ئىككى قولنى تەكشى ئېچىپ بارماقلارنىڭ ئۇچى بىلەن بوغۇملارنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېقىش كېرەك. ناۋادا بوغۇملار توملىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداق بۇ ئۆپكىدە كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا قولنىڭ دۈمبىسىدىكى تومۇرلار كۆپۈپ كەتكەن بولسا ۋە بارغانسېرى يوغىناپ كەتسە، بۇ يۈرەكتە مەسلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا قولىنىڭ ئالقىنى قىزىرىپ قالسا جىگەردە مەسلە بارلىقىنى ياكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تىرناق قېلىنلاپ، رەڭگى خۈنۈكلىشىپ كەتسە، لىمغا سىستېمىسىدا كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.