ھازىرىقى ئورنىڭز : باش بەتدەرىسلىك>مەزمۇنى
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىشلانى قىلمەن؟
2012-يىل03-ئاي28-كۈن دەرىسلىك دىۋان بىكار

ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىشلانى قىلمەن؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالدىنقى بىرقانچە يازمىلىرىمدا ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ھەققىدە توختالىدىم .بۇ يازمىلارنى كۆرۈپ خىلى كۆپ قسىم تورداشلار ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە باشلىدى .بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ خوش بولدۇم .چۈنكى بىرنىچىدىن بۇ سېستىما ھەقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچقانداق شەك يوق(بۇنداق دېگىنىم باشقا ھەقىلىق سېستىمىلارنى ھەقسىز ئىشلەتكەندىن ياخشى ئازراق گۇناھ كار بۇلىمىز.)ئىككىنچىدىن بۇ سېستىما ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى ئىنتايىن ياخشى قوللايدۇ.ئۈچىنچىدىن بۇ سېستىما ئۇچۇق كودلۇق ،بىخەتەرلىكى ئىنتايىن يۇقىرى .ئوبۇنتۇ سېتىمسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ سىناپ باققانلا كۆرگەن بۇلۇشى مومكىن. بۇ سېستىمىدا ۋىروسخور دېگەندەك نەرسىلەر يوق. يەنە ساناپ كەلسەم بۇ سېستىمنىڭ ئارتۇقچىلىق ئىنتايىن كۆپ .بۇ يەردە بىردىن بىردىن ساناپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق بۇنى ئوبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ باققانلار ئاللاقاچان ھىس قىلغان بۇلۇشى مومكىن.مېىنىڭ ئوبۇنتۇ سېتىمىسنى بۇنىچە داڭلاپ كىتىشىمدىكى يانا بىر مۇھىم مەسلە بۇ سېستىما ھازىر ئاساسەن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بۇلۇپ بولدى.4-ئاينىڭ 26-كۈنى تارقىتىلىدىغان ئوبۇنتۇ 12.04 نۇسخىسدا تەرجىمىسىز قالغان يەرلەر تۇلۇق تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى مومكىن ئاللا نىسىپ قىلسا ،شۇڭا ئۈزى ھەقسىز بولغان ،ئانا تىل-يېزىقىمىزنى شۇنداق ياخشى قوللايدىغان سېستىمسىنى تەشۋىق قىلماي يەنە قانداق سېستىمسىنى تەشۋىق قىلىمەن .بۇ يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنى ساۋاپلىق ئىشقا باشلىغانلىق بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ(كىشلەرنىڭ كىشنىڭ ھەققىدىن تۇسۇشنى مەن شۇنداق دەپ ئويلىدىم).شۇڭا بۇ سېستىمىنى شۇنچە تەشۋىق قىلۋاتمەن.ئەگەر بۇ يازمىنى ئۇقۇغان ھەر بىر ئۇقۇرمەن مەندەك شۇنداق ئويلىغان بولسا بەلىكىم ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن تىنماي تۈھپە قۇشۋاتقان ئاشۇ تەرجىمىگە قاتناشقان قىرىندشلىرىمىز بىزدىن ئالامچە خۇشال بولغان بۇلاتتى.ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسىڭز سىزمۇ بۇ سەپكە كىتىلىڭ ........بۈگۈندىن مۇشۇ يازمىنى ئۇقۇغاندىن باشلاپ بۇ ئىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قۇشۇڭ.

ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئالدى بىلەن قىلدىغان بىرنىچى ئىشىمىز سېستىمىغا قارىتا يېڭلاش ئىلىپ بىرىش يەنى تىرمىنالنى ئىچىپ بۇيرۇقىنى يۈرگۈزىمىز.

sudo apt-get update ;sudo apt-get upgrade

 

بۇ بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن سېستىما ئەڭ يېڭى ھالەتكە كەلگەن بۇلىدۇ.

ئاندىن سېستىمىغا قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچىنى قاچىلايمىز.

قاچىلاش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىدەك:

ئوڭ تەرەپ ئۈستنىكى قىسىمدىكى چىشلىق چاق ئىچىدىن سېستىما تەڭشىكىگە كىرىپ ئۇ يەردىن  附加驱动  دىن سېستىمىغا قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچىنى قاچلساق بۇلىدۇ.

بۇ باسقۇچىلا تاماملانغاندىن كېيىن ئاندىن سېستىمىغا قارىتا ھەرقانداق دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭز سېستىمىدا ھىچقانداق نۇرمالسىزلىق كۈرۈلمەيدۇ.

يازمىغا قارىتا چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

 

 ئەسكەرتىش :بىلوگىم يېڭدىن قۇرۇلغان بولغاچقا  ئۇلىنىش ئالماشتۇرىدۇ. بىلوگىمدىكى يازمىلار سىزگە يارغان بولسا بىلوگىمنى تەشۋىق قىپ قۇيۇڭ.

ياكى تور بەت ،بىلوگىڭزغا ئۇلىنىش قىلىپ بۇ يەردە ئىنكاس قىلىپ قۇيۇڭ ،مەنمۇ ئۇلىنىشقا قىتىپ قۇيمەن.

 

 

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro