قۇلاق غۇڭۇلداش قۇلاققا ھەرخىل غۇڭۇلدىغان غەيرىي ئاۋازلار ئاڭلانغانلىقىغا قارىتىلغان. ئۇ، تاشقى ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماي پەقەت ئىچكى تەرەپتىكى ھاۋا ۋە بۇخاراتلار ھەرىكىتىدىن قۇلاققا غەيرىي ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئاۋازلار يالغان ئاۋاز، يەنى خىيالىي ئاۋاز سېزىمى دەپ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر يالغان ئاۋازنىڭ تېز ۋە ئىنچىكىرەك بولغىنى تەننىيىن دەپ ئاتىلىدۇ. يۇمشاق ۋە ئاستىراق ئەمما چوڭراق بولغىنى دەۋۋەي دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاڭلاش خىزمىتىدىكى غەيرىي نورماللىق ئادەتتە ئۈچ خىل دەرىجىدە بولىدۇ.
1. بۇزۇلۇش ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىش يەنى بوتلان دەرىجىسى: بۇنىڭدا قۇلاق ھېچقانداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ، بۇ ئادەتتە گاسلىقتىن ئىبارەت.
2. كەملىك ياكى يېتەرلىزلىك يەنى نۇقسان دەرىجىسى: بۇنىڭدا قۇلاق تۆۋەن ئاۋازلارنى ۋە يىراقتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ ئادەتتە قۇلاق ئېغىرلىشىپ قېلىش يەنى ئاڭلاش ئىقتىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئىبارەت.
3. تەشۋىش دەرىجىسى: بۇنىڭدا قۇلاققا يالغان ۋە ئەمەلىيەتتە يوق غەيرىي ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئادەتتە قۇلاق غۇڭۇلداشتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
قۇلاق غۇڭۇلداشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى چوڭ جەھەتتە تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەزى تۈرلىرى بىر قانچە كىچىك خىللارغا ئايرىلىدۇ.
1. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ھېسسىي قۇۋۋىتى بەك كۈچىيىپ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، قۇلاق غۇڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
2. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ھېسسىي قۇۋۋىتى بەك ئاجىزلاشقانلىقتىن، قۇلاق غۇڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
1) ھەزىم بۇزۇلغانلىقتىن بەدەن ئاجىزلىغان ياكى باشقا ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئەمدىلا ياخشىلانغان دەۋىردە ئاڭلاش قۇۋۋىتى بەك ئاجىزلاپ قۇلاق غۇڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
2) بەدەندە قۇرۇقلۇق بەك ئاشقان ياكى بىمار ئاچ قالغاندا ئىنسان تەبىئىتى ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ئىلاجىسىز ھالدا بەدەندىكى شەبنەمگە ئوخشاش تارقاق ھۆللۈكلەرگە يۈزلىنىپ ئۇلارنى تارقىتىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن چىققان بۇخاراتلار ھەرىكەتلىنىدۇ. باش ماددىدىن، ئاڭلاش سېزىملىرى يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولغاچقا، ئاڭلاش قۇۋۋىتى مەزكۇر بۇخاراتلارنىڭ ھەركىتىنى غوڭۇلدىغان ئاۋازدا سېزىدۇ.
3. مېڭىدىكى بۇخاراتلارنىڭ ( بۇس، گازلار) نىڭ تەسىرىدىن قۇلاق غۇڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
1) مېڭە ساھەسىگە ئارتۇق ماددا يىغىلىپ، ئۇنىڭدىن قويۇق يەل ياكى بۇخارات ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتى بۇ ھەرىكەتنى غوڭۇلدىغان ئاۋاز ھالىتىدە سېزىدۇ.
2) مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلار قۇلاققا قۇيۇلۇپ، قۇلاق ئىچكى تۆشۈكىدىكى ھاۋانى سىقىدۇ. ھاۋا توسۇلۇپ ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە گۈركىرىگەن سېزىم بېرىدۇ. ماددىنىڭ قويۇلۇشى قانچە داۋاملاشسا، قۇلاقتىكى غوڭۇلداش شۇنچە داۋاملىشىدۇ.
3) مىزاجنىڭ ئىسسىققا ئۆزگىرىشى، بىمارنىڭ ئىچى تىتىلداپ، روھىي جەھەتتە بىئارام بولۇشى قاتارلىقلار خىلىتلارنى قاينىتىپ بۇخاراتلارنى قوزغايدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئۇنى غوڭۇلدىغان ھالەتتە سېزىدۇ.
4) بۇخاراتلارنى قوزغاپ مېڭە تەرەپكە چىقىرىدىغان دورىلارنى، مەسىلەن: قارىمۇچ قاتارلىق دورىلارنى كۆپلەپ ئىچىش ياكى بۇخاراتلارنى قوزغاپ، قۇلاق ئىچىدىكى جىم تۇرغان ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: سامساق، كۈدە (جۈسەي) قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئاڭلاش قۇۋۋىتى بۇخارات ۋە ھاۋالارنىڭ ھەرىكىتىنى غوڭۇلدىغان ھالەتتە ھېس قىلىدۇ.
4. قۇلاقتىكى چاقىلاردىن ئاققان يىرىڭ ۋە سېرىق سۇلار قۇلاق ئىچىگە يىغىلىپ، يامان تەسىر قىلغانلىقتىن ياكى قۇلاققا كىرىۋالغان ھاشارەتلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.