ئۇيغۇرچەئوبۇنتۇ 12.04 نى ئىشلىتىشتىن تەسىرات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورى باشچىلقىدىكى ئوت يۈرەت ئەزمەتلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق ئارقىسدا تەرجىمە قىلىنىۋاتقىلى مانا ھازىرىغىچە تەخمىنەن 4 يىلىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى.مىللەت سۈيەر بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچىنى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ بۇخىل رۇھىى ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئۈلگە قىلىشقا ۋە ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن مەن بۇ يەردە ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى خالىس تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە يېقىدىن ياردەمدە بولغان بارلىق مىللەت سۈيەر قىرىندشلىرىمىزغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ قېتىم يەنى 4 -ئاينىڭ 26 -كۈنى تارقىتىلغان ئوبۇنتۇ سېستىمسنىڭ يېڭى نۇسخىسدا ئىلىگىرىكى نەشىرىلىرىگە قارىغاندا تەرجىمە ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلىگىرلىگەن ھالدا مۇككەممەلەشكەن ۋە تۇلۇقلانغان. بۇقېتىم گەرچە ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ تەرجىمىسى تۇلۇق تاماملانمغان بولسىمۇ(ھازىرىقى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسىمى 96%) لىكىن مۇھىم رايۇنلارنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى ئاساسەن تاماملانغان.ھازىرىقى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ تەرجىمە ئەھۋالى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
رەسىمدىن شۇنى كۈرۋىلىشقا بۇلىدۇكى يەنە پەقەت 4% تەرجىمەسىز جايلا قالغان .بۇنىڭدىن ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان كىشلەرنىڭ بۇ سېستىمسىنى تەرجىمە قىلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە تىرشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.بۇ قېتىم تارقىتىلغان ئوبۇنتۇ 12.04 سېستىمسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بۇ تەرەپلەرنى تېخمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلدىم.
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنىڭ بۇ قېتىم تارقىتىلغان نۇسخىسدا قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرتىل-يېزىقى بىلەن تاماملىنىدۇ.قاچىلاش جەرياندا ئۇيغۇرچە قاچىلىغان بولسىڭز(تور ئۇلانغان شارائىت ئاستىدا) قاچىلاش داۋامىدا فونىت ئاپتۇماتىك قاچىلىپ كىتىدۇ .بۇ سىزنىڭ سېستىما خىتنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولمايدىغانلىقىڭزدىن دىرەك بىرىدۇ.مەن بۇ قېتىمىقى نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن شۇنى چۇڭقۇر ھىس قىلىدىمكى بۇ قېتىم تارقىتىلغان سېستىما سېستىمىنىڭ ئىلگىركى نۇسخىلىرغا قارىغان كۆركەم ھەم سۈرئىتنىڭ تېخمۇ تىزىلىشىپ بارغانلىقىنى بىلدىم. قېنى ئەمسە تۇنجى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مەشغۇلات سېستىمسىدىن تۇتۇلغان رەسىملەردىن بىر قانچە پارچە كۈرۈپ باقايلى بۇ يەردە داڭلاۋەرسەم مېنى بۇ سېستىمىنى بەك داڭلاپ كەتتى دەپ كايىپ كەتمەڭلار يەنە.........................
قېىنى سېستىما ئۈزىدىن تۇتۇلغان رەسىملەردىن كۈرۈپ باقايلى...............
بۇ سېستىما نۇرمال قوزغالغاندىكى كۈرۈنمە يۈزى ۋە ئالاقە قۇراللىرى
قاتتىق دىسكىغا بۈلۈنگەن رايۇن
5 جىلىق ھەقسىز بۇلۇت بوشلۇق
سېستىما دېتاللار مەركىزى(قاچىلىماقچى بولغان دېتاللار مۇشۇ يەردىن قاچىلىنىدۇ)
سېستىما تەڭشىكى رايۇنى(سېستىمغا قارىتا ھەرخىل تەڭشەكلەر بۇ يەردىن ئىلىپ بىرىلىدۇ)
سېستىمىغا قاچىلانغان دېتاللار رايۇنى(قاچىلانغان دېتاللار بۇ يەردىن قوزغىتىپ ئىلىتىلىدۇ)
ئىكىران كۈرۈنمە يۈز تەڭشەش رايۇنى
تور تىلىۋىزىيىسى رايۇنى(ماڭ ئەڭ يارغان يەر مۇشۇ يەنى بۇ يەردىن ھەرخىل فىلىملارنى كۈرۈشكە بۇلىدۇ ،بۇ رايۇن سىناق باسقۇچىدا )
ئەگەر سېستىمىنى قاچىلاپ كۈرۈپ راستنىلار ياراپ قالسا ئەتراپىڭزدىكى دوستلىرڭزغا مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ بارلىقنى تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىڭزنى ئۈمىد قىلىمەن.
5-ئاينىڭ 1 -كۈندىن باشلاپ بىلوگىمىزدا ھەر 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە بىر قېتىم بىر قېسىم ئوبۇنتۇ غا ئائىت سىن دەرىسلىك يوللىنىدۇ.دەرسلىك ئوبۇنتۇنى 0 دىن باشلاپ ئشىلەتكۈچىلەنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلىدۇ.شۇڭا ئوبۇنتۇغا قىزققۇچىلانىڭ بىلوگىمىزدكى يازما ۋە دەرسلىككە ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.دەرسلىك مەزمۇنىغا قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.
بىلوگ چ چ توپ نۇمۇرى:187649616
ھۆرمەت بىلەن بىلوگ يازغۇچىسى: قۇتبەگ
مۇشۇ ئۇبۇنتۇ بىلەن كۆزنەك سىستېمىسىنى تەڭ قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىر تۇنۇشتۇرۋەتسىڭىز تولىمۇ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇ تىما ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگدا بولغاچ بۇ يەردە تەكرار يېزشنى خالىماي يازمىغان ئىدىم .بىلوگدىكى قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش دىگەن يان تەرەپتىكى سۈرەتنى چەكسىڭز شۇ ئۇلىنشقا باشلاپ بارىدۇ
قېنى بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز
مېنىڭ قوتۇر پىسىرىم نىم بولدى بىلمىدىم قاچىلانمايۋاتىدۇ…!!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئەمسە بۇيىڭزدىن ئىگىز كۈتۈرۈپ يەرگە تاشلايدىغان يەرگە يەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
مەن ئىشلىتىمەن دىگەن لىكىن نىمىشقا ئۇيغۇرچە قىلالمايمەن
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
چۇقۇم قىلالايسىز
مەن 12.04 نۇسخسىنى قاچىلاپ سەل كۆنەلمەي قالدىم ئاۋۇ سول تەرەپتىكى پىروگىراممىلارنى ئۈستەل يۇزىگە چىقىرىشقا بولماسمۇ، linux يېڭى قاچىلدۇق شۇڭا نەدىن بىر ئىش قىلىشنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
بىزگە ئۇخشاش تورخانىدا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ubuntu دا دائىم ئىشلىتىدىغان دىتاللارنى deb ھۈججىتىنى يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بۇلاكەن . يەنە بىر مەسلە ، دىتال مەركىزىدىن چۈشۈرگەن دىتاللارنى deb شەكىلدە چىقارغىلى بۇلامدۇ ؟ ios , android لاردىكىدەك . شۇنداق دىتال بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز .
قۇتبەگ بۇرادەر سىزدىن ئىلتىماس: مەن ھازىر win7 ئىشلىتىۋاتىمەن.cدىسكامدا 18 گىگاباىيت ئورۇن بار مەن
ئۇبۇنتۇنى c دىسكىغا قاچىلاپ win7 بىلەن قوش سىسىتىما قىلاي دىگەن. بۇنىڭ ئۇچۇن مەن قانداق مەشغۇلات قىلىمەن مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى بىرەر دەرسلىك بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز بۇرادەر…
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇنداق قاچىلاپ ئىشلىتشكە بولمايدۇ……شۇڭا سىز يەنىلا قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىڭ
c دىسكىدىن باشقا رايونغا قاچىلاپ قوش سىسىتىما قىلىڭ دىمەكچىمۇ؟ مەن d دىسكدىن 10گىگابايىت ئورۇن چىقارسام d دىسكىدىكى ماتىرياللارغا تەسىرى بولامدۇ؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
قايسى دىسكىدا ئۇرۇن بولسا شۇ يەرگە قاچىلىسڭز بۇلىدۇ لىكىن 15 جىلق ئۇرۇن بولسا قاچىلىك نەرسە قاچىلاپ ئىشلەتسىڭز يىتىپ ئاشىدۇ.مەنمۇ دەسلەپتە ئىشلىتىشنى ئۈگەنگەندە قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ ئۈگەنگەن ………..بىر ئاز ئىشلىتىپ ئۈگۈنۋالغاندىن كېتىن بىراقلا ئوبۇنتۇغا كۆچسىڭز بۇلىدۇ.
ئەلۋەتتە بولىدۇ ،ئاۋۋال ھىلىقى iso ھۆججىتىنى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ ئاندىن iso ھۆججەت ئىچىدىكى wubiنى ئىجرا قىلسىڭىز قاچىلنىدۇ ،ئىنتايىن بىخەتەر ،ئەگەر يۇيماقچى بولسىڭىز windows نىڭ 控制面板دىن يۇيىسىز ھىچقانداق ھۆججەتكە دەخلى يەتمەيدۇ ،خالىغان رايونغا قاچىسىڭىز بولىدۇ،ئارتۇق ئاۋارچىلىق يوق .
4 رايۇنغا ئايرىقلىق c رايۇنغا xp قاچىلاقلىق كومپىيوتېرغا قاچىلماقچى بولىۋاتمەن. يەنى c رايۇندىكى xp نىڭ ئورنىغا قاچىلىماقچى. بىراق كومىيوتېرنىڭ نۇر دىسكا قوزغاتقۇچىسى يۇق. ماڭا قانداق قاچىلاش ھاققىدە تەلىم بەرسىڭىز
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
سىز ئوبۇنتۇنىلا ئىشلەتمەكچىمۇ؟ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولسىڭز ئاۋۋال ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى ئىكىسپدا تۇرۇپ بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ قاچىلىۋالسىز ئاندىن سېستىمسىنى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاش ئىلىپ بارسىڭز بۇلىدۇ.
../?p=274 بۇ ئادىرېستا سىز ئىزىمەكچى بولغان يازما بار ئاۋۋال بۇنى تەپسلى كۈرۈپ چىقىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن ئۇيغۇرچە قىلالمىدىمغۇ
كۆككەپتەر بىلوگىنى بىر زىيارەت قىلسىڭىز ھەل قىلايسىز
قۇتبەگ بۇرادەر مەن ئۇيغۇر ئىكىس ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ بارماق دىسكىدىن قاچىلاپ قوزغۇتۇپ ئىشلىتەي دىگەن ئىدىم مەشغۇلات تەرتىپىنى دەپ بەرسىڭىز ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم رەھمەت!
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇ توغۇرلۇق بىلوگدا سۈرەتلىك دەرىسلىك بار ئېغىز كۆرمەي شۇنى ئىزدەپ كۈرۈڭ ئۇيغۇر ئىكس دەپ ئىزدىسىڭز چىقدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…مەنمۇ يىقىننڭياقى xp بىلەن يانداش قاچىلاپ 12.4 كە بۇيرۇق بەرسەم تور بولغاچقىمۇ بىراقلا 13.4 يىڭىلىنىپ قاچىلاندى..بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا سال ئاستىدەك ھىس قىلدىم..مەيلى..ئىشقىلىپ مىنىڭ ھازىرچە تورغا چىقىش يىزىق بىر تەرەپ قىلىش ھاجىتىمدىن چىقىدىكەن….ئەپسۇس شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ…سىستىمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان يىرىنى تاپالماي سىستىما خەت نۇسخىس ئىرماش چىرماش بولسىمۇ ئوقۇغىلى بولغاندىكىن دەپ ئىشلەتكەچ تۇردۇم…بۇنداق ئىشلەتسە بەك زىرىكىشلىككەن..ئانا تىلىمىزنىڭ پەيزى بولمايدىكەن….شۇنچە ئىزدەپمۇ…بلوگدىن تاپالمىدىم…بولسا سىستىمىدىنمۇ ھىچ تاپالمىدىم…بەلكىم قاچىلانمىغان بولىشى مۇمكىن…يەنە بىر ئىش..ئۇيغۇرچە يىزىق كىرگۈزگۈچ رايىنىغا تىل قوشۇش ئۇچۈن قاچىلايدىغان ياماقنى قاچىلىساممۇ ئۇيغۇرچە تىل يوق…شۇ خەنچە كىرگۈزگۈچتىن باشقا ھىچقانداق تىل يوق….
بولسا مۇشۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلنى :بىر تەپسىلى سۆزلىۋەتسىڭىز..ماڭىمۇ ھەم باشقا تورداشلارغىمۇ خىلى پايدىسى بولاتتى..دەپ ئويلايمەن….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى ، بەلكىم يۇلۇققان مەسىلىنى ھېلىغىچە ھەل قىلىپ بولغانسىز ، مەن ئۇبۇنتۇنىڭ 13.4 نەشرىنى تېخى كۈرۈپ باقمىدىم،
،مېنىڭچە 12.4 بىلەن كۆپ پەرىق قىلىپمۇ كەتمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن.
تىل تاللاش رايۇنىدا ئۇيغۇرچە تىل تاللانمىسى بولسا ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ بولىشى كېرەك. توغرىسى قاچىلاش باسقۇچىدا ئۇيغۇرچە تىلنى
تاللاپ بەرسەك ، تېخىمۇ مۇۋاپىق قاچىلىنىشى مۇمكىن .سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، تىل قاچىلىساق ،قاچىلانغان تىل ئاساسلىق بولمىغان تىل قاتارىدا قاچىلىنىدۇ. بىز ئۇنى ئاساسلىق تىل قاتارىغا ئەكىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى تىزىمىدىن بىر باشقۇرغۇچى
نامىدا تىزىم قۇرۇپ ، ئىشلىتىدىغان تىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ، شۇ ئىشلەتكۈچى نامىدا تىزىملىتىپ كىرسەك ، كومپىيۇتىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى
ئاساسلىق تىل دەپ تۇنۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى
قاچىلىشىمىز كېرەك .ukj خەت نۇسخىلىرى ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ، خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش ئاسان ، خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ،توركۆرگۈچىڭىزنىڭ تەڭشەش رايۇنىدا سىز قاچىلىغان ukj خەت نۇسخىلىرىنى كۆرسىتپ تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ.ubuntu tweak قۇرالىنى قاچىلاپ ، يەرلىكتىكى خەت نۇسخىلىرى ۋە باشقا تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ . يۇقارقىلار ئۇبۇنتۇ 12.4 (ئۇيغۇرئىش) دا مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر ، بەلكىم 13.4 كىمۇ مۇۋاپىق كىلىشى مۇمكىن ،
سىزنىڭ 13.4 نى ئىشلىتىپ ، ئۇيغۇرچىنى قوللىنىش جەريانىدىكى تەجرىبىڭىزنى ئورتاقلىشىپ باقساق بۇلامدۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خەت نۇسخىسىنى Ubuntu Tweak بۇنىڭدا تەڭشىسىڭىز بۇلىدۇ.
ماۋۇ ئۇقۇغۇچى دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسى كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىمنى ئۈزۈۋەتكىلى تاس قالدىغۇ. ئىنكاسنىمۇ بەك قىزىق يازىدىكەن . مىنىڭ پىكىرىم سىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۇيغۇرئىكىسكە(12.04lts) قايتىپ كىلىڭ.نىمىشقا دىسىڭىز مەن قايسى كۆنى 12.10 نى بىر قاچىلاپ باقاي دەپ قاچىلاپىتكەنمەن ، …بولدى گەپ قىلماڭ بۇرۇن مۇشۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققىنىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . بەك تەسكەن بەك قالايمىغان قۇشۇمچە قوزغاتقۇچنى كۆرسىستىپ بېرېدىغان جاي يوق . يەنە كىرگۈچ تەڭشەكلېرىنىمۇ تاپالمىدىم . 3د ئۈنۈم چىقىرىدىغان جايلېرىمۇ تۇلۇق ئەمەس ئىشقىلىپ ئۇيغۇرئىكىستىن باشقىسىنى ھازىرچە ئادەتتىككى ئىشلەتكۈچىلەرگە تەۋسىىيە قىلمايمەن.
بۈگۈن ماڭا خۇشاللىنىارلىق ئىش بولدى…بىلوگدىكى تورداشلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن..يولۇققان ئىككى مەسىلەمنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم…
خەت نۇسخىسىنى تايماس قىرىندىشىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن Ubuntu Tweak نى قاچىلاپ ھەل قىلىۋالدىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى سىستىما تەڭشىكىدىكى ھەرىپ تاختا جايلاشتۇرۇش سىستىمىسىدىن پايدىلىنىپ قوشۇۋالدىم….
مۇبارەك بولسۇن .
ئۇيغۇرئىكىسنى ئۇبۇنتۇ 12.10غا كۈتۈرمەسلىك ھازىرچە ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر .
تەۋەككۇل قىلغۇچىلار ساقلانما ۋە تەڭشەكلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن ، مەۋھۇم ھالەتتە ياكى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ ،يەنىلا ئۇيغۇرئىكىستەك ياخشى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن .
مەن كىرگۈزگۈچ تۇغۇرلۇق بىر سىن ئىشلەپ قۇياي سىز گۈدۈك مىكرو بىلوگىدىن كۆرۈۋىلىڭ.
ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش جەريانىدىكى ئىشلەتكۈچى رەسىمىنى بەلگۈلەش باسقۇچىدىن خاتىرجەم ئۈتۈپ كىتىش ئۈچۈن
دەسلەپتىكى تىل تاللاش رايۇنىدىن خەڭسۇچىنى تاللاپ قاچىلىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، مەن بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قاچىلىسام مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىغان ئىدى ، باشقىچە سىناپ باقماپتىكەنمەن ، بۈگۈن خەڭسۇچىنى تاللاش ئارلىلىق ئىككى دانە
خاتىرە كومپىيۇتىرغا مۇراپپىقىيەتلىك قاچىلىدىم ، سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئىجراچى سول تېرېپتە ، تىزلەتمە تىزىملىكمۇ سولدىن باشلىنىدىغانغا تەڭشىلىپ قاچىلىنىدىكەن . لېكىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قاچىلىغاندا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن ، توغرىسى ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قاچىلىغاندا مۇۋاپپىقىيەتلىك بۇلىشى كېرەك ئىدى . باشقا ئۆزگۈرۈشلەر نى بايقىيالمىدىم .
يەنە بىر ئىش تىزىملاتمىغان ۋىندوۋىس 8 بىلەن ئۇيغۇرئىكىسنى قوش سېستىما قىلغىلى بولمامدۇ نىمە ،؟ مەن بىرنەچچە قېتىم
مەغلۇپ بولدۇم ، ئاخىرى ئايرىم ئايرىم قاتتىق دىسكىلارغا قاچىلىدىم ، بۇنداقمتىمۇ بۇلىدىكەن ، پەقەت قايسى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىتىشنى تاللىسام بولىدىكەن ، قوش سېستىما بىلەن ئايرىم قاتتىق دىسكىلارغا قاچىلىغاننىڭ قانداق كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقى بار ؟
ئۇيغۇرئىكىسنى بىلەن ۋىندوۋىسنى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىغاندىكى كىچىك بىر چۈشەنچە ،
كومپىيۇتىرىمدا ئىككى دانە قاتتىق دىسكا بار بولۇپ ، مەن ئالدىدا ۋىندوۋىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىغان ، يەنى بىر قاتتىق دىسكىنى ئۇيغۇرئىكىسكە ئاتىۋەتكەن . كومپىيۇتىرنى قايتىدىن قوزغاتسام ئۇيغۇرئىكىس ۋە ۋىندوۋىسنى تاللايدىغان
ئورۇن ئېچىلمىدى،بىۋاستە ۋىندوۋىس ئېچىلىپ كەتتى . سېستىما مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلانغان تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟
مەن سىمۇستىن يەنە بىر قاتتىق دىسكامنى ئاۋال تەكشۈرىدىغان قىلىپ تەڭشىدىم ،
شۇنىڭ بىلەن نۇرمال ھالەتتە ئېچىلدى .
ئۇيغۇرئىكىسنى ئۇبۇنتۇ 12.10 غا يۈكسەلدۈرۈش بىھۈدە ئاۋارىچىلىق ئىكەن ، ،ماڭا ئوخشاش ئەخمەق بولماڭلار ، يۇلۇققان ھادىسىلەرنى بولدى سۆزلىمەي ، تىرىكىپ ئۈلەي دىدىم ،
رەسىم قۇشۇپ ئىنكاس يوللىغان ئىدىم ، ئەسلى بوشلۇققا يوللاش ئۇسۇلۇم خاتا بوپ قاپتۇ ، باشقىچە ئۇسۇلدا قايتىدىن يوللاي .