Ubuntu One Indicator 1.0 تارقىتىلدى
ئوبۇنتۇ سېستىمسى ئىشلىتىۋاتقانلارغا مەلۇم ئوبۇنتۇ ئورگان تەرەپ ئوبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقسىز بولغان 5 جىلىق بۇلۇت بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن.سىز بۇ بوشلۇققا ئۈزىڭز خالغان نەرسىلەرنى چىقىرىپ ساقلىيالايسىز شۇنداقلا دوستلىرىڭز بىلەن ئورتاق پايدىلىنالايسىز (سىز ھۇقۇق بەرگەن شارائىت ئاستىدا).مەن ئوبۇنتۇ ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن باشلاپ بۇ ھەقسىز بوشلۇقتا مۇھىم دەپ قارغان نەرسىلىرىمنى ساقلاپ كىلىۋاتمەن .دەسلەپتە يولغا قويغان ۋاقىتتا 2 جىلىق ھەقسىز بوشلۇق ئىدى .كېيىن 5 جىلىققا كۈتۈردى.
بۈگۈن بۇ بوشلۇق ئىشلەتكۈچلەر ئۈچۈن بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە بىر نەرسە چىقىرىش ۋە چۈشۈرۈش ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بىردىغان قىستۇرمىدىن بىرسىى چىقىپتۇ .بۇ قىستۇرمىنى ئوبۇنتۇ 12.04 نۇسخىسدا ئىشلىتەلەيدىكەنمىز.
ئوبۇنتۇ 12.04 نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلار قاچىلاپ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
دىققەت بۇ پەقەت ئوبۇنتۇ 12.04 تە ئىشلەيدۇ.11.10 ئىشلىتۋاتقانلار 12.04 چىققاندا نەشىرىنى كۈتۈرۈپ ئاندىن قاچىلاپ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
تىرىمنىالنى ئېچىپ تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلەر بۇلىدۇ.
sudo add-apt-repository ppa:rye/ubuntuone-extras
sudo apt-get update
sudo apt-get update
sudo apt-get install indicator-ubuntuone
sudo apt-get install indicator-ubuntuone
قاچىلاش جەرىياندا مەسلىگە يۇلۇقسىڭز ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
بۇ قاچىلاش كودىنى كۆچۈرگىلى بولمايدىكەنغۇ ؟ ئۆزىمىز بىرمۇ بىر يازامدۇق .
جاپا بولىدىغان بولدى دە
كۈچۈردىغان قىلىپ قويسام يازمىنى كۈچۈرۋلسا ئاپتۇر ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي ئامال يوق كۈچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويدۇم شۇ
بۇمۇ بولغىنى بىرمۇ بىر يازساق ئىسىمىزدە قالىدىكەن .
مەنچە كودنى كۆچۆرگىلى بۇلدىغان قىلىپ قۇيسىڭىز بوپتىكەن مەن نەچچە قېتىم يازدىم ئاسانلا خاتا يېزىپ قۇيدىكەنمىز
مۇشۇنىڭغا قانداق تىزىملىتىمىز ھېچقىلىپ تىزىملىتىالمىدىم تەپسىلىراق چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز
بۇلىدۇ ،مەن دەرىسلىك ئىشلەپ قۇياي