akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئۇستاز

‹‹مۇز سۈيى قۇيۇش پائالىيىتى›› گە قاتنىشامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-8-22 17:11:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ، مۇشۇ ئويۇننى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن يىنىككىدە بولۇپ بىرە يۈز سوم يىتىم-يىسىرغا ياردەم قىلىپ قويسىڭىز ساۋاپ بولىدۇ...

سۇنى ئىسراپ قىلىش ۋە باشقا سەۋەپلەر تازا مۇۋاپىق بولماپتۇ... باشقىلار دىگەندەك قۇرۇپ كەتكەن دەرەخنىڭ ياكى زىرائەتنىڭ ئۈستىگە بېرىپ قۇيساڭلار بولىدۇ ئېينا... يازدا ھەممە نەرسە سۇغا تەشنا... بىكار ھورلىنىپ كەتسىمۇ كېتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:21:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇ ...

قانۇنسىز زاۋۇتلاردا ئىسراپ بولىۋاتقان سۇلارچۇ، قۇرۇپ كىتىپ بارغان ئىلى دەرياسى ،،،،بېرىپ شۇلارنى يازا ئۇكام نەدە ياخشى ئىشنى تەتۇرگە بۇرىماي...نىمانچە ھەي بولدىلا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:48:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 15:11
مۇزنى سۇغا سېلىپ سۇنى سوۋىتىپ بېشىغا قويۇش بىكاردىن بى ...

‏مۇنۇ پىكىر ئىنتايىن ئورۇنلۇق، ئەگەشتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز سۇ قۇيۇش رىقابىتى ئەسلى ئويۇن ئەمەس


_
Yئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم قەلىمى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن

رايونىمىزدا تۈنۈگۈندىن باشلاپ ‹‹مۇز چېلەك رىقابىتى ئويۇنى›› باشلىنىپ كەتتى ، ئەمما بۇ نېمە سەۋەبتىن ؟ نەدىن كەلگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ ئازكەن. مەنمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن بىر قانچە تېلفوننى تاپشۇرۇپ ، ماڭا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغىنىدا گاڭگىراپلا قالدىم ھەم ئىشنىڭ ماھىيتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم . بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكىدا باشلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئامېرىكا تىكساس يېڭى مىدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى دوستۇم تۇرسۇنجان (مۇنبەرلىرىمىزدە بىلگەجان تەخەللۇسىدا ) بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم .  بۇنى ئەسلى ئىنگىلىستىلىدا Amyotrophic Lateral sclerosis  يەنى قىسقارتىپ (ALS )ياكى Lou Gehring كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ كېسەل ھەركەت نېرۋا كېسىلنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كېسەللىك. يەنى ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ،ھەركەت قىلالمايدۇ، مۇسكۇللا قىسقىراپ ، ھەركەت يوقىلىدۇ، ئەمما تەپەككۇر جايىدا .بۇ مۇزلۇق سۇدا جەڭ ئېلان قىلىش قانداق باشلانغان؟

مۇشۇ يىلى 6- ئاينىڭ 30 – كۈنى ئامرېكىدا قويۇلىدىغان ‹ ئەتىگەنلىك  كۈچ› تېلۋىزىيە پىروگراممىسىدا نەق مەيداندا رىياسەتچى ئۆزىگە مۇزلۇق سۇنى تۆكۈش ئارقىلىق باشقا ئۈچ كىشىگە جەڭ ئېلان قىلغان . بۇ جەڭ ئېلان قىلنىشنىڭ ئالدىدا مۇشۇ ALS كېسىلى بار بىرەيلەنگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن جەڭ ئېلان قىلىشنى قوبۇل قىلمىسا 100 دوللاردىن پۇل چىقىرىپ مۇشۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بۇ چۈشكەن پۇللار ئامېرىكا (ALS)جەمئىيتى دىگەن ئورۇنغا بارىدۇ. بۇ ئورگان بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ مۇشۇ كېسەلنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدۇ .رىياسەتچى جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن جەڭنى قوبۇل قىلغان بىرسىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار ،شۇنىڭ بىلەن نەۋرە سىڭلىسى بۇنى قوبۇل قىلىپ مۇزنى تۆكىدۇ . ئاندىن بۇ كىشى قوشنىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ .قوشنىسى مەلۇم بىر كالتەك توپ كوماندىسىدىكى مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى .
شۇنداق ھالەتتە راۋاجلىنىپ ،ئامېرىكىدىكى توپچىلار ۋە تەنھەركەتچىلەر ئارسىدا بۇ ئىش ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ، جەڭ ئېلان قىلىنغان 3 ئادەم يەنە بىر باشقا 3 ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئارقىلىق 24 سائەت ئىچىدە مۇشۇ خىل قائىدە بويىچە جەڭنى قوبۇل قىلىشى بۇ ئارقىلىق مۇشۇ كېسەلگە بولغان تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مۇشۇ خىل كېسەلگە كۆڭۈل بۆلشىنى شۇنداقلا مۇشۇ كېسەل تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىشىغا يېتەكلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان . بۇ ئىش ناھايىتى ياخشى مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، تەنھەركەتچىلەر بىلەن باشلىنىپ ، داڭلىق كارخانىچىلار، داڭلىق شەخىسلەرگە قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ ئىشتا بىل گەيتېس ، ئالما شىركىتىنىڭ باشلىقى ، فېيىسبۇك تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئوباما قاتارلىقلارغىچە جەڭ ئېلان قىلىنىدۇ ....مۇشۇ تەرىقىدە كۈندە شۇ كېسەلنىڭ گېپى بولىۋەرگەنلىكتىن باشقىلاردا بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئەستايىدىللىق پوزىتسىيسى شەكىللىنىدۇ .   ئوباما مۇز تۆكۈش رىقابىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەمما 100 دوللارنى ئامېرىكا ALSئورگىنىغا ئىئانە قىلىدۇ . بوشمۇ بۇنى قوبۇل قىلمىغاندا ئايالى چاندۇرمايلا مۇز سۈيىنى بېشىغا قۇيىۋىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بوشمۇ كېلىنتونغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ..بۇ ئىش داۋاملىشىۋاتىدۇ...
  خوش،،، ئەمدى تۈنۈگۈندىن بېرى دىيارىمىزدىكى مۇشۇ قىزغىنلىقلارنى كۆرۈۋاتىمىز..بىز بۇ پۇللارنى ئامېرىكىدىكى شۇ ئورگانغا بېرەلمەيمىز ئەلۋەتتە، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ياردەمگە مۇھتاجلار، بىز ئاڭلىمىغان كېسەلىكلەر بار ... مەن بايا سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ كېسەلنىڭ ئىسمىنى بىرەرىنىڭ فىلىم ئۆزىدە چىقارغىنى ،ياكى رايونىمىزدىكى مەلۇم بىر كېسەلگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ فىلىم ئىشلىگىننى كۆرمىدۇق ...   بۇ قارىماققا ئويۇنغا ئوخشاش بولسىمۇ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئالدىراش كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىرخىل ياخشى مەقسەت ،مۇددىئا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىش . \نەچچە كۈندىن بۇيانقى فىلىملەردە كۈلكە چىرايلارنى ،ئويۇنغا ھېرىسمەن ئوبرازلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق.

   ئەينى چاغدا رايونىمىزدا5D كىنولىرىنى كۆرگەن چېغىمدا ئورۇندۇقلارنىڭ مىدىرغانلىقلىرى ،سۇلارنىڭ چېچىلغانلىقى ،شامال چىققانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ، پات پات كىنو كۆرگىلى بېرىپ تۇراتتىم . ئامېرىكىغا چىقىپ ئاخبارات مۇزىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا4D كىنو كۆرۈش زالى دىگەن خەت مېنى ئۆزىگە ئانچە جەلىپ قىلالمىغان ئىدى . ئەمما ئىچىگە كىرگىنىمدە بىز بۇرۇن كۆرگەن كىنوخانىلار شۇ 5D كىنوخانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇندۇق مىدىرلاش، سۇلار چېچىلىشتەك ئەڭ ئاددىيلا ئىقتىدارلارنى ھازىرلاپ پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋراڭدا 5D كىنوخانىسى بولۇپ قالغان ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىدىكى 4Dكىنوخانا ئىچىگە كىرىپ مەن كىرگەن كىنوخانىلاردىن نەچچە ھەسسە ئىلغار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم  . چۈنكى كىنوخانىنىڭ شۇ ئاددىي ئۆلچەملىرىدىن باشقا ،كىنو كۆرۈش ئارلىقىنىڭ نەچچە يۈز مېتىر بولۇشى ،ئېگىز ئولتۇرۇپ كۆرۈش ، ئورۇندۇقلارنىڭ تىك تىزىلىشلىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنمىگەن .
شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى ئويۇندىمۇ پەقەتلا مۇز تۆكۈشنىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مەلۇم بىر ئىش ياكى بىرە تۈردىكى كېسەل ئۈچۈن تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلماسلىق بىزدىكى تونۇشنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆككەن مۇزلىرى ھەقىقىي يولدىكى قاغجىرغان يۈرەكلەرگە بارسۇن .  مەن بۇ ئىشنى قوللىماسلىق ياكى قارشى تۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسمەن..  بۇ ئىش شىددەت بىلەن يامرىغىلى تۇردى، فىلىمدە خەير – ساخاۋەت ئۈچۈن 100 دوللار دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ..  ئاتام ئېيتقان بايقى دىگىنىدەك ئۆلۈك ھالدىكى خەير – ساخاۋەتنى تەشەببۇس قىلىش يەنىلا ئەسلىدىكىدەك چوڭ ئۈنۈم قوزغىمايدۇ.  ئۈمىدىم بۇ ئىشنى بىز ئويۇن خاراكتىرىغا ئايلاندۇرىۋالماي ،ئارىمىزغا كارخانىچىلارنى قوشىلى ،داڭلىق ئۇستاز سەنئەتكارلارنى قوشىلى ، شۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئورۇن ياكى مەلۇم بىر خىلدىكى كېسەللىك ، ياكى مەلۇم بىر ياشانغانلارنى كۈتىۋىلىش ئورنى ،ياكى بىرقانچە يېتىم بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىش ، ياكى ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان بىرەرىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، رايونىمىزغا ماسلاشقان رىقابەت شەكلى قىلساق بولىدۇ. خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلسۇن دىگەن شۇئارلارنى توۋلىدۇق. ئەمما رايونىمىزدا نەچچىلىگەن خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرى بار .. قايسىغا قانداق بېرىش ، نەدە بېرىش قاتارلىق ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى ئويلاشمىدۇق ، ھەم ھازىرغىچە بىرەرىنىڭ رىقابەتتىن ۋاز كەچتىم دەپ بىرە ئورۇنغا پۇل بەرگىننىمۇ ئاڭلىمىدۇق، ئۈمىدىم بۇ پائالىيەتمۇ ئوخشاشلا ئاۋالقىدەكلا ئېكرانغا چىقىش دولقۇنى قوزغايدىغان بىر رىقابەتلەر،مەخسۇس ئويۇننى ئاساس قىلغان ، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان بىر قېتىملىق داۋالغۇچ بولۇپ قالمىسۇن ...  مۇز سۈيى قۇيۇش رىقابىتىگە مېھرىمىز بىلەن قاتنىشايلى ، ئەمما قۇيۇلغان ھەربىر سۇ ، تۇپراققا سىڭگەن ھەر بىر سۇنىڭ قىممىتى بولسۇن ، قەدرى بولسۇن ...  شۇنداقلا ئەلدىن ئەلگە نەپلەر تەگسۇن ، قارىغۇلارچە مودا ئېقىملارغا ئەگىشىپ ،ئەسلى ماھىيەتنى ئۇنتۇپ باشقا كىشىلەر قىلغانلىكى ئىشنى قىلغاندىن ،شۇ ئىشلارنى رايونىمىز كىشىلىرى خاراكتىرىغا ماس كەلگۈدەك، رايونىمىزدىكىلەر قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجەدە ئېلىپ بارايلى ، بىزمۇ چەتئەللىكلەرگە مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بار ياخشى ئىشلاردا باشلامچى بولايلى ... بۇ دولقۇن يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردە ھاياجانلىق ۋە ئويلىنىش ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئالدىن فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىم يوق ئەلۋەتتە. ئۈمىدىم بۇنىڭدىن كېيىنكى فىلىملەردىكى سۆزلەر ۋە ئىئانىلەر رايونىمىزغا ماس كەلگۈدەك  ،قەلىبلىرىمىزنى ئىللىتقۇدەك بولسا، ئەزەلدىن ئىئانە قىلمايدىغانلار ياكى كېسەل بولمايدىغاندەك ياشايدىغانلار شۇ بىر چېلەك مۇز سۈيى بىلەن بىر قېتىملىق قاتتىق سەگىسە دىگەن چوڭ كۈتۈشلىرىم بارg                                      2014- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ماڭا جەڭ ئىلان قىلماڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Putbolqak يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:09
ئەمدى بىز بىلمىگەن نۇرغۇنلار ئىئانە قىلغان بۇلۇشى مۇم ...

توغرىمۇ، خاتامۇ ھازىر يەكۈن چىقىرىش بالدۇر...
   بۇ ئىشقا مېنىڭ يەكۈنۈم: 1. خەلقىمىزنىڭ توردىن پايدىلىنىش، خەلقئارا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش سەۋىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىپتۇ. مەيلى دىنىي بىلىم ياكى پەننىي بىلىم، ۋە ياكى مۇز چېلەك، گاڭنام ئۇسسۇلى دېگەندەك... مايكول جېكسوننى خەلقئارادىن  10 نەچچە يىل كېيىن چولپان تونۇپتىكەنمىز...
   2. بىر مەسىلىنى ھەر تەرەپلىك ئويلاش ئىقتىدارىمىزمۇ ئېشىپتۇ. ئۇستازنىڭ دېگىنىنى توغرا دەيلى، خاتا دەيلى لېكىن ئۇنىڭ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرۈپ يەتكىنى خاتا ئەمەس، تەرەققىيات دېگەن مۇشۇنداق بارىلىققا كەلگەن.
  3. ئىنكاسنى پۇتبولچاقنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يېزىشىم، ئۇنىڭ "  مۇز توڭلىتىش ئۈچۈن ھەرگىز توك ئىسراپ قىلمايمىز چۈنكى شۇ مۇز نى توڭلاتمىساقمۇ توڭلاتقۇ ھەرگىز توكتىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ يەنە شۇ توك كىتىۋىرىدۇ
ئەمدى سۇ مەسىلىسىگە كەلسەك ئاددىسى ماشىنىمىز نى يۇيۇشقىمۇ نەچچە چىلەك سۇ كىتىدۇ  بۇ ئىشقا بىرچىلەك سۇ كىتىدۇ بۇ ئىشنى بىز تۈزەپ بولاممايمىز
بۇ بىرچىلەك سۇنى قۇرغاقچىلىق بولغان يەرگە تېخى ئاپىرىپ بولاممايمىز" دېگەن گېپىگە ھەم كۈلگىنىم ھەم قايىل  بولغانلىقىمدىندۇر. يەنى، بىر مەسىلىنى ئاجايىپ ئويلىغىلى بولىدىكەن. بۇمۇ توردىن توغرا پايدىلانغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى.
   پۇتبولچاق، تەسەۋۋۇرىڭىزغا ئاپىرىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:13:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇنبەردىمۇ باشلىدى.قىلالمىغانلار پۇلنى نەگە ئىئانە قىلدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز، سىزنىڭ قەلەم كۈچىڭىزگە بارىكاللا، مەسىلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز...
  بايا دېگەندەك، بۇ نەرسە توغرىمۇ، خاتامۇ ھازىر باھا بېرىش قىيىن...  چۈنكى، بىر نەرسە ھازىرقىدەك ئەسەبىي ھالدا تارقىتىلىۋاتقاندا ئۇنى توسۇش خۇددى ياچىۋەكنىڭ ھارۋا توسقىنىغا ئوخشىتىلىپ، سىزگە ئوخشاش ئىلمىي مۇنازىرە قىلغۇچى، مەسىلىنى كۆپ تەرەپلىمە ئويلىغۇچى ئاسانلا خاتا چۈشۈنىلىدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 19:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:41
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى قائىدىسىدە ھەم سۇ قۇيىدۇ ، ھەم ئىئا ...

«مۇز چېلەك» نامىدىكى خەير ساخاۋەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تۈسىنى ئالغان ئويۇن شىنجاڭدا قىزغىن كەيپىياتتا تارقالماقتا. تالانتلىق ياش سېھىرگەر ئەنۋەر ئازات ئەلچىننىڭ رىقابەت ئېلان قىلىشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق ئىستېداتلىق ياش ئىجادىيەتچى ناخشىچىمىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپمۇ بۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇردى. ھەمدە مۇز سۈيىنى بېشىدىن قۇيۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ يۈز دوللار ئىئانە قىلدى. لېكىن بۇ ئويۇننى بەك كەڭ تۈردە داۋاملاشتۇرماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، ھېچكىمگە جەڭ ئېلان قىلمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 20:29:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېڭىزدا تاھارەت ئالساڭمۇ سۇنى ئىسراپ قىلما

ئوڭ قۇلۇڭ بەرگەننى سۇل قۇلۇڭ بىلمىسۇن دېگەن ئابزاسىلار ماڭا بۇ پائالىيەتكە نىسپەتەن ئېھتىياتچان پۇزىتسىيەدە بولۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپتۇ.

مەن تېما ئېگسنى قوللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش