ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4541 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئويۇن ئوينىغانلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىسىلەر دىگەننى ئىپادىلەپ بەرگەندەكلا تۇيغۇ بەردى ھازىر ماڭا . دىيارىمىزدىكى جەڭنى قوبۇل قىلغان چولپانلار ئاساسەن بۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ . لېكىن مۇشۇ كەمگىچە مۇشۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرماي ساخاۋەت ئورگانلىرىغا پۇل ئىئانە قىلغانلارنى ئۇچۇراتمىدۇق . خۇددى تېمىدا ئېيتىلغاندەك بۇ پائالىيەت دىيارىمىزغا كىرگەندىن كېيىن ئەسلى ماھىيتىنى يوقۇتۇپ بىر خىل ئويۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭا مېنىڭ تەكلىۋىم بۇ ئويۇننى ئوينىماقچى بولغانلار ساخاۋەت ئىشلىرىدىن ئېغىز ئاچماي بۇنى بىر مەيدان ئويۇن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ مېڭىڭلار . ياق بىز ساخاۋەتنى ئاساس قىلىمىز دىگۈچىلەر بولسا ئەڭ ياخشسى بىرەر يەرگە پۇل ئىئانە قىلماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى بۇنداق كۆز كۆز قىلىدىغان ناچار ئىشنى قىلماڭ . چۈنكى دىنىمىزدا خەيرى ئېھسان قىلغاندا ئامال بار ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىل دىگەن ئەمەل بار . بۇ ئويۇننى ئويۇن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماي ئۆزىنى كۆرسىتىش مەيدانى قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . ئوقەت قىلىۋاتقانلار ، مۇئاش ئېلىۋاتقانلار ئىشقىلىپ ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتقانلار ھەر ئايلىق كىرىمىڭلارنىڭ پىرسەنتىنى ئەتىراپىڭلاردىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا بىرىڭلار ، يىتىم يىسىرلارنى يۆلەڭلار .... ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىڭلار . مانا مۇشۇ ھەقىقىي خەيرى - ئېھسان . بۇنداق ھەقىقىي خەيرى ئېھساننى داۋاملاشتۇرىسىڭىز سىزنىڭ ئالاھىدە سۈرەتكە چۈشۈپ جېنىڭىزنى قېيناپ مەرتلىكىڭىزنى كۆز كۆز قىلىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايدۇ. |
|