مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1449 رەت   / مەنبە: -

ياشانغانلاردا پۇت ئىششىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئىششىغان يەرلەرنى باسسا ئويمان بولۇپ قېلىپ، ئاساسەن ئەسلىگە قايتمايدۇ. ئادەتتە كىشىلەر، بۇ تەبىئىي ئەھۋال، ئادەم قېرىسا مۇسكۇللىرى بوشاپ، ئېلاستىكلىقى قالمىغاچقا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىز بولسىمۇ، پۇت ئىششىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈرەك سىقىلىش، كىچىك تەرىتى ئازىيىش ۋە ئوڭدىسىغا ياتالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمانبەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش، ئاقسىل يېتىشمەسلىك، قان تومۇر قېتىشىش، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىششىغان يەرنى باسسا ئويمان بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. بەزى دورىلار، مەسىلەن:  قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورىلارمۇ پۇت ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ياشانغانلاردا تال، بۆرەك مۇسبەت خاراكتېرلىك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۇلۇق ئىششىق ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدا روھىي جەھەتتىن چارچاش، پۇت-قولى توڭلاش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، چىرايى سارغىيىش ياكى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشى كېرەك. بەزىلەر ئەتىگىنى چارچاپ كەتسە، چۈشتىن كېيىنلا پۇتى ئىششىپ كېتىدۇ. تەرىتى ۋە تامىقى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئورۇق، تېنى ئاجىز بولۇپ ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تالنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى تولۇقلاش زۆرۈر.

بەزى بىمارلارنىڭ پۇتى ئىششىسا ئوڭدىسىغا ياتالماي، يۈرىكى جۇغۇلداپ، دېمى سىقىلىشى مۇمكىن. بۇ، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر پۇت ئىششىپ قالسا، مايلىق ۋە تۇزلۇق تاماقلارنى ئاز يەپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.