ئادەمنىڭ پۇتىغا بولغان بېسىم چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت بىلەن يۈرەكنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، بۇ يەردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىمۇ نىسپىي ئاستا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. بىراق بەزى ئادەملەر ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئاياغ-پايپاقلىرى قېلىن بولسىمۇ، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى تەرىپى توڭلاپ، ئۆيۈشۈپل تۇرىدۇ، بۇ خىل نورمال بولمىغان بەدەننىڭ ئاستىنقى تەرىپىنىڭ توڭلاپ تۇرۇشى، ئېھتىمال مەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
قان نۆكچىسى، توسۇلۇش خاراكتېرلىك تومۇر ياللۇغى.
بۇ خىل كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپىنچە بەدەن توڭلىغاندىن پۇت تەرەپ سوغۇقتىن تىتىرەپ ئۇيۇشۇپ، ئاغرىيدۇ؛ يول ماڭغاندا پاچاق سىرقىراپ ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كېسەل ئېغىرلاشقاندا ئارىلاپ-ئارىلاپ تەكرارلىنىدىغان توكۇر بولۇپ قېلىپ، پۇت تىتىرەيدىغان، سوغۇقتىن قورقىدىغان، ئۇيۇشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، كېچىسى بەكرەك ئاغرىيدۇ.
توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئارتېرىيە قېتىش
بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاغرىق پۇت سوغۇقتىن تىتىرەش، ئۇيۇشۇش شۇنىڭدەك ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاقساش، ئاندىن كېيىن ئاغرىق پۇتنىڭ تېرىسى زەئىپلىشىپ ئاقىرىپ كېتىش، سېزىمى ئاجىزلىشىش، پۇتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش، مۇسكۇللىرى تارتىشىش، تىرناقلىرى قېلىنراپ، شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەل-پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، ياشانغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي تەركىبى كۆپىيىپ كېتىش ۋە دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان ئۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش لازىم.
پۇت-قول ئۇچى ئارتېرىيىسىنىڭ سپازمىلىنىش كېسىلى
بۇ كېسەل-«LEINUOSHI» كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنە قان تومۇرنىڭ نېرىپ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدىغان پۇتنىڭ ئاخىرقى ئۇچى كىچىك ئارتېرىيىسىنىڭ سپازمىلىنىش كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، پۇت-قول ئۇچىنىڭ بىردەملىك ئاقىرىپ قېلىشى، قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ قېلىشى، مەڭزىنىڭ قىزىرىپ كېتىشى ۋە ئاغرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ سوغۇقنىڭ تەسىرى ۋە كەيپىياتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىن بولىدۇ.
كۆپ يۈز بېرىدىغان چوڭ ئارتېرىيە ياللۇغى
خەۋەر قىلىنىشچە، %20 كە يېقىن بۇ خىل كېسەل-ئارتېرىيە ياللۇغىنىڭ پۇت ئارتېرىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن پۇتتا قان كەملىك ۋە ئوكسىگېن كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى پۇت مۇزلاش، ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيۇشۇپ، ئاغرىش شۇنىڭ بىلەن بىللە ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاقساپ قېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.