ubuntu 12.04/11.10 ئۈچۈن VLC 2.0.1 قويغۇچنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى
ئوبۇنتۇ ئىشلىتىۋاتقانلار بىلىشى مومكىن VLC قويغۇچ ئوبۇنتۇ سېستىمسى ئىشلەتكۈچىلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئالقىشقا ئىرشكەن قويغۇچىلانىڭ بىرىسى. .بۇ قېتىم تارقىتىلغان يېڭى نەشىرىدە تۈۋەندىكىدەك جايلار يېڭلانغان. بۇ قويغۇچ پۈتۈنلەي ھەقسىز بۇلۇپ ئىچىدە ھىچقانداق ئېلانلار يوق .ھازىرىغىچە Windows,Linux,UNIX,Mac OS X قاتالىق سېستىمىلاردا ئىشلەيدىغان نۇسخسى ھەقسىز تارقىتلىغان.
MPEG-2,H.264,DIVX,MPEG-4,WEBM,WMV
MxPEG ھۆججەتلەرنى ئۇقۇش ئىقتىدارى قىتىلغان.CDDB、UDP、RTP،HTTP
SA-1202،SA-1201 بىخەتەرلىك مەسلىلىرى ھەل قىلىنغان.
ubuntu 12.04/11.10 لارئۈچۈن قاچىلاش ئۇسۇلى :
تىرىمىنالنى ئىچىپ تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلايمىز:
ئاۋۋال تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ppa مەنبەسىنى قاتىمىز.
sudo add-apt-repository ppa:videolan/stable-daily
بۇ جەرياندا يۇقىرىدىكى بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەكسەك مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىدۇ.(دىققەت :مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزسىڭز كىرگۈزگەن يەردە مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ.لىكىن ئىنتىرنى چەكسىڭز مەخپى نۇمۇرنى توغرىلا كىرگۈزگەن بولسىڭز بۇيرۇق ئىجىرا بۇلىدۇ.بەزىلەر مەخپى نۇمۇر چىقىمىسا خاتا كىرگۈزگەن ئوخشايمەن دەپ قايتا -قايتا كىرگۈزىدۇ.ئۇ خاتا.)ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قاتار خەتلەر چىققاندىن كېيىن ئىنگىلىزچە ئنىتىر دىگەن خەت چىقىدۇ .ئۇ چاغدا يەنە بىر قېتىم ئنىتىرنى چەكسەك بۇيرۇق ۋە ۋەزىپە تاماملىنىپ ئەسلدىكى ھالەتكە قايىتىپ كىلىدۇ.
ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سېستىمىسنى بىر قېتىم يېڭلايمىز.
sudo apt-get update
يېڭلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشتا قوزغاتقان ھالەتكە قايتىدۇ.
ئاندىن تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاشنى باشلىسىڭز بۇلىدۇ.
sudo apt-get install vlc
بۇ بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلساق بىز قاچىلىماقچى بولغان دېتالنى قاچىلاشقا باشلايدۇ.
مەن بۇ يازمىدا تىرىمىنالنى ئىشلىتىشنىمۇ بىراقلا سۆزلىۋەتتىىم .چۈشەنمىگەن جايلار بولسا بىلوگدا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
چ چ توپىدا ھەل قىلغان مەسسىلىلەرنى بۇ يەردە يازما كۆرگەن دوستلار بىللەمىگۈدەك شۇڭا ھەرقانداق مەسلە بولسا بىلوگدا ئىنكاس ئارقىلىق يوللاپ قويساڭلار .مەنمۇ شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس ۋە يازما يېزىپ ماڭسام بۇ ھەممەيلەننىڭ ئۈگۈنىشىگە قۇلايلىق بولغۇدەك.
باشقىچە پىكىرڭلار بولسا ئىنكاس شەكىلىدە يوللاپ قويساڭلار.........؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن كومپىيۇتېرىمغا ئوبۇنتۇ11.10نى مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىدىم ، لېكىن مەكتىپىمىزدە Dr.com客户端 ئارقىلىق ئاندىن تورغا چىققىلى بولىدۇ، مەكتەپ تورىدىكى LinuxDr.com客户端نى ئىشلىتەلمىدىم ، يەنە قانداق ئاماللار باردۇ ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز…