ساغلام تىرناق ئاچ قىزىل، سىلىق، پارقىراق بولىدۇ. بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا تىرناقنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. تىرناقتا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولغاندا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
1. تاتارغان تىرناق: ئوزۇقلۇق ۋە قان يېتىشمىگەندە، تىرناق تاتىراڭغۇ، قانسىز، نېپىز ۋە يۇمشاق بولىدۇ.
2. سارغۇچ كۆكەرگەن ياكى قارامتۇل تىرناق: ئىچكى ئەزالاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن چاغدا تىرناقنىڭ رەڭگى سارغۇچ كۆكىرىدۇ ياكى قارىداپ كېتىدۇ. تىرناق قاتتىق ھەم چۈرۈك بولىدۇ.
3. سىزىقچىلار پەيدا بولغان تىرناق: بۇنداق تىرناق بەدەننىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى، زىيادە چارچاپ روھىي جەھەتتە زەئىپلەشكەنلىكىنى، نېرۋىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
4. تۇبېركۇلوز تىپىدىكى تىرناق: بۇنداق تىرناق ياپلاق، يۇملاق ھەم چوڭ بولىدۇ. تىرناقنىڭ رەڭگى سارغۇچ، قارامتۇل كۆرۈنىدۇ.
5. كەڭ، قىسقا، ياپلاق ھالەتتىكى تىرناق: بۇنداق تىرناق ئۈچەي ۋە ئاشقازاندا كېسەل بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
6. يايسىمان ھالەتتىكى كۆك تىرناق: بۇنداق تىرناق قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغان، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
7. قوڭۇر رەڭلىك تىرناق: بۇنداق تىرناق كۆپىنچە باشمالتاقتا كۆرۈلىدۇ. بۇ بەدەندە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
8. ئاق داغ بار تىرناق: بۇنداق تىرناق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كالتسىي كەملىك ياكى باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.