ئوبۇنتۇ سىستىمېسى ھەققىدە دەرسىلىك ئىشلەش ھەققىدىكى پىلان
ئوبۇنتۇ 12.04 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ كۆپىيىشكە ئەگىشىپ بۇ سېستىمنىڭ قانداق سىستېما ئىكەنلىكى ھەققىدە سورالغان سوئاللارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ سېسستىمىسنى ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بۇلۇۋاتقان لېكىن بۇ سېستىمسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيۋاتقان دوستلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ھېس قىلدىم .شۇنىڭ بىلەن ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تۇنۇشتۇرۇپ سۈرەتلىك دەرىسلىك ئىشلەش قارارىغا كەلدىم .بۇ يازىمىدا مەن ئۈزۈم ئويلىغان دەسلەپكى لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويماقچى .ئەگەر ئوبۇنتۇ سىستىمېسنى ئىشلىتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان لېكىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيۋاتقان دوستلار بولسا بۇ يازمىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆز كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشۇڭلارنى تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرسىلىك تۈۋەندكى تەرىتىپتە داۋاملىشىدۇ.
1-ئوبۇنتۇ سىستېمسىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى؛
2 -ئوبۇنتۇ سىستېمسىنى قاچىلاش ئۇسۇللىرى؛
3-ئوبۇنتۇ سىستېمسىنڭ سىرىقى كۈرنۈشى ۋە ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ جايلىشىش ئورنىنى تۇنۇشتۇرۇش؛
4-ئوبۇنتۇ سىستېمسنى تورغا يېتەكلەش ئۇسۇلى؛
5-ئوبۇنتۇ سىستېمىسى سىستىما تەڭشىكى رايۇنىنى تۇنۇشتۇرۇش؛
6-ئوبۇنتۇ سىستېمسى دېتال مەركىزىنى تۇنۇشتۇرۇش ،دېتال قاچىلاش ،دېتال ئۈچۈرۈش،ئىزدەش قاتارلىقلار؛
7-ئوبۇنتۇ سىستېمسىدا تىرىمىنال ئىشلىتىش (تىرىمىنالدا بۇيرۇق ئارقىلىق سېستىمى يېڭلاش ،دېتال قاچىلاش قاتارلىقلار)؛
8 -ئوبۇنتۇ سىستېمىسدا ھەرخىل ئالاقلىشىش قۇراللىرنى ئىشلىتىش ؛
9 -ئوبۇنتۇ سىستېمىدا 5 جىلىق ئوبۇنتۇ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ھەقسىز بوشلۇقنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛
10- ubuntu -tweak ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛
11 -ئوبۇنتۇ سىستېمىدا 3 د ئۈنۈمنى چىقىرىش ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى؛
12 -داۋاملىق تورداشلار تەلىپىگە ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ..................................
ياكى ھەر بىر دېتالنى بىرمۇ -بىر ئىشلىتىشنى چۈشەندۈرۈپ دەرىسلىك ئىشلىسەكمۇ بۇلىدۇ.(مېنىڭ پىلانىم ھەر بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان دېتال ئۈچۈن بىر قىسىم دەرىسلىك ئىشلەش؛)
ئەگەر ئىھتىياجىلىقلار يەنە قانداق دەرىسلىككە ئىھتياجلىق بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا شۇ بۇيىچە دەرسلىك ئىشلەپ بىرىلىدۇ.
مىنىڭچە تورداشلار ئەڭ قىينىلىدىغان مەسىلە يومشاق دېتاللارنى قاچىلاش ۋە ئۈچۈرۈشمىكىن ، مەنمۇ شۇ جەھەتتە قىينىلىمەن ، يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قىلىش تەس ئەمەس ، تېرمىنالدا بۇيرۇق يېزىپ قاچىلاشنى ، بۇيرۇقنىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ بىر تېما يېزىلغان بولسا مىنڭچە ئۈنۈمى ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن .