ئالدىنقى قېتىم Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ دەپ چاقىرىق قىلغان ئىدۇق، ئۇنىڭدا ئۇبۇنتۇ تولۇق ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن ھالەتتە قاچىلىنىدىغان بولسا بۇ قېتىم Uyghurix1.0 دە سىزگە لازىملىق يۇمشاق دىتاللار سەپلەنگەن ھالەتتە قاچىلىنىدۇ بۇ خۇددى سىز كېرەكلىك يۇمشاق دىتاللار سەپلەنگەن تەييار ghost سىستېمىنى قاچىلىغاندەكلا ھالەتتە قاچىلىنىدۇ يەنى كېرەكلىك يۇمشاق دىتاللارنى ئورنىتىش ۋاقتىنى تىجەپ قالىسىز.
چۈشۈرۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن 8 پارچە rar ھۆججەت قىلىپ پىرىسلاندى.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
8 پارچە rar ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بىر قىسقۇچقا قويۇپ 1- سىنى پىرىستىن يەشسىڭىزلا بىر دانە ISO ھۆججەت ھاسىل بولىدۇ. بۇنى نۇر دىسكىغا ئويۇپ كومپيۇتېرنى نۇر دىسكىدىن قوزغۇتۇپ Uyghurix Live CD كۆزنىكىىدكى 2- تىزىملىكنى تاللىسىڭىز رەسمىي قاچىلىنىدۇ.
دىققەت: قاچىلاش باشلانغاندا چىققان 1-2- كۆزنەكتىكى ئەسكەستىش ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى
http://115.com/file/dpaytgek ئىسمى uyghurix1.part1.rar
http://115.com/file/anp4lkyn ئىسمى uyghurix1.part2.rar
http://115.com/file/dpayth79 ئىسمى uyghurix1.part3.rar
http://115.com/file/e7ch9x3r ئىسمى uyghurix1.part4.rar
http://115.com/file/dpaytvok ئىسمى uyghurix1.part5.rar
http://115.com/file/dpayt7k8 ئىسمى uyghurix1.part6.rar
http://115.com/file/be14mrge ئىسمى uyghurix1.part7.rar
http://115.com/file/dpayko7a ئىسمى uyghurix1.part8.rar
خەتكۈچ: Uyghurix, ubuntu, ئۇبۇنتۇ
پۈتۈن ھۆججەتنى چۈشۈرۈش
http://115.com/file/annesd5v ئىسمى yghurix1.0.iso
ياكى http://kuai.xunlei.com/d/FNMMOCMPRQPU
ئەسلى مەنبەسى :
بەزى كومپيۇتېرلارغا قاچىلانماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندىمۇ؟
ياق تېخى…..
پىرىستىن يەشسەم 99% بولغاندا پىرىستىن يېشىلىشتە مەسىلە كۆرۈلدى دەپ چىقىۋالدى… تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلار…
بۇلىدۇ…………….
xp بىلەن بىرگە قاچىلىساق قانداق قاچىلايمىز. يەنى ھازىرقى كومپىيۇتۇرۇمدا xp بار. س دىسكىدا يەنە 20 گىگابايتتەك ئورۇن بار. مەن مۇشۇ دىسكىغا قاچىلاي دىگەن . ئىلگىرى ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ قوش سىستىما قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ قوش سىستىما قىلىمەن دىسەم قانداق قىلىمەن. يول كۆرسەتسىڭىز.
بىلوگدا قاچىلاش توغۇرلۇق يازما بار شۇنى كۈرۈڭ پەقەت بىلمىسىڭز بىلوگ چ چ توپىغا كىرىپ خەت قالدۇرۇڭ
تورسىز ھالەتتە قاچىلىغىلى بولمامدۇ نېمە ؟ ئىچكى خاتالىق يۈز بەردى دەپ چىقىۋالدى … ھەل قىلىپ قويغان بولساڭلار .
بۇلىدۇ ،شۇنداق دەپ چىقىپ تۇرۇپ قاچىلىناتىغۇ؟
ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ، مەۋھۈم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بىلەن ئىچىپ قارىسىام، قاچىلاش ھۆججىتى كۆرۈنمىدىغۇ؟ ياكى بۇنى مەۋھۈم ئوپتىك دىسكىدا قاچىلىغىلى بولمامدۇ؟ چوقۇم دىسكىغا ئويۇشىمىز كېرەكمۇ؟
بارماق دىسكىغىمۇ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ قانداق قاچىلايمەن. يول كۆرسەتسىڭىز.
بارماق دىسكىغا ياكى نۇر دىسكىغا ئۇيۇپ قاچىلىسڭز بۇلىدۇ ،قاچىلاش ئۇسۇلى بىلوگدا بار ،بۇنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئوبۇنتۇ سىستېمىسنى قاچىلاش بىلەن ئوخشاش………………
ئاشۇ قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىر ئۇلانما قىلىپ قويۇڭچۇ. مەن ئۇبۇنتۇ ۋۇبى دىگەن بىر دىتالدىن پايدىلىنىپ ئاسانلا قاچىلىۋالغان ئىدىم. بۇنىڭدا ئۇ دىتالنىمۇ تاپالمىدىمغۇ؟
بۇلىدۇ
ئسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئاللا قوللرىڭلارغا دەت بەرمىسۇن ! مەن بۇسىستىمىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم ھەم تۇنجىقىتىم قاچىلاپ ئىشلىتىشىم،
ھەم ھۆججەت خالتىلىرىمنى بىمالال ئىزدەپ تاپلىدىم، ھەم ئانا تىلىمىزدىكى تۇنجى سىستىمىنى ئىشلىتىپ شۇنداق خوش بولدۇم..!
بىركاشىلىنى پەقەت ھەلقىلالمىدىم! بۇسىستىمىدا تورنى قانداق ئۇلايدۇ! ؟
سىز قانداق تور ئىشلىتىسىز؟ شۇنى ئۇققاندىن كېيىن جاۋابى دەپ بېرەي ،ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى قىسىمدا تورنىڭ بەلگىسى بار ياكى شۇ يەردىن كىرىپ ئۈزىڭز تەڭشىۋالسىڭز مۇ بۇلىدۇ.
مەن پوشتا تىلگىرافنىڭ تورىنى ئىشلىتىمەن…! تورغا ئۇلايدىغان يىرىنى تاپتىم… لىكىن تورغا ئۇلىشىم مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايۋاتىدۇ! تەڭشەي دىغان يەرلىرى توغرا بولمىدىمۇ بىلەلمىدىم! ياردەم قىلسىڭىز ، رەھمەت!!!
نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقامسىز ياكى تور سىسمىنى ئۇلىغاندىن كېيىنلار ئاپتۇماتىك تورغا ئۇلىنامدۇ كومپىيوتىرىڭز؟ تۈۋەندكى يازمىدىكى ماقالىنى بىر كۈرۈپ قۇيۇڭ.ئاندىن يەنە تورغا ئۇلىيالمىسىڭز ئىنكاس قالدۇرۇڭ .
http://www.ugubuntu.com/ubuntu-adsl-torgha-ulash.html
مەن پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم، باشقا ياخشى بوشلۇقا يوللانغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى!
ئۇ بىكەتكە تىزىملىتىپ ئاندىن چۈشۈرسىڭز چۈشىدۇ