ. پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئۆزىڭىز خالىمايدىغان كەسىپكە ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. ۋاقىتلىق قىزىش-سوۋۇش بىلەن كەسىپ يەڭگۈشلىمەڭ. چۈنكى ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرمىگەن كەسىپ سىزگە بىر يۈكتۇر، يۈك كۆتۈرۈۋالغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئالدىدا ماڭالمايدۇ. 4. ئۈنۈملۈك، ئاخىرى بار كەسىپلەرنى تاللاڭ. دۇنيادىكى بايلارنىڭ كەسىپ رەت تەرتىپىنى تىزىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تاللاپ ئۆز ياقتۇرىشىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئاخىرى چىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ. چۈنكى بەزى كەسىپلەردە مەڭگۈ باي بولغىلى بولمايدۇ. 5. كەسىپ تاللىغاندا دائىرە كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىنى، شۇنداقلا ئوبيېكت كەڭلىكىنى ئويلىشىڭ. دۇنياغا ھالقىغىلى بولىدىغان، ھەممە مىللەت، ھەممە ياش، ھەممە كەسىپتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان كەسىپتە پۇل تېپىش خېرىدارلىرى مەلۇم ئاز دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدىغان كەسىپلەرگە قارىغاندا تېز كۆتۈرۈلىدۇ. 6. ياخشى كۆردۈم دەپلا ئۆزىڭىزدە يوق ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگۈسىڭىزنى دوغا تىكمەڭ. مەسىلەن سىز كۆرۈمسىز بولسىڭىز، ھەرگىز سەنئەت ساھەسىدە باش كۆتۈرۈش كويىدا بولماڭ. رەڭ قارىغۇسى بولسىڭىز، رەسسام بولۇش ئۈچۈن ئۆمرىڭىزنى سەرپ قىلماڭ. يەنى سەي قۇرۇشقا ئۇستا بولسىڭىز، لايچىلىق قىلىپ پۇل تېپىشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تاللاپ قالماڭ. چۈنكى ۋاقىتلىق تاللاش سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. 7. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ساھەدە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بولسا ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ. ياخشى يېزىقچىلىق تالانتىڭىز بار تۇرۇپ، «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» دېگەنلەرگە ئىشىنىپ دەماللىققا ياغاچچىغا شاگىرت كىرگىنىڭىز بىلەن باش كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىڭىز ئون ھەسسە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. 8. ئىشەنچلىك بولۇڭ، ئابرويىڭىزنى قوغداڭ. ھەر قانداق ئەھۋالدا يامان نامى بار كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلماڭ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ كەسپداشلىرىڭىز ئىچىدە ئابرويىڭىز بولسۇن. خېرىدار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ جېنى. 9. خوجايىن بولۇش شەرت ئەمەس. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار ساھەدە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل پۇل تېپىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ياكى ئىش باشلاشقا مەبلىغىڭىز بولمىسا، ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ياكى سىزگە ئىشەنگەن، ئىناۋىتى ۋە تەسىرى بار باشقىلارغا ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئالدىنقى مىڭ باينىڭ %73 باشقىلارنىڭ شىركىتىگە پاي قوشقان ياكى خىزمەت قىلىدىغانلار. 10. تەرتىپلىك بولۇڭ. ھىسابات خاتىرىسى، كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى تۇتۇپ، ئايدا بىر قېتىم شۇ ئايلىق ۋاقتىڭىز ۋە خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنىڭ ئورۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا باھا بېرىڭ. تەربىيەلىنىش پۇرسىتىڭىز تۈگىگەن بولسا، ئىمكان بار بالدۇر توي قىلىڭ. كەسىپ تىجارەتتىن باشقا دوستلىرىڭىزنى ئىزدىمەڭ، پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىسىز.
|