ناۋادا يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىنغان تۇزنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن فىزىلوگىيەلىك پۇت ئىششىقى كېلىپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ئىششىق كۆپ ھاللاردا ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ. ناۋادا قايتا-قايتا قوزغالسا ھەم كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا، ئۇ مەلۇم بىر خىل كېسەللىكنىڭ سىگنالى، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا، يەنى بۆرەك بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمى ياكى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرۈنۈشنى ئويلىشىش كېرەك.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پۇت ئىششىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىقىلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بۆلۈمدە داۋالىنىش كېرەك؛ ناۋادا بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان كۆز ۋە يۈز ئىششىقى كۆرۈلسە، پۇتنىڭ ئوشۇقى ۋە ياكى يۈزىنى باسقاندا ئىششىق ئولتۇرۇشۇپ كەتسە ھەم مۇسكۇل ئېلاستىكلىقىنى يوقاتسا، بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە؛ يۈرەك ئېغىش، ھاسىراش ھەم دەم سىقىلىش كۆرۈلسە، ئىششىق يۈرەك مەنبەلىك كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، بۇنداق چاغدا يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە؛ باشقا كۆرۈنەرلىك ئالامەت بولمىسا، ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
(«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» دىن ئېلىندى)
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.