مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1006 رەت   / مەنبە: -

  بەزى كىشىلەر قۇلاقنى سەرەڭگە ياغىچى ياكى ئىنچىكە سىملار بىلەن كولاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، بۇ خىل ئادەت سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى قۇلاقنى كولىغاندا ناھايىتى ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق داپ پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، مىكروبلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئادەمنىڭ سىرتقى قۇلىقى دائىم مومغا ئوخشاش ماي ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چاڭ – توزان، تېرە كېپىكى بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ. ئۇ تېببىي ئىلىمدە ‹‹قۇلاق كىرى›› دەپ ئاتىلىدۇ. قۇلاق كىرىنىڭ قۇلاقنى قوغداش رولى بار. ئۇنىڭ چاپلىشىدىغان خۇسۇسىيىتى بولغانلىقى ۋە ئاچچىق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. قۇلاق كىرى ئۈزلۈكسىز ھاسىل بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، چايناش قاتارلىق ئېغىز ھەرىكىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنى كولاپ چىقىرىۋېتىش ھاجەتسىز. ئەگەر قۇلاق كىرى قۇلاقنى قىچىشتۇرسا، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان پاختا ئورالغان پىلتىكۈچ بىلەن قۇلاقنى يېنىك كولاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. قۇلاق كىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئاڭلاشقا تەسىر يەتكۈزسە دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.