مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1480 رەت   / مەنبە: -

  قىشتا بەل، پۇت ئاغرىقى ئاسان قوزغىلىدۇ ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل، پۇت ئاغرىقى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:


  1. بىر قىسىم بىمارلار بەل، پۇت ئاغرىقى دائىم قوزغىلىپ تۇرىدۇ، ئادەمگە چوڭ خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ، دەپ قاراپ، كېسەلگە سەل قارايدۇ ھەمدە ئازراق دورا ئىچىپ ۋە دورىلىق پىلاستىر چاپلاپلا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزىراپ، داۋالاشقا دەخلى يېتىدۇ.

  2. ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئارام ئېلىشنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئادەتتە بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلارغا ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىپ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزى بىمارلار بۇنى خاتا چۈشىنىپ، ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز.

  3. بىرقىسىم بىمارلار بىر نەچچە قېتىم دورا ئىچكەندىن كېيىن ياكى بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن ساقايمىسا، تاقەت قىلالماي، دورا ئىچىشنى ياكى داۋالىنىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەل، پۇت ئاغرىشنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشنى تولۇق تاماملىشى كېرەك.

  4. بىر قىسىم بىمارلار داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارايدۇ. نەتىجىدە كېسەل ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ. كۆپ قىسىم بەل، پۇت ئاغرىقى زەخىملىنىش ۋە چارچاشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بىمار ساقايغاندىن كېيىن زەخىملىنىشتىن، چارچاشتىن ساقلىنىپ، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. (ئىمىن توختى تەرجىمىسى)


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.