مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1078 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەگەر بالىلارنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ئاقسا بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى...........


بەلكى بۇ گېپىمگە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنىڭ شىپالىق رولى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىششىپ كەتكەن پۇت قولغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسسىق سۈيدۈكىنى پاكىز لاتىغا ئىچۈرۈپ تېڭىپ بەرسە ئىششىقنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ ۋە ئىششىق ياندۇرىدۇ.


ھەرخىل كۆز كېسەللىكلىرىگە، كۆز قىچىشىش، يىڭنە ئاسقۇ قاتارلىقلارغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسسىق سۈيدۈكىدە  كۈندە نەچچە قېتىمدىن كۆزنى يۇيۇپ بەرسە،  بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا كۆز كېسىلىنى داۋالايدۇ.


كۈيۈك يارىسى ھەرخىل قىچىشقاق،  تەمرەتكىلەرگە كۈندە نەچچە قېتىم ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن يۇيۇپ بەرسە تېزلا شىپا  تاپىدۇ.


قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشقا ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى كۈندە 3 قېتىم قۇلاققا 2 تېمىمدىن تېمىتىپ قۇلاققا پاختا تىقىپ قويىمىز ئاندىن قۇلاقنى ئامال بار ئىسسىق تۇتىمىز،  نەچچە كۈن ئۆيدىن چىقماي 5 كۈن داۋاملاشتۇرساق قۇلاقتىكى ھەرخىل يارا، يىرىڭ ئېقىش، قۇلاق ئېغىرلىق قاتارلىقلار ساقىيىپ كېتىدۇ. قىلچە ئەكس تەسىر قىلمايدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.