قۇلاق ئاقمىسى قۇلاق ئىچىگە ھەرخىل يىرىڭلىق چاقىلار چىقىپ ساقايماي ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يىرىڭ، سېرىق سۇ ئېقىپ تۇرغانلىقىغا قارىتىلغان، ئۇ ئادەتتە ئوتتۇرا قۇلاق ۋەرەمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى: ۋەرەم دېگىنىمىز ياللۇغ دېگەن گەپ...
ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بىرەر خىلىتنىڭ غالىپ كېلىشى. بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن جاراسىملار قۇلاقتا ئوفۇنەت پەيدا قىلىپ، قۇلاق ئىچىدە ھەرخىل ئىششىق ۋە يىرىڭلىق چاقىلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇلار ئۇزۇنغىچە ساقايمىسا ئاخىر ئاقمىغا ئايلىنىدۇ.
مەزكۇر كېسەللىك ئادەتتە سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يەنى ئېمىتىش جەريانىدا سۈت ۋە بالىنىڭ قۇسۇقلىرى قۇلاققا كىرىپ كەتسە ياكى بالىلارنى يۇيۇندۇرغاندا قۇلاققا سۇ كىرىپ كەتسە، مەزكۇر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
بۇرۇن ۋە تاماق ساھەسىدىكى ۋەرەملەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، قۇلاققا يامراپ مەزكۇر كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئۆتكۈر ياكى تېز پەيدا بولىدىغان قۇلاق ۋەرەمى ياكى يىرىڭلىق جاراھەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالىمىسا، قۇلاق ئاقمىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئالامىتى:
ئۆتكۈر قۇلاق ۋەرەمى بولغاندا پۈتۈن بەدەن قىزىش، ھالسىزلىنىش، قۇلاق قاتتىق ئاغرىش بىلەن بىللە باش ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، بەزىلەردە گال-تاڭلاي قىسمى يېقىمسىزلىنىش، بادەمچە بەزلەر ئىششىپ ئاغىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەپ قۇلاق غۇڭۇلداش، قۇلاققا سۇ كىرىۋالغاندەك بىلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۆتكۈر دەۋىردە قۇلاقتىن يىرىڭ ئاقمايدۇ. پەقەت سېرىق سۇ ئېقىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا تولۇق چارە قىلىپ داۋالىمىغاندا ئارىدىن بىر-ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سوزۇلما خاراكتېرلىك قۇلاق ۋەرەمى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا ئۆزگۈرىدۇ. سوزۇلما قۇلاق ئېقىش ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، قۇلاقتىن سېسىق پۇرايدىغان سېرىق سۇ، يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئوفۇنەتلىنىپ ئىششىيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىمارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى ئاڭلاش كۈچىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ. بەزىدە قۇلاق چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. قۇلاق ساھەسى مېڭىگە يېقىن بولغاچقا، قۇلاقتىكى ئوفۇنەت، جاراسىملار يۇقىرىغا ئۆرلەپ مېڭە پەردىلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان مېڭە قېپى ياللۇغى ياكى مېڭە ئۆز ماددىسىنىڭ ياللۇغى، قۇلاق سىرتقى ئۆسۈكچىسىنىڭ ياللۇغى، قۇلاق سېزىم ئەسەبلىرىنىڭ ياللۇغى، قۇلااق ئارقا سۆڭەك پەردىسىنىڭ ئاستىغا يىرىڭ يىغىلىش، ۋىنا تومۇرى توسۇلۇپ ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاققان يىرىڭنىڭ رەڭگى سارغۇچ قان ئارىلاش، يېشىل شىلىمسىمان كەلسە، كېسەللىكنىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىنى، سېسىق، قارامتۇل ياكى سۈزۈك ئاق كەلسە كونىرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا قۇلاق ئېقىشقا سەل قارىماي يېڭى باشلانغان جىددىي دەۋردىلا ئەستايىدىل، تولۇق داۋالاپ ساقايتىش، ئۇنىڭ سوزۇلما خاراكتېرگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.