ئەسكەرتىش :بۇ تىما بىلىك كولۇبىغا يوللانغان ئىكەن بۇ يەردىكى دوستلارنىڭمۇ كۈرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىلوگىمغىمۇ يوللاپ قويدۇم قىزىققۇچىلار ئەسلى مەنبەسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ قۇيۇڭلار.پايدىلىنىش قىممتى بولغاچ تىما كۈچۈرۈپ كىلىندى .تىما ئەسلى ئادىرىسى :
http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=24955
ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە ئورنىتىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم,
بۇ ئاينىڭ 26-كۈنى تارقىتىلىدىغان ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاش نۇسقىسىنى 69 خىل تىل-يېزىقتا ئورنىتىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزمۇ بۇ 69 تىل-يېزىقلارنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. ھەم يەنە، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلار ئىچىدە، ئۇيغۇر يېزىقىمىز بولسا، ئەرەبچە ۋە پارىسچىدىن كېيىنلا 3-ئورۇندا ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىش تىل تاللانمىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەرەبچە، پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچىدىن ئىبارەت 3 تىل-يېزىقتىن سىرت، باشقا ھېچقانداق ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلار تېخى بۇ 69 خىل تىل-يېزىقلار ئىچىدىن ئورۇن ئالالىغىنى يوق.
.
كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇبۇنتۇ نۇر تەخسىنى سېلىپ ياكى ئۇبۇنتۇ بارماق دىسكىنى ئۇلاپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز، دەسلىپىدە يۇقۇردىكى ئېكران يۈزىنى كۆرىسىز. كېيىنكى قەدەملەرنى ئېكراندىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىپ، ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى سىناپ باقسىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ھازىر ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى بىر نەچچە يۈز خىل تىل-يېزىقلارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى %96 كە يېتىپ، ئالدىنقى 20-10 قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
تەرجىمە جەريانىدا، نۇرغۇن قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتلەر يېڭىلىپ، كۆپ ئەجىرلەر سىڭدۈرۈلۈپ، يۇقۇرقىدەك خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يەنىلا بەزى نۇقسان-سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەس. ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىش، سىناش جەريانىدا ھەر ۋاقىت كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى، قوللىشىغا مۇھتاج. ئۆزىمىزنىڭ سىستېمىسى، تىل-يېزىقى، ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزلا ياردەم قىلالايمىز. قېنى، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا سىز قانچىلىك ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟
تىما ئەسلى مەنبەسى : بىلىك كولۇبى
http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=24955
مەن بىرەر ئايچە بولدى ئۇبۇنتۇ نىڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلغان ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەت كۆچۈردىغان ۋە چاپلايدىغان يەرلەردە مەسىلە كۆرۈلدى .
يەنى ھۆججەت چاپلاشنى باسقاندا بۇيرۇق يوشۇرۇق ئىجىرا بولدىكەن ، لىكىن كۆرۈنمە يۈزى كۆرۈنمەيدۇ .
unity كۆرۈنمە يۈزدىكى ھۆججەت خالىتسى ئۈستىگە قاراپ تۇرۇپ ھۆججەت كۆچۈرۈپ بولغانلىقىنى ياكى كۆچۈرمىگەنلىكىنى جەزىم قىلىمەن .
بۇ مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىمۇ ياكى سىستېما ئۆزى ئاشۇنداق قىلىپ لاھىيلەنگەنمۇ ؟
بۇ كومپىيوتىردىكى مەسلە بۇلۇشى مومكىن ،سىز بۇيرۇق شەكىلىدە ئىجىرا قىلىغان بولسىڭز كۈرۈنمەيدۇ.لىكىن مائوستا كۈچۈرۈش ۋە چاپلاش مەشغۇلاتى قىلىسڭز ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مائۇس بىلەن كۆچۈرگەن بولمىسا ،
ھە ، مانا ئەمدى بولدى ، بىر قېتىم يېڭلىغاندىن كېيىن بىر ئوبدانلا ئوڭشىلىپ قاپتۇ .
يەنە بىر مەسىلە: ئۈستىدىكى ئاۋۇ رەسىمدىكى يەنى قاچىلاش جەريانىدا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە فونىت بىلەن كۆرسەتگىلى بولماسمۇ ؟ ياكى باشقا مەسىللەر بارمۇ ؟ خەتلەر تازا كۆركەم ئەمەس .
ئۇ يەردە ئازراق مەسلە بار ئوبۇنتۇ 12.04 تارقىتىلىغىچە ھەل بۇلىدۇ دەۋاتقان ،بەلكىم ئالدىمىزدىكى بۇ نەشىرىدە ئوڭشلىشى مومكىن
uyghurx نى بارقاق دىسكىغا يېشىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام سىستېما قوزغالماي، ئېش پ قوزغىلىۋاتىدۇ… قاچىلاش ئۇسۇلىنى سەل تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلا…
سىستېمىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن بارماق دىسكىغا سىستمېىنى قاچىلايسىز (قاچىلايسىز دېگەن ئۇيسىز دېگەن گەپ) ئاندىن بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇبۇ ھەتىكى يازما بىلوگدا بار .ئوبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ئۇسۇلى دەپ………..