قۇلاق قىچىشىش بەزى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇلاقنىڭ ئۆزلۈكىدىن قىچىشىپ بىئارام قىلغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى:
تاشقى سەۋەبلەردىن قۇلاق تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، يەللىك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە قۇلاق ئىچى ئششىش، ئۇششاق مۇدۇر چىقىش قاتارلىقلار ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يەللەرگە ئايلىنىپ، قۇلاققا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن قۇلاق قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئىچكى سەۋەبلەردىن ئاساسلىقى بەزى كىشىلەردە نورمالسىز بەلغەم قۇلاققا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن قۇلاق قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قۇلاق قىچىشىدۇ، ئەمما ئاڭلاش ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ. قۇلاق قىچىشىش، قۇلاق ئىچى ئىششىقى، قۇلاق ئىچىگە مۇدۇر چىقىشتەك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا قىچىشىش دائىم بىر خىلدا بولىدۇ. يەللەردىن بولسا، يەللىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ۋە قۇلاق تازىلىقى ياخشى بولمىغاندا كۈچىيىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.