• ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى - [ئىلمىي ماقالىلەر]

    Apr 26, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62682110.html

     ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
    ئاپتورى: ئابدۇرېھىم راخمان

    كىرىش سۆز

    بۇ ماقالىنى 1996- يىلى "شىنجاڭ ياشلىرى" ژۇرنىلىدىن ئېلىپ خاتىرەمگە چاپلىۋالغانىدىم. بۈگۈن ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، نېمىشقىدۇر، ئىمىن ئوسماننىڭ "پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ" ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن مۇھەممەت باغراشنىڭ "كەلكۈن" ماۋزۇلۇق پوۋېستىنى ئەسلەپ قالدىم. بۇ بەلكىم ماقالىدە ئەكس ئەتكەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.
    ئاتالمىش "يېزىق جەڭچىلىرى" نىڭ بۇ ماقالە سەۋەبى بىلەن يېزىق ھەققىدە قايتا مۇلاھىزە قىلىپ يۈرمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان ئىش دائىرىسىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
    بۇ ماقالە Word تا ئۇرۇلغان بولغاچقا، بەزى خەتلەر ئۈزۈك چىقىۋېلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى، ماقالىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيىنى ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ________________________ئەمەتجان رۇسۇل (ئەلدىيار)

    تارىختا بىزگە ئوخشاش كۆپ دىنغا چوقۇنغان، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت بولمىسا كېرەك. بىزدە ھەقىقەتەن "ئىسلاھات" روھى كۈچلۈك، ھەرقانداق زامانغا، ھەرقانداق ئىشقا ئاسانلا كۆنۈپ قالىمىز، بۇ خىل "كۆنۈش" بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خاسلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپ ھەققىدە سۆزلەشكە تىلىمىز قىسىلىدۇ. باشقىنى قويۇپ 50 يىلدىن بۇيانقى تىل - يېزىق ئىسلاھاتىغا نەزەر سالساق، ھەيرانلىقتا قالىمىز. بىز 50 يىلدا ئالتە قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردۇق. 1951 - يىلى ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىببەسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. 1958 - يىلىغا كەلگەندە "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىسى بار" دەپلا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانلاشتۇردۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىزمۇ سىلاۋيان ئېلىببەسىنى تاشلاپ لاتىن ھەرپلىرىگە يۈزلەندۇق. 1000 يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ، تىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ كەلگەن يېزىق سىستېمىسىنى "تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ" دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئارىمىزدىن ھەيدەپ چىقاردۇق.
    ھازىر، كونا يېزىقتا ساۋادى چىقىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ بىزدىكى تىل - يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تۈپكى ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ تايىنلىق، شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا قانچىلىك تەلەپ قويالايدۇ؟ ياق، ئۇلار خېتىنىڭ سەت، ئىملاسىنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك بولماسلىقىنى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ياپماسلىقى كېرەك.
    بىر چاغلاردا "خەلق گېزىتى" گېزىت يۈزىدىن تۆت خاتا خەت تاپقانلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئۇلار ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشەنگەن. بىراق، بىزنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىمىز ھېچقاچان مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقالىغىنى، بۇ ھەقتە بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق، بىزنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىمىزدىن كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ ئىملا خاتالىقىدىن بەش - ئوننى تاپقىلى بولىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى "تىل - يېزىق نىزامى" (1994 - يىل) نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. لېكىن تاكى ھازىرغىچە ھەر خىل ۋېۋىسكا، ماركىلار، ھەتتا گېزىت - ژۇرناللاردىكى ئىملا خاتالىقلىرى ئۈچۈن ياكى يېزىقىمىزنى خاتا، ھېچبولمىغاندا ناھايىتتى سەت يازغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ئۈچۈن قاتتىقراق گەپ قىلىنغىنى يوق. "ئىملا قائىدىسى"، "تەلەپپۇز قائىدىسى" دەپ تۈزۈپ قويغىنىمىز بىلەن، شۇلارغا ئەمەل قىلمىغان بىرەر ئورۇن ياكى شەخس ھېچيەردە قاتتىقراق تەنقىد قىلىنغىنى يوق، ھازىرمۇ ئەتراپىمىزدا ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان شەكىللەرنىڭ "ئۇيغۇرچە يېزىق" ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردا بەزى كىشلىرىمىزنىڭ ھېچبىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ يۈرىمىز.
    ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساشقا باي تىل ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 1000 يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن ئاتالغۇلار ياساپ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. ئەمدى بولسا 1000 يىل بۇرۇن ياسالغان "باغىرداق" نىڭ ئورنىغا "لىپتىك" نى، "ئەڭلىك" نىڭ ئورنىغا "لەۋ سۇرۇق" ياكى "كوخۇڭ" نى ئالماشتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتىگە، ھېچبولمىغاندا ۋاقىت مەسلىسىگە سەل قارالغانلىقتىن، نۇرغۇن ئاتالغۇلار باشقا تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشتى ياكى ياسالغان تەقدىردىمۇ يېزىق تىلىدىلا قوللىنىلىپ، جانلىق تىلدا يەنە باشقا تىلدىكىسى قوللىنىلىنماقتا، ھەتتا بەزى ئاتالغۇلار ئىككى تىلدىن كىرىپ ھەر ئىككىسى ئۆزلەشتى.
    مۇشۇنداق بىپەرۋالىق تۈپەيلى، خەنزۇ تىلىدىن باشقا، رۇس تىلى ۋە خەلقئارا تىللاردىن 50-، 60 - يىللاردا كىرىپ ئۆزلەشكەن 3000 دىن كۆپرەك ئاتالغۇ تىلىمىزدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا. تىببىي ۋە تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى ھەم ئارمىيىدە قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلاردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇ ھال بىزنىڭ تەبىئىي پەندىكى ئاجىزلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىپ، ئۇيغۇر تىلىنى "كارغا كەلمەس تىل" قاتارىغا ئىتتىرمەكتە. بۇ بۇ جەھەتتىكى ئاتالغۇلارنى خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت تىللىرىدىن شۇ پېتى ئەكىلىپ ئىشلىتىۋەردۇق. ئۆتكەندە بىرى، "لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش رېلىسلاشتۇرۇش" دېمەي "لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى قوش لىنيىلەشتۈرۈش" دەپ تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. لېكىن تاھازىرغىچە ھېچكىممۇ "لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى"، لەنجۇ - شىنجاڭ تاشيولى" دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلمىدى. لەنجۇنىڭ بىر شەھەر، شىنجاڭنىڭ بىر ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوبدان بىلسىمۇ، بىر شەھەر بىلەن بىر ئۆلكىنىڭ دەرىجىسىنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى، بۇ ئاتالغۇنىڭ سىياسىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، لوگىكىلىق مەنا جەھەتتىنمۇ باغلانمايدىغانلىقىنى، باغلانماسلىقى لازىملىقىنى ھېچكىم ئويلاپ قويمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە "ئامېرىكا ۋاقتى" ياكى "فرانسىيە ۋاقتى" دېگەن ئاتالغۇنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، "ئۈرۈمچى ۋاقتى" دېگەننىڭ ئورنىغا "شىنجاڭ ۋاقتى" دەپ قوللىنىپ كەلدۇق.
    60- يىللاردا "ئەدەبىيات"، ھېساب" دېگەنلەرمۇ " يۈۋېن"، "سۈەنشۇ" دەپ ئۆزگەرتىلدى. شۇ چاغلاردا ئاشۇنداق ئاتىيالىغانلار "زىيالىي"، "بىلملىك" دەپ قارالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇ ئىشلىرىمىزدىن نومۇس قىلىمىز. بىراق، "مەدەنىيەت" نىڭ ئورنىغا "سىۋىلزاتسىيە"، "ئىنسانپەرۋەرلىك" نىڭ ئورنىغا "گۇنانىزم"، ئىملا قائىدىسى" نىڭ ئورنىغا "ئورفوگرافىيە" دېگەنلەرنى ئىشلەتكەنلەر ئارىمىزدا مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈيدۇ. جانلىق تىلدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، بەش يىلنىڭ ئالدىدا "دوستلۇق"، "دۆڭكۆۋرۈك"، "قىزىلتاغ" دېگەن يەر - جاي ناملىرىنى خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئىشلەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشمۇ تەس بولۇپ كەتتى.
    بىرسى مەندىن " 'شىنجاڭ ئۆكتەبر تراكتور زاۋۇتى' دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئۇيغۇرچە؟" دەپ سورىغاندا، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قىزارغانىدىم. "بۇنداق مىساللار لازىم بولسا كۈرمىڭى تېپىلىدۇ" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
    بۇلار يەتمىگەندەك، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئاسمىنىنى قاپلاپ، قۇلاق - مېڭىنى يەپ تۇرىدىغان ساپاسىز ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى دېمەمسىز! ئەنئەنىۋى خەلق ئاھاڭلىرىنى بۇزۇپ ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغىنىنى ئاز دەپ "يالتىراپ چاقناپ تۇرغان، بۇلاقتەك قارا كۆزۈڭگە"، "بىز كۈيلەيمىز، سىز ئوينايسىز، بىر، ئىككى، ئۈچ، بۇ نېمە؟" دېگەندەك قاملاشمىغان مىسرالارنى تىزىپ خەلققە ساتماقتا.
    تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان جۈملىلەر:
    - بۇ ھەپتە دالىبەيمۇ، شولىبەيمۇ؟ (بۇ ھەپتە چوڭ ھەپتىمۇ، كىچىك ھەپتىمۇ؟)
    - شىبېيلۇدا چۈشۈپ، 7 - يولغا ئولتۇرۇپ، گوڭشۆيۈەندە چۈشۈپ قالساڭ باۋۇگۇەننى تاپالايسەن. (غەربىي شىمال يولدا چۈشۈپ، 7- يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، سانائەت ئىنىستىتۇتىدا چۈشۈپ قالساڭ، مۇزىينى تاپالايسەن.)
    - شىندادا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى پاڭ - پاڭدى، شەھەرلىك نوڭخاڭغا بۆلۈنۈپتۇ. (شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇغان مەنسۇرچۇ، ھېلىقى سېمىز، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بۆلۈنۈپتۇ.)
    1000 يىل بۇرۇنقى كىشلىرىمىز ئەرەب - پارس تىللىرىدا ئەسەر يازسا، ئەرەبچە - پارسچە سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىپ سۆزلىسە "ھۆرمەت" تاپقان ئىدى. شۇ دەۋردە ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت، ھۆرمەت سۇسلاشقان، زىيالىيلىرىمىز ئەرەب - پارس تىللىرىغا جېنىنىڭ بارىچە يېپىشقان، چوقۇنغان ئىدى. نەتىجىدە تىلىمىزدا ئەزەلدىن بار بولغان "باقى" نىڭ ئورنىغا "تارازا" نى، "بالىق" نىڭ ئورنىغا "شەھەر" نى، تۆشەك" نىڭ ئورنىغا "كارىۋات" نى، "بېتىك" نىڭ ئورنىغا "خەت" نى، "كەڭ" نىڭ ئورنىغا "غەزەپ - نەپرەت" نى، "يازۇق" نىڭ ئورنىغا "گۇناھ" نى، "ئۇجماق" نىڭ ئورنىغا "جەننەت" نى ئالماشتۇرغان، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم، دەپتەر، كىتاب، گۇۋاھ ، گۆر، گۈل، مەھكەم، مۇراد، مەۋجۇدات، ناشتا، ناتىق، يايلاق، ھاۋا، ھەيئەت، ۋىلايەت، ۋەزىر، ۋاقىت، كېبىر، غەرب، شېرىن، سىركە، راست، دوست، خىجىل، خەۋەر، تەھدىت، ئايۋان، ئېلان، ئەسلى، ... دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئەرەب - پارس تىلىدىن ئېلىپ ئۆزلەشتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرىغا چىققان فونېتىكا، لېكسىكا جەھەتتىكى بىر تالاي قالايمىقانچىلىقلار ئەنە شۇ ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە تىللاردىن كىرگەن سۆزلەردىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ، شۇ تارىخ يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋېرىدىغان بولساق، 100 يىلغا بارماي تىلىمىز "راست گېپىنى ئېيتىدۇ"، ئۇ چاغدا "ۋاي" دېسەك ئۈلگۈرمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا زىيالىيلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن مەن ئۇنداق كىشىلەرنى ئۆز سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن ياش تۆكسۇن، دېمەكچى ئەمەسمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى ئەسلىشى، ئانا تىلىغا بولغان بىپەرۋالىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ئانا تىلىنىڭ سۈپىتى، ساپاسى، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشى، شۇلار ئاساسىدا ياشلارنى ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن، بۇنىڭدىن ئىجتىمائىيىتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرى مەنپەئەت كۆرىدۇ.
    مەن ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلىپ تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن، ئۆلگىنىگە 1700 يىل بولغان ئىبرەي تىلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن يەھۇدىي تىلشۇناسى ئېزىز يەھداغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، "تىل - ئىككىنچى ۋەتەن" دېگەن ئەقىدە ھەربىر يەھۇدىينىڭ كاللىسىغا مىقتەك ئورناشقان، شۇڭا ئۇلار ئۆلگەن تىلىنى تىرىلدۈرۈپ، قايتا دۇنياغا ***ۈرۈپ چىقتى. بىز بولساق، بارنى يوق قىلىشقا، كۆپنى ئاز قىلىشقا باشلىدۇق.
    بېشىمىزنى ***ۈرۈپ ئەتراپقا قاراپ باقايلى، دۇنياغا نەزەر سالايلى، خەق تىلىمىزنى ئۆگەنگىلى، تەتقىق قىلغىلى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىلىمىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە نېمىلەرنى ئويلاپ قالار؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ بىر چاغلاردىكى ئەنئەنىۋى گرامماتىكا نەزەرىيىلىرىنى سۆزلەپ يۈرىمىز، 60 - يىللاردا قازاقسىتاندا تۈزۈلگەن ئىككى قىسىملىق "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" بىلەن خەمت تۆمۈر ئەپەندى يازغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" (مورفولوگىيە) دىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك گرامماتىكا كىتابىمىزمۇ يوق، ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق قائىدىلىرى بىلەن ئون يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" (دەرسلىك) نىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتتى. لېكىن بىز شۇلارنى يەنە سۆزلەۋاتىمىز، سۆزلەيمىز... ئەھۋال مۇشۇنداق بولىۋەرسە، بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ سەن بىزگە نېمە بەردىڭ؟ نېمە قالدۇردۇڭ دېسە، نېمە دەيمىز؟ 1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل - يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم "ھاي" دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر - بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ "ئاخىرقى دەرس" ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى "ئاخىرقى دەرس" نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر "ئاخىرقى دەرس" نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!

     

     

     


    تىل مەسىلىسىگە باشقىلار قانداق پوزىتسىيەدە
    ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە ، بىر يىللاردا قەشقەردىن تۇغقان يوقلاپ تۈركىيىگە بارغان بىر كىشى پاراخوتتا دېڭىز ساياھىتى قىلىۋېتىپ ، قىرغاق تەرەپتە " گۈمبۈر - گۈمبۈر ، پاڭ - پۇڭ " قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ، يېنىدىكى تۈركىيىلىك بىر ھەمراھىدىن ئۇنىڭ نېمە ئاۋازلىقىنى سوراپتۇ .
    _ ھەرف ئاتۇر ، _ دەپتۇ تۈركىيىلىك ھەمراھى . قەشقەرلىك كىشى ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەپتۇ ، ئەمما قايتا سورىماپتۇ . پاراخوت بايىقى ئاۋاز ئاڭلانغان قىرغاققا يېقىنلاشقاندىلا ، ئۇنىڭ نېمە ئاۋازلىقىنى بىلىپتۇ .
    _ ھە ، ھەربىيلەر مەشىق قىلىپ قارىغا ئېتىۋېتىپتۇ - دە ، _ دەپتۇ قەشقەرلىك كىشى .
    _ ھە ، نېمە دېدىڭىز ، نېمىگە ئېتىۋېتىپتۇ دېدىڭىز ؟ ! _ دەپ ھاياجان بىلەن سوراپتۇ تۈركىيىلىك ھەمراھى .
    قەشقەرلىك كىشى بايىقى سۆزىنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ تەكرارلاپ ئېيتىپ بېرىپتۇ .
    _ ۋاھ ، ۋاھ ، بەك ياخشى بولدى ، بەك ياخشى بولدى ، ئىلگىرى بىز مەشىق قىلىپ ئاتىدىغان نىشاننى تۈركچە ئاتايدىغان خاس ئاتالغۇنى تاپالماي ، شۇ مەنىنى بېرىدىغان ئەرەبچىدىكى " ھەرف " دېگەن سۆزنى قوللىنىۋاتاتتۇق ، _ دەپتۇ تۈركىيىلىك ھەمراھى ۋە قەشقەرلىك كىشىنى بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋاپتۇ .
    قەشقەرلىك كىشى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بىرەر ئايدىن كېيىن ، تۈركىيىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋاپتۇ . ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تۆت سۇڭلۇق ئىككى پارچە سۈرىتى ، سۈرىتىنى قوشۇپ باسقان گېزىتنىڭ كېسىۋېلىنغان پارچىسى ، يەنە بىر پارچە يازما خەت بىلەن پۇل پروۋوت چېكى چىقىپتۇ . خەتتە " قارا " دېگەن سۆزنى ئېيتىپ بېرىپ ، تۈرك تىلىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقىغا ئۆز نامى ۋە گېزىتخانا نامىدىن رەھمەت - تەشەككۇر ئېيتىش بىلەن شۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئازراق پۇل ئەۋەتكەنلىكى يېزىلغانىكەن . سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گېزىت پارچىسىغا " قارا " دېگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىش جەريانى تەپسىلىي يېزىلغان ماقالە بېسىلغانىكەن .
    دېمەك ، باشقىلار تىلىنىڭ بايلىقى ، ساپلىقى يولىدا بىر سۆز ئۈچۈنمۇ شۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلىدىكەن ، بىزچۇ ؟


    ( مويدىن سايىتنىڭ < لوپنۇر ئەسلىمىسى > ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى )

     

     


    ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر

     

     

    بۇرۇنقى تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغا نەزەر


    مەن يېقىندىن بېرى لۇغىتىمىزدىكى “تەنتەربىيە”، “تەختىراۋان”، “ساتما” دېگەندەك سۆزلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسىدىن قارىغاندا خېلى بۇرۇنلا لۇغىتىمىزدە بولسا كېرەك(ئەگەر بۇ سۆزلىرىمىز لۇغىتىمىزدە بولمىغان بولسا، ھازىر نېمە دەپ ئىسىم قويۇشىمىز بىر مەسىلە ئوخشايدۇ)، ئالايلى، “تەنتەربىيە” دېگەن بۇ سۆز ئېيتماقتا شۇنداق ئاددىيلا تۇرىدۇ، بۇ سۆزنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىخچام ئاتىلىشى بولغان، ھازىر لۇغېتىمىزدىن يوقىلاي دەپ قالغان “تەن” سۆزى بىلەن، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى، بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نادانلارنى يامان يولدىن توسۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىلىم مەنىسىدىكى، ھازىرقى سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا “پېداگوگىكا” مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز “تەربىيە”دىن تۈزىلىپ، ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ئىخچام بىر ئاتالغۇ بولۇپ تۇرماقتا، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ھازىرقى دەرسلىمىزنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا بىرەر پەننىڭ مۇشۇنداق ئەپلىك قويۇلغان بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ماتېماتىكىغا “ساقىش” دەپ ئىسىم قويغان ياكى “تەنتەربىيە” سۆزى بارلىققا كەلگەن دەۋرلەردە ئاتابوۋىللىرىمىز ھازىرقى زامان ئېلىملىرى بىلەن ئۇچرىشالىغان بولسا، ئېھتىمال ئۆز لۇغىتىمىزدە بۇ ئىلىملەرگىمۇ سۆز مەنىسىدىنلا نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان، ئوقۇ - ئوقۇتۇشلىرىمىزدا زور قولايلىق ئېلىپ كىلىدىغان ئىسىملار دىن پىسخولوگىيەگە “خۇيتەربىيە”، پېداگوگىكىغا “ساباق تەربىيە”، بىولوگىيەگە”جانتەربىيە”، فىزىكىغا “ھەركەتتەربىيە”، خىمىيەگە “تادۇتەربىيە”، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىغا “ساقىش تەربىيە”،... دېگەنلەردەك مۇۋاپىق ئىسىملارنى قويار بولغىيمىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    “تەختىراۋان” سۆزىنى يېشىپ كۆرىدىغان بولساق، “ئوردا” مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان “تەخت” سۆزى بىلەن، ئىش- ھەرىكەتنىڭ توسالغۇسىز داۋاملىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان “راۋان” سۆزىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆزمۇ ئەينى دەۋردىكى قاتناش قورالىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇنداق ئويلايمەنكى، ئەينى چاغدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك مەخسۇس تىل يېزىق ئىدارىلىرى بولمىغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋردىكى قاتناش قوراللىرى بىلەن ئۇچرىشالىغان بولسا، بىزگە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مىراس بولغىدەك “كۆكتە راۋان”، “سۇدا راۋان”، دېگەندەك ياخشى ئىسىملارنى قويۇپ بىرەر بولغىيمىدى دەپ ئويلايمەن. مېڭىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نەرسىگە تىز سۈپىتىنى قوشۇپ خاتا ھالدا “تىز سۈرەتلىك يول(تىز ماڭىدىغان يول)” دېگەندەك ھەم ئۇزۇن ھەم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان خاتا ئىسىملارنى قويۇپ يۈرمەي، ماڭغۇچىلار توسالغۇسىز يۈرەلەيدىغان يول دېگەن مەنىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان “راۋان يول” دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ بېرەرمىتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزغا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانكى، قوغۇنلۇقنى خەۋەر ئالىدىغان كەپىگىمۇ ئاددىيلا “كەپە” دېمەي، كەپىدىن پەرقلىق ھالدا قوغۇنلۇقنى بېقىش بىلەن قوغۇننى سېتىش ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان “ساتما” دەپ ئىسىم قويغان. ئۆزى شۇغۇللانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق ئىخچام، مەنىسىنى ئىزاھسىزلا بىلگىلى بولىدىغان ئىسىم- ناملارنى قويۇپ، مىراس قالدۇرالىغان.
    ھايۋانلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىك، جىنسى، تۇرارجايى ۋە گەندىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلاردىكى شۇنچە ئىنچىكە پەرقلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز، مەسىلەن: ھايۋانلاردىكى جىنسى پەرقىنى مىسالغا ئالساق، چىشى جىنسىدىن ساغلىق، ئىنەك، مېكىيان، .... ئۇلارنىڭ ئەركەك جىنسىدىن قوچقار، بۇقا، خوراز، .... قاتارلىقلار. چوڭ - كىچىكلىك پەرقىدىن قوزا(تېخىمۇ كىچىكرەكى مەچەك)، موزاي، باچكا، .... قاتارلىقلار. تۇرار جايىدىن ئېغىل، قوتان، كاتەك، قۇما،....... قاتارلىقلار. گەندىسىدىن ماياق، تېزەك، قىغ(مەرەىز)، ..... دېگەندەك ئىنچىكە پەرقلەرنى كۆرىمىز، بۇنداق ئىنچىكە پەرقلەر ھازىرقى تەرەققىي قىلدى دەپ قارىغان خەلقئارالىق تىللاردىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەپسۇس ھازىرقى پەن- تېخنىكا شۇنداق تەرەققى قىلغان، تەشۋىقات قوراللىرى مۇكەممەل، ھەرخىل ئورگان، ئاپىراتلار تولۇق بولغان بىر دەۋردە بولسا، لۇغىتىمىزدىن يېقىنقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان “تىزگىنەك”، “كىملىك” ۋە “ئۇ”ئالغۇ، “بۇ”ئالغۇلاردىن باشقا كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا خىزمەت ياكى كەسىپ نامىنى بىلدۈرىدىغان مەشقاۋۇل، باقاۋۇل دېگەن سۆزلىرىمىزدىكى مۇھىم سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە “ئاۋۇل”دىن پايدىلىنىشنىمۇ تېخى ئويلىشىپ باقمىدۇق.


    بىرقىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ھەققىدە تەۋسىيە


    دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىنى قويۇپ قويىدىغان ياكى يېغىن سەھنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرەلەرنى بىرقىسىم ماتېرىياللاردا “مۇنبەر” دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ سۆز مېنىڭچە نوقۇل ھالدا شىرەنىلا كۆرسەتمەستىن، شۇ شىرە تۇرغان ئورۇننىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇقۇم جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇتۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ سايمانغا تولۇق ماس كىلىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان سۆز ياسىغۇچى “دۇق”نى قوشۇپ، “نۇتۇقدۇق” دەپ ئېلىنىشىنى ئويلىشىپ كۆرسەك.
    بالىلار باغچىسىدا پەرزەنتلىرىمىز ئوينايدىغان ئىككى ئويۇنغا مەن ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەيلا ئىككى ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ ئىسىمنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى سەزگۈر كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئۇ ئىسىم: “لۆم-لۆم پالاس”، “دوق -دوق ماشىنا” موتوسىكىلىت مىنگەنلەر يېڭى سېتىۋالغان موتۇسىكىلىتىغا “بۇ موتو تېخى مولا قىلىنىپ بولۇنمىغان” دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ يەردىكى مولىنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇيغۇرلاردا پىچاق چاقىلىغاندا، چاقلاپ بولۇپلا بۆلەيدىغان ئادەت بار، بۇنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەپ ئاتايدۇ، مېنىڭچە قىلاتىنى ئېلىش دېگەن سۆز سىلىقلاش دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك، موتۇسكىلىتنى مولا قىلىش دېگەن سۆزمۇ تىلىمىزدىكى قىلاتىلاش ياكى ئېغىز تىلىدىكى قىتلاش دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنىدە بولسا كېرەك، شۇڭا “مولا” قىلىش دېگەن سۆزنى “قىتلاش” ياكى “قىلاتىلاش” دەپ ئالساق دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
    كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنى “تىل ۋە تەرجىمە(ھازىرقى كۆۋرۈك)” ژورنىلىنىڭ قايسىبىر سانىدا “كەمپۈتەر” دەپ ئېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن، بۇ ئاتالغۇ خەلقئارا ئاتالغۇ “كومپيۇتېر” بىلەن ئاھاڭداش بولۇپلا قالماي، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمتەرەپلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلىپتىكەن، بىراق بۇنداق ئوبرازلىق ياخشى نام ئومۇملاشتۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى.كەمپۈتەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كەمپۇتەر بىلەن يانداش ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئۈسكىنىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمىغا دېگىدەك يېڭى ئىسىم قويماي ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ناملار بىلەنلا ئاتاپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇلارغا تىلىمىدىكى سۆز ياسىغۇچى ئەبزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم ياسىغان بولساق تامامەن ياسىيالايتۇق، بىراق ئىسىم ياسىمىدۇق ياكى پىكىر ئادىتىمىزگە ئۇيغۇنلىشىش ياكى ئۇيغۇنلىشالماسلىقى بىلەن ئويلاشماي، قارىغۇلارچە خەنزۇچىدىن خەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلدۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇن ئىسىملارنى خەلق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدى. مېنىڭچە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم ياساشتا تەرجىمىنى مەقسەت قىلماي ۋاستە قىلىپ، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، ئىسىم ياسىساق ئاقىلانىلىق بولارمىكىن دەيمەن. مەسىلەن: قەغەز يۈزىدىكى رەسىم ياكى خەتچەكلەرنى نۇسخىلاپ سايىسىنى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدىغان ئۈسكىنە(سىكانىر)گە ئىش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە نەرسىلەرگە ئىسىم ياسىغۇچى “لىغۇچ” بىلەن سايىنى قوشۇپ “سايىلىغۇچ” دەپ ئىسىم قويساق تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە پەن - تېخنىكا كىتاپلىرىدا قاتتىق ماتېرىيال، يۇمشاق ماتېرىيال، قاتتىق قۇرۇلۇش، يۇمشاق قۇرۇلۇش دېگەندەك ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ، بىراق بۇ يەردىكى قاتتىق، يۇمشاق سۆزلىرى نەرسىلەرنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان قاتتىق، يۇمشاقلىقىنى بىلدۈرمەستىن، خەنزۇ تىلىدىكى硬 软دىن ئۆلۈك ھالدا تەرجىمە قىلىنغان بىر ئېنىقسىز ئاتالغۇدىن ئىبارەت. بىز بۇ ئىككى ئۇقۇم بىلدۈرىۋاتقان شەيئىنى ئوبدانراق كۈزىتىدىغان بولساق، كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرۈپ، تۇتقىلى بولىدىغان ئادەم، دەرسخانا قاتارلىقلار قاتتىق ماتېرىيال دېيىلگەن، بىۋاستە تۇتۇپ كۆرگىلى بولمايدىغان، ئەمما ۋاستىلىق ھالدا مەۋجۇتلىقى نامايەن بولىدىغان، ئادەمنىڭ بىلىمىي، ئىددىيىسى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى قاتارلىقلار يۇمشاق ماتېرىيال دېيىلگەن. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر بويىچە قاتتىق ماتېرىيال، قاتتىق قۇرۇلۇش دېگەنلەرنى كۆرۈم ماتېرىيال، كۆرۈم قۇرۇلۇش؛ يۇمشاق ماتېرىيال، يۇمشاق قۇرۇلۇشلارنى كۆرۈن ماتېرىيال، كۆرۈن قۇرۇلۇش دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەردىكى كۆرۈم سۆزى رۇشەنكى كۆرۈش پىئېلىنىڭ ئىسىم شەكلى. كۆرۈن سۆزى، كۆرۈم بىلەن ئاھاڭداش بىر سۆز بولۇپلا قالماي، كۆرۈشنىڭ بۇيرۇق شەكلى بولۇپ، كۆرۈنمىگەن نەرسىلەرگە نىسبەتەن كۆرۈنۈشنى تەلەپ قىلىش مەنىسىگە ئىگە. بىز يۇمشاق ماتېرىيالنى “كۆرمەكچى” بولىدىكەنمىز ئۇنى كۆرۈم ماتېرىيال(قاتتىق ماتېرىيال)نىڭ ۋاستىسى بىلەن مەلۇم مەشغۇلات ئارقىلىقلا “كۆرەلەيمىز”. شۇڭا ئۇنى كۆرۈن ماتېرىيال دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن بۇ ماقالامنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئىلھامىي بىلەن بىرقىسىم تورداشلار “جۇۋاۋا”غا ئۈگرە، چۈچۈرە دېگەن تاماقلىرىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تاماقنىڭ ئېتىلىش ئالاھىدىلىكى بويىچە “تۈگرە” دەپ، “سومەن”گە “قورىماچۆپ”، پىنتوزىغا “ماشئۈگرە(بۇ ئەسلىدىمۇ بار ئىدى)”، لەڭپۇڭغا “لىغىرداق” دېگەندەك شۇنداق قاملاشقان ئىسىملارنى قويۇپتۇ. بۇنى تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بىر قىسىم ئۇزۇن ئىسىملارنى ياساش ۋە ئىخچاملاشتا بۇرۇنقى تىلىمىزدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئومۇملىشالمىغان، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىرقىسىم ئالاھىدە سۆزلەردىلا قوللىنىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىرخىل ئۇسۇل: “سۆزلەرنى قىسقارتىپ بىرىكتۈرۈش” ئۇسۇلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە بىرقىسىم ئۇزۇن سۆزلەرنى چەتتىن ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان پويىزدەك ئۇزۇن ئىسىملارغا ھاجەت قالمايتتى دەپ قارايمەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز “ئوت” بىلەن “ئالغۇچ”نى بېرىكتۈرۈپ “ئوتىغۇچ”، پۇتقا سېپىپ كېيىدىغان كەش(ھازىرقى ئاتالمىش توشەي)نى “كەش” بىلەن “سېپىش”نى بېرىكتۈرۈپ “كېپىش”، “دېرەپ” بىلەن “تېشە”نى بېرىكتۈرۈپ “دېرەپشە” دەپ ئالغانىكەن. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلھامى بىلەن يېقىنى دەۋىرلىرىمىزدىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىخچام ھالدا “ئوبكوم”، “ۋېلكوم”، “ناكوم” دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. چەتنىڭ بىزگە ماس - كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي، نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولساقمۇ، بىزدىمۇ يۇقارقىدەك ئەزەلدىن بار بولغان ھەم چەت تىللاردا خېلى تەرەققى قىلغان(CPU،WTO دېگەندەك) بۇ ئۇسۇلنى ھازىر بىزگە قوللىنىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ ئېرەن قىلمايۋاتىمىز. مەكتىپىمىزدە تاللانما، پائالىيەت دەرسى دەيدىغان دەرسنىڭ ئۇزۇن نامىنى مەن ئىخچاملاشتۇرۇپ دەرس سەتكىسىگە “تاللىيەت” دەرسى دەپ ئالسام، تىزلا ئومۇملاشتى. شۇڭا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.


    تەرجىمانلىرىمىزدىكى بىرقىسىم سەۋەنلىكلەر

     

    ئاتا بوۋىلىرىمىز باغۋەنچىلىك ساھەسىدە ئەينى دەۋرلەردە دۇنياۋى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، باغۋەنچىلىك ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن تىل بايلىقلىرىمىز تەتقىق قىلىنىشنى، ھازىرقى دەۋر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، شىنجاڭ قەدىمىي مىۋە - چىۋە ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرخىل مىۋە كۆچەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ مىۋىللىرىگە پەرقلىق ئىسىم قويۇپلا قالماي، ھەربىر مىۋىنىڭ تۈرلۈك خىللىرىغىمۇ پەرقلىق ناملارنى قويۇپ كەلگەن. مىۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇتۇلغان مىۋىلەرگىمۇ ئۆزگىچە ناملارنى قويغان. ئەپسۇس بىرقىسىم تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدە ئەسلى مەنبەدىكى تىل ئادىتى بويىچە ئۆلۈك ھالدا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ، تىل بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي، ياشلىرىمىزنىڭ تىل ساپاسىنى تۆۋەنلىتىشكە سەۋەبكار بولۇپ قالدى.مەسىلەن، ھازىر مەتبەلىرىمىزدە بولمىسۇن، ياشلىرىمىزنىڭ ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن قۇرۇتۇلغان مېۋە بولسىلا “قاق” دەيدىغان خاتا ئۇقۇم ئومۇملاشماقتا. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە “قاق” سۆزى پەقەت شاپتۇلنىڭ قۇرۇتىلغېنىغىلا قارىتىلاتتى، ئۆرۈكنىڭ قۇرۇتىلغېنىنى “ئۆرۈك قېقى” دەپ ئاتىماستىن “گۈلە”، ئۈژمىنىڭكىنى “ۋاسالغۇ”، ئۈزۈمنىڭكىنى “يىمىش” دەپ ئاتايتتى. يۇقارقى مەسىلە ھازىر ئاددىيدەك بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارالغاندا خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە مەتبەلىرىمىزدە بايتال، بوتىلاق، تەخەي، چۈجە، دەمدا، ئېرىكلارنى ئاتنىڭ چىشىسى، تۆگىنىڭ بالىسى، ئېشەكنىڭ بالىسى، توخۇنىڭ بالىسى، كەپتەرنىڭ چىشىسى، ئەركەك قوينىڭ پېچىۋېتىلگىنى دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىپ قالارمىزمۇ دېگەندەك ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشمەي تۇرالمايمىز.


    ئۇيغۇرلاردا سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلى

     

    ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش ماتېماتىكا ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن قەدەمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ماتېماتىكا ئىلمىنى ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق ۋە تەقۋىمچىلىق ساھەلىرىدىمۇ كەڭ قوللانغان ۋە بۇ ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەڭ كىچىك بىر ساھەسى بولغان سانلارغىمۇ نام بېرىشتە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە ئەنئەنە ياراتقان. ئەمما بۈگۈنكى دەۋېردە خەنزۇچە مەنبەلەردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم مۇھىم بانكا ۋە پوچتا - تېلېگىرافنىڭ ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلىرىدە، پەن - تېخنىكا كىتاپلىرىدا، ھەتتا ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنماستىن، ئۆلۈك ھالدا خەنزۇ خەلقىنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتى بويىچىلا ئۆلۈك تەرجىمە قىلىىدىغان، قوللىنىدىغان بىنورمال ئادەت شەكىللىنىۋاتىدۇ.مەن تۆۋەندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن “باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئاساسىي نەزەرىيىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودى(1- قىسىم)”دىكى سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلىدا مۇۋاپىق بولمىغان بىر قىسىم ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، دەرسلىك كىتاپتا سانلارغا نام بېرىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.1. تەبىئىي سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىدىكى ئالدىنقى توققۇز ساننىڭ ھەرقايسىسىغا مۇستەقىل نام بېرىلگەن. يەنى بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز؛2. “ئونغا توشسا ئالدىنقى خانىغا بىرنى قوشۇش”قا ئاساسەن ساناش بىرلىكلىرىنى بەلگىلەش. ئون يەردە بىر ئون دېيىلىدۇ، ئون يەردە ئون يۈز دېيىلىدۇ، ئون يەردە يۈز مىڭ دېيىلىدۇ، مىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىدە ئونغا تولغاندا بىرمۇبىر يېڭى نام بېرىلمەستىن، بەلكى ئون يەردە مىڭ ئون مىڭ دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە ئون مىڭ يۈزمىڭ دېيىلىدۇ. يۈزمىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىگە يېڭى نام بېرىلگەن، ئۇ، ئون يەردە يۈزمىڭ مىليۇن دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە يۈز مىلىيۇن بىر مىليارد دېيىلىدۇ؛ مىلياردتىن كېيىنكىلىرى ئون مىليارد، يۈز مىليارد، ترىليۇن دېيىلىدۇ ۋە باشقىلار.3. باشقا تەبىئىي سانلارغا نام بېرىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى توققۇز سان بىلەن ساناش بىرلىكلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ.بۇنداق نام بېرىش ئۇسۇلى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەت خەلقلىرىگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مىللەتلەر(ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش)گە مۇكەممەل نام بېرىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ. يەنى يۇقارقى ئۇسۇل بىلەنلا سانلارنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا يۈز ئىچىدىكى پۈتۈن ئونلۇق سانلارغا باشقا مىللەت خەلقلىرىدىن پەرقلىق ھالدا مۇستەقىل نام بېرىلگەن بولۇپ، بىر يەردە ئون ئون دېيىلىدۇ، ئىككى يەردە ئون ئىككى ئون دېيىلمەستىن يېگىرمە دېيىلىدۇ؛ ئۈچ يەردە ئون ئۈچ ئون دېيىلمەستىن ئوتتۇز دېيىلىدۇ؛ تۆت يەردە ئون تۆت ئون دېيىلمەستىن قىرىق دېيىلىدۇ؛ .......... توققۇز يەردە ئون توققۇز ئون دېيىلمەستىن توقسان دېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ ناملارمۇ يۇقارقى قائىدىنىڭ ئىككىنجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى لازىم ئىدى. بۇ مۇستەقىل بىر قائىدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ياكى ئىتراپ قىلىنمىغاندا يۇقارقىلار ئارقىلىقلا سانلارنى مۇكەممەل ئوقۇغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 85697450328 يەنى “سەكسەن بەش مىليارت ئالتە يۈز توقسان يەتتە مىليۇن تۆت يۈز ئەللىك مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز” دىكى “سەكسەن”، “توقسان”، “ئەللىك”، “يىگىرمە” دېگەن ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بانكا ۋە پوچتا - تېلېگراپ ئىدارىلىرىدىكى ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلەرنىڭ سېستىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ قىرىق بەش يۇەن دېيىشنىڭ ئورنىغا “تۆت ئون بەش يۇەن”، توقسان سەككىز پۇڭ دېيىشنىڭ ئورنىغا “توققۇز ئون سەككىز پۇڭ” دېگەندەك بىمەنە “ئۇيغۇرچە” سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز.شۇڭا، ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەبىئىي پەن كىتاپلىرىنى ئىشلىگەندىمۇ مىللەتنىڭ ئۆز خاسلىقىغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، خەلقنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئۇيغۇن بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.بىزنىڭ تىلىمىزدا سانلارنىڭ ئون مىڭلىقىنى بىلدۈرىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كەلگەن مۇستەقىل مەنىگە ئىگە “تۈمەن” دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىكى”万¿بىلەٿتەؿمەنىگە ئىدى، لېكىن ھازىر بۇ تەۋەرۈك سۆزىمىز تەرجىمە فىلىملىرىدە “تۈمەن مىڭ يىللار ياشىغايلا” دېگەندەك ئىبارىلەردە قوللانغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، مەتبەئەلىرىمىزدە كۆزگە چېلىقماي ئىستىمالدىن قېلىپ، ياش ئەۋلاتلار ئاڭلىسىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقۇلۇپ كەتمەي، داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن دەرسلىك ياكى پايدىلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلىشىنى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ئاز - تولا قوللۇنىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەسىلەن: 7468950000七十四亿六千八百九十五万零零零零_نؿيەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن دەپ؛ 7468953201七十四亿六千八百九十五万三千两百零一_نؿيەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز بىر دەپ ئوقۇشنىمۇ بىرگە قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. يۇقارقىلار مېنىڭ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.


    كومپيۇتېردا قوللىنىلىۋاتقان چىكىت بىلەن پەشنىڭ ئورنى

     

    مەن تىل- يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىم بولمىغىنىم ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىگە دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزنىڭ “پەش”، “چىكىت”لىرىمىز، جۈملىلەرنى توغرا ئوقۇش، مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، يېزىقلىرىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭا بۇ بەلگىلەرنىڭ قويۇلۇش ئورنى توغرىسىدا مۇئەييەن قائىدە پىرىنسىپلار بار دەپ قارايمەن. ئىلگىرى قوغۇشۇن مەتبەچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئورنى كېيىنكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇننىڭ ئالدىدا قويۇلاتتى، ئۇلارنىڭ يېزىقىمىزدىكى رولى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسى جەھەتتىنمۇ شۇنداق قويۇلغىنى توغرا ئىدى. ئەمما، ھازىرقى گېزىت- ژورناللاردا بولمىسۇن ياكى خېلى چوڭ شەھەرلەردىكى تەشۋىقات ياكى ئېلان تاختىلىرىدە بولمىسۇن كېيىكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇن بىلەن بۇ بەلگىلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىلىۋاتىدۇ، يەنى كېيىنكى سۆزگە بۇ بەلگىلەر چاپلىشىپ يېزىلىپ، بوش ئورۇن بولسا، بۇ بەلگۈلەرنىڭ ئالدىغا كىلىپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: “ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە، پارىسچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان.” دېگەن جۈملە “ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە ،پارىسچە ،رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان .”غا ئوخشاش پەش، چىكىتلىرىمىز كېيىنكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ، بوش ئورۇندىن كېيىن يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىرەر بەلگىلىمە يوقمۇ ياكى ئاپتۇرلار، كورىكتۇرلار جۈملىدىن مۇھەررىر ياكى تەھرىرلەر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتامدۇ ھىچ بىلمىدىم.


    چەتەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىش توغرىسىدا قىرتاق خىياللىرىم

     


    تارىخىمىزدا گەۋدىلىك ھالدا ئەرەپ تىلىدىكى، پارس تىلىدىكى، روس تىلىدىكى، خەنزۇ تلىدىكى ۋە ئاخىرىدا ئىنگىلىز تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ھەرقايسى دەۋرلەردە زىيالىلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقى ئارقىلىق لۇغىتىمىز "بېيىپ"، "سەمىرىپ" كېلىۋېتىپتۇ. نەتىجدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقانداق بىر ئاددى جۈملىسىدىمۇ يۇقارقى تىللاردىن خالىي بولغان ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈزۈلگەن بىرەر جۈملىنىمۇ تاپقىلى بولمىغىدەك ھالغا يېتىپ باردى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنى ئويلىغان ۋاقتىىمىزدا ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە زىيالىلىرىمىزدىكى مەن - مەنلىك، بىلەرمەنلىك، كۆز - كۆز قىلىش، ھورۇنلۇق سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن. يېقىنقى دەۋېرلەردە بولسا يۇقارقى ئۇدۇمدىن باشقا بىر قىسىم تونۇلغان زىيالىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ چەتەل تىللىرىغا بولغان ھېرىسلىقى، ئۇنىڭ مەنا قاتلاملىرىغا بولغان تونۇشىنىڭ يۇقۇرىلىقى، ئەكسىنچە ئانا تىلغا بولغان ھۆرمەتنىڭ سۇسلىقى، ئانا تىلىنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەبزەللىكىنى كۆرمىگەنلىكى، ئۇنى بېرىلىپ تەتقىق قىلماسلىق، چەتتىن كىرگەن يېڭى شەيئىلەرگە تەدبىقلىيالماسلىق، تەييارغا ھەييار بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇش خاھىشى بىلەن، چەتەل تىللىرىنىڭمۇ يەنە نۇرغۇن كەم تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالمىغانلىقى سەۋەپلىك بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەدىسىلا بىزنىڭ تىلىمىز پەن - تېخنىكىغا ماس كەلمەيدىكەن، بىزنىڭ تىلىمىز يېرىك ئەسەرلەرگە ماسلىشالمايدىكەن، پوكونى سۆزنىڭ مانچە خىل مەنىسىنى تولۇق ئېچىپ بىرەلمەيدىكەن دېگەندەك نەزىرىيەلەرنى تور ۋە مەتبەلەردە ئوچۇقتىن ئوچۇق تارقاتماقتا ھەم لۇغەت تەركبىمىزدە چەتەل تىللىرىنى تېخىمۇ ئاۋۇتماقتا. بىرقىسىم ULY(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى)دىكى تور بەتلىرىگە قارايدىغان بولساق يېڭى تىما، جاۋاپ يېزىش، پۈتۈك، تونۇتلۇق(يەنى profile) قاتارلىقلارغىچە ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلار بىلەن ئالغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېلىشىدىكى سەۋەپ، ئېنگىلىزچىدىكى شۇ سۆزنىڭ بارلىق ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تولۇق، ئەينەن ئپادىلەپ بېرەلمەسمىش.ئەگەر بىر تىلدىكى بىر سۆز يەنە بىر تىلدىكى بىر سۆزنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا چەتئەل تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، نېمە ئۈچۈن ئېنگىلىزلاردا ئاكا بىلەن ئېنىنى پەرقلەندۈردىغان شۇنداق مۇھىم بىر سۆز ھازىرغىچە يوق تۇرۇپ، ئۇلار چەت تىللاردن ئاكا، ئېنى دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلماي “قېرىنداش(brother)” دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ؟ بىزنىڭ تىلىمىزدا دەل - دەرەخنىڭ مەھسۇلاتى بولغان جىرىم، كۆچەت، غول، شاخ، بادرا، شىۋېق، شوپۇڭ، خە، جەگە، ۋاسا، ئوتان، تارشا، شېشىق، تەمەچ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلىرىمىزگە باشقا تىللاردا سۆز تېپىلمسا، ئۇلار ئۇيغۇر تلىدىن بۇ سۆزنى قوبۇل قىلارمۇ ياكى مەنىسى دەل كەلمىىسىمۇ ئۆزىدە بار بولغان بىرەر سۆز بىلەن ئىپادە قىلارمۇ؟ بۇيەردە يەنە شۇنداق بىر ئوي كىلىپ قالدى، بىزدىكى ئېسىل مەھسۇلات “گۈلقەن”نى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا چەتئەل تللىرى نېمە دەپ قوبۇل قىلغاندۇ؟كومپيۇتېر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا كومپيۇتېر دېگەن بۇ سۆز بار بولغىيمىتى ياكى بۇ ئۈسكىنە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بۇ سۆز ياسالغانمۇ؟ مەلۇم شەيىئي بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۇلار شۇ شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن ئسىم قويغان بولىشى مۇمكىن، بىزمۇ ئىزدەنسەك، تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئىستىمىسەكلا ھەرقانداق بىر سۆزنى ياسيالىشىمىز تامامەن مۇمكىن. ياسىيالمساق تىلىمىزغا ماس كىلىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر ياسىغان سۆزدىن پايدىلانساق ياكى قوبۇل قىلساق، ئاتايىتەن ئۆگىنىپمۇ ئەستە ساقلىغىلى بولمايدىغان سۆزلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كۆپ ياخشى بولۇر ئىدى. مەسىلەن، كىملىك يېڭى چىققان مەزگىللەردە “سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى” دېگەن بۇ پويىزدەك ئۇزۇن نامغا كىشىلىرىمىز تازا كۆنەلمەي، ھەرخىل تەلەپپۇز بىلەن خەنزۇلارمۇ ئۇقالمايدىغان ئاتالمىش خەنزۇچە ئاتاپ كەلگەن ئىدى، تۈرۈكچىدىن “كىملىك” دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن كىشىلەرگە ئىسمىي - جىسمىغا لايىقلاشقان بۇ نام شۇنداق يېقىپلا كەتتى.ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 6- سانىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېلىكترۇنلۇق پوچتا يوللانما بولغان E-mailنى ئېلخەت دەپ ئاتىۋىدى، ھازىر كۆپ قىسىم توربەتلىرىدە، مەتبۇئاتلاردا بۇ ئېسىم ۋە بۇ ئىسىم ئۆزىگە يۈكلىگەن مەنىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملۇشۇپ، ئېنگىلىزچىدىكى E-mail بىلەن تەڭداش مەنىگە ئىگە بولۇپ قالدى ياكى شۇنداق بولغۇسى.

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ: