elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1576|ئىنكاس: 78

‹‹مۇز سۈيى قۇيۇش پائالىيىتى›› گە قاتنىشامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇستاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-22 15:02  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، چوڭ-كىچىك ھەممىڭلار  ئامان-ئىسەن تۇرۇشقانسىلەر! ئۇسساپ قالمىغانسىلەر؟
يېقىندا چەت بىر زىمىندا مۇز تۇڭ پائالىيىتى دەپ بىر پائالىيەت پەيدا بولدى. پەيدا بولدىيۇ پوققا چۈشكەن قۇرۇتتەك ھەممە يەرگە يامراپ كەتتى. مىنىڭ چۈشۈنۈشۈمچە بۇ ئۇيۇننىڭ قائىدىسى- بىر ئادەم مۇز سۈيىنى  بېشىدىن قۇيۇپ، ئاندىن يېقىن بىلگەن ئادىمىگە جەڭ ئىلان قىلىدىكەن. جەڭ مەكتۇپىنى قۇبۇل قىلغۇچى 24 سائەت ئىچىدە، مۇز سۈيى تەييارلاپ يەنە ئۆزىنىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇدىكەن. ئەگەر مۇز سۈيى قۇيۇشنى خالىمىسا ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ۋەزىپىنى ئاتا قىلمىسا خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا 100 دوللار پۇل ئىئانە قىلىدىكەن.



مەن ئۇيۇننىڭ قائىدىسىنى مۇشۇنداق چۈشەندىم. بۇ ئۇيۇن قارىماققا دۇنيانى مىھرى-مۇھەببەتكە تولدۇرۇپ، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى بۇلۇڭ پوچقاقلاردا قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بىرىش مەقسىتىگە يىتىلىدىكەن. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بۇ ئۇيۇن ياخشىدەك، پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپتەك بىلىنىدىكەن.
ھەممىمىز كۈرۈپ تۇرۇپتىمىزكى جەڭنامىنى قۇبۇل قىلغان كىشى دەرھال توڭ ئىسكىلاتىغا قاتراپ ياكى ئۈيىدىكى توڭلاتقۇنى مەجبۇرى توڭلىتىپ سۇ تەييارلاپ سۇنى بېشىدىن قۇيىۋاتىدۇ.
قېنى قايسىڭلار بىرىنىڭ  بېشىغا سۇ قۇيماي شۇ ئۆلچەم قىلغان پۇلنى خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلغانلىقىنى كۈرۈپ باقتىڭلار. مەن ئاڭلىمىدىم. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا نەچچىلىك پۇل ئىئانە قىلىنغاندۇ.
قېرىنداشلىرىم تىمىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلدىڭلا، يەنە ئازراق سەۋىر قىلىپ تۈۋەندىكى رەسىملەرنى كۈرۈپ بېقىڭلار.

u=2467367702,1838010833&fm=23&gp=0.jpg

res05_attpic_big.jpg

img641576_1.jpg

res04_attpic_brief.jpg

u=3671718528,1078730751&fm=23&gp=0.jpg

ھەممىمىزنىڭ ئۈيىدە تۇربا سۈيى بار، يېزىلاردا بولسا ئېقىپ تۇرۇدىغان ئۆستەڭلىرىمىز بار. تېخى يۇقاردىكى رەسىمدىكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق.
رەسىمنى ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئوبدان كۈرۈپ چىقايلى، ۋىجدان ئىگىسى بولساق شۇ رەسىمنى كۆرگەندە بۇرۇن بىھۇدە تۈكۈۋەتكەن سۇ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپمۇ قالىمىز.
لىكىن ھازىر تىمىدا دىيىلگەن بۇ ئۇيۇن ئارقىلىق نەچچىلىك سۇ ئىسراپ بوپ كىتىۋاتىدۇ. بىر ئادەم 10 لىتىر سۇ ئىشلىتىپ بۇ ئاتالمىش ئۇيۇننى تۈگەتتى دىسەك، ھازىرغىچە قاتناشقان ئادەم قانچە؟ ئىسراپ بولغان سۇ نەچچىلىك؟
يا بۇ ئۇيۇندا يۇندا سۈيىنى توڭلىتىپ قۇيامدىكەن بېشىغا؟ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ھەممىسى ئىچىشكە بولىدىغان پاكىز ھەم تاتلىق سۇ.
ئاشۇ سۇلارنى ، ئاشۇ سۇ يىتىشمەي لاي سۇ، يۇندا سۇ ئىچىۋاتقانلارنىڭ قۇلىغا تەگسە ئولار  نىم بوپ كىتەر؟ ئاشۇ تۈكۈلگەن سۇ، ئاشۇ قاغجىراپ كەتكەن تۇپراققا تۈكۈلسە، شۇ تۇپراق نىم بوپ كىتەر؟ ئويلىنىپ باقايلى قېرىنداشلىرىم.

مىنىڭ بۇ ئۇيۇننىڭ ئەھمىيىتىدىن ھىس قىلغانلىرىم تۈۋەندىكىچە:
1. تاتلىق سۇنى ئىسراپ قىلىش.
2. سۇ توڭلىتىش ئۈچۈن بىھۇدە توك ئىشلىتىپ، ئىنىرگىيە مەنبەسىنى خۇرۇتۇش.
3. سو توڭلىتىش جەريانىدا توڭلاتقۇ ئارقىلىق ھاۋاغا كىرەكسىز گاز قۇيۇپ بىرىش.

بۇ ئۇيۇننى ئوينىماقچى بولغان ھەم ئويناۋاتقان دوسلار ياخشىراق ئويلىنىپ كۈرۈڭلار. ئاشۇ تۈكۈۋەتكەن سۇنىڭ پۇلى، توكنىڭ پۇلىنى (10 يۈەنگە يەتمىسىمۇ) شۇ پۇلغا ئىھتىياجلىق كىشىگە بىرىڭلار. ئىسلامدىمۇ ئىسراپخورلۇق ئېغىر گۇناھ. قېرىنداشلىرىم ياخشىراق ئويلىنىپ كۈرۈڭلار.
كەلگۈسىدە بىز ياكى ئەۋلاتلىرىمىز بايىقى رەسىمدىكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمايلى!!!

مىنىڭ گىپىم مۇشۇ، قانداق قىلىش ئۈزۈڭلارنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. ئامان بولۇڭلار!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلى قائىدىسىدە ھەم سۇ قۇيىدۇ ، ھەم ئىئانە قىلىدۇ.  دىيارىمىزغا كىرگەندىن كېيىن سۇقۇيۇش ئاساس بولۇپ قۇيالمىغانلار ئىئانە قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
مەن تۆنۈگۈندىن بېرى بۇ پائالىيەت توغرىسىدىكى مۇنازىرلەرنى تولا كۆرۈپ كەتتىم.  بىر چېلەك مۇز سۈيىنى بېشىدىن قۇيغانغا ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق ،قۇرغاقچىلىق بولىۋاتقان جايلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ مەخسۇس تېما يېزىپ بۇنى ئەيىبلەشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىدى. بىلگەنلىرىمدىن ، مۆمىنجان ئابلىكىم. ئابدۇللا ئابدۇرېھىملار ئىئانە قىلىشماقچى بولغان... مۇشۇ پائالىيەت ئەۋىج ئالغاندىن كېيىن خوتەن دىيارىدا 15 مىڭ يۈئەندەك پۇل ئىئانە توپلانغانلىقىنىمۇ غىل-پال ئاڭلاپ قالدىم.  مۇشۇ پائالىيەتنى ئورۇندىغانلاردىن شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ بىر گېپى ناھايىتى توغرا، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكىلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا نەزەر سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن ئۆز پىسخىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش....  مېنىڭغۇ دىنىي بىلىمىم ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس، لېكىن پائالىيەت جەريانىنى دىنىمىزغا خىلاپ دەپ قارىمىدىمغۇ، پەقەت ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاشكارە قىلىشقا دەۋەت قىلغانلا يېرى بار ئىكەن. .. ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە خەق ھاجەتخانىغا كىرسە قەغەزنىڭ ئورنىغا 5 موچەنلىك پۇلنى ئىشلىتىۋەتسە ئىشلىتىۋېتىدۇكى ، ساخاۋەت ئىشلىرىنى تىللاپ تۇرۇپ ، زورلاپ ، داۋراڭ قىلىپ تۇرۇپ مەجبۇرى قىلغۇزمىسا پۇللىرى سېسىپ كەتسىمۇ بىرە موچەن بېرىپ قويىدىغانلار يوق...

ماڭا تۆنۈگۈندىن ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن ماۋۇ گەپلەر خېلى يارىدى:

ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇلىدىغان ، سۆزلىمەيدىغان جايدا قۇشقاش تىللىرى ئىچىلىپ كىتىدىغان ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغداشنى قوللاشنى قاچانمۇ ئۈگىنەرمىز ،  بىر ئىش چىقسىلا قۇسۇر تاپىمىز ، ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى باھانە قىلىشلىرىمىز بار ، خەلىقئارادا ھەممىنىڭ،  جۈملىدىن تەرەققى قىلغان ئىلغار كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن خەيرى ساخاۋەتنى ئاساس قىلغان جامائەت پاراۋانلىق ئويىنى «مۈز چىلەك» ئۇيىنىنىمۇ بىرنىمىلەرنى دەپ باقتۇق ، ھىلىمۇ ساخاۋەتنىڭ گىپى باركەن بوممىسا نىمىلەرنى دەپ كىتەر بولغىيىتۇق ، چىلەك چىلەك سۇلار كۆچىلارغا چىچىلدى ،گەپ يوق ، ئەۋرەز يوللىرىغا قۇيۇلدى گەپ يوق ، كۆچىلارغا ئىقىپ كەتتى گەپ يوق ، ئەمدى بىر پالىيەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن بىشىدىن قۇيۇپ قويسا ئىسراپخۇر سانالدى ، بىر چىلەك سۇ ئىسراپ بولدى شۇنىڭ بىلەن ئافرىقىدىكى بىر تامچە سۇغا تەشنا بولغانلارنى ئىسىمىزگە ئىلىشتۇق ئۆزىمىزچە ، بىز مىڭ چىلەك سۇنى ئايىساقمۇ ئافرىقىدىكىلەرگە بىر تامچىمۇ بىرەلمەيمىز ، چۈنكى تەقدىر شۇنداق يارالغان ، خەلقىمىزدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ، بارىدا قەدىرلىمىگەن نەرسىنىڭ كىيىن خارلىقى كىلىشتىن قۇرقۇش ، ئىددىيى بار ،لىكىن بىزنىڭ بۈنچە سەزگۈرلۇك قىلىپ كىتىشىمىز ھاجەتسىز ، ھىچكىم بىكاردىنلا بىرچىلەك سۇنى يەرگە تۆكىۋەتكىنى يوق ، مىنىڭچە بۇ پەقەت بىر بىرىگە جەڭ ئىلان قىلىش ئەمەس ، ئۆز ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى خەق نىمە دەپ قالار ئىددىيىسىگە جەڭ ئىلان قىلىش ، نۇرمال شارائىتتا ببىشىدىن سۇ قۇيغان ئادەمنى كۆپىنچىمىز ماۋۇ ساراڭكەن دەپ ئويلايمىز ، لىكىن پۈتۈن دۇنيا بۇ «ساراڭ»لىققا جەڭ ئىلان قىلدى ،كۆپلىگەن داڭلىق كىشىلەر «ساراڭ» بولدى ،ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز پىسخىكىسىنى يەڭدى ، خەى قىلاممايدىغۇ دىگەن ئىشنى قىلدى ، مىنىڭچە بۇ ئويۇن بىز ئۇيغۇرلاردەك نوچىلىققا ئىنتىلىدىغان ، سەندىن مەن قالغۇچە دەپ ياشايدىغان چىدىغانغا چىقاغان جاھان ،چىدىساڭ ياشا دىيەلەيدىغان  قەۋىمگە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ، بىلگەيتىس ،بوش ،رونالدۇلار بىشىدىن قۇيغان بىرچىلەك سۇنى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ، نىجات ۋەلى ياقۇپ، ئابدۇۋەلى ئابلەت ۋە بارىلار قۇيسا يامانمۇ بولوپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئۆزىنى يىڭەلەيدىغان نوچىلار بىشىدىن سۇنى قۇيىۋىتىپ ساخاۋەت ئۈچۈنمۇ پۇل ئىئانە قىلسۇن ،ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يوقلار پۇلى ئارقىلىق ساخاۋەت قىلسۇن ، بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلىدىغانلار سۇ قۇيۇش ئارقىلىق باشقا دوسلىرىنى ساخاۋەتكە چاقىرسۇن ،      خەيرە ئىھسان داۋاملاشسۇن ،
   -جۇنۇن  ....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +57 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 50 قوللاش!
زەرەپشان + 7 + 1 نوچى گەپ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-22 15:30  
سۇيارېز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 15:18
مەسىلەن ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ پۇل يىغىلدى دەيلى ھە . ش ...


باشلىقنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ شۇڭا ئىئانە قىلماي يۈرۈيدىكەنسىزدە؟ (چاق چاق ھە) ئەمدى بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدە ئادەمنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ئىشەنچلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرسىڭىز كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ، بىلىپ خەير ساخاۋەت ئىشلىرى جەمئىيىتى، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى، ئىزدىنىش تورىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر سوم پىلانىغا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
يەھۇدى ،ناسارانى دورىمىساقمۇ ئەمەس ياخشى ئىشلا بولسا دورىغۇلۇق، زاكاتنى بەرسەملا بولدى دەپ توختاپ قالماسلىق كېرەك.

ھەممە ئىشلارنى يەھۇدى، ناسارالارغا باغلىۋالمايلى، شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى شۇ يەھۇدى ناسارلار ئىشلىگەن كومپىيوتېردا، يانفۇندا، توردا مۇشۇ مۇنبەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +22 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 22 ياخشى گەپ!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:52:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى باشقا كىشىلەرنى دورىغۇچە ئاستا ئويدىكى مۇنچىغا چۈشكەن ياخشى ، بۇ ئۆزى نىمە قىلىق
مۇزنى قۇيىۋىرىپ مىڭەڭلار ئۈششۈپ ساراڭ بوپ يەكەن بىھىشباغقا كەتمەڭلار .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Putbolqak يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:09
ئەمدى بىز بىلمىگەن نۇرغۇنلار ئىئانە قىلغان بۇلۇشى مۇم ...

توغرىمۇ، خاتامۇ ھازىر يەكۈن چىقىرىش بالدۇر...
   بۇ ئىشقا مېنىڭ يەكۈنۈم: 1. خەلقىمىزنىڭ توردىن پايدىلىنىش، خەلقئارا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش سەۋىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىپتۇ. مەيلى دىنىي بىلىم ياكى پەننىي بىلىم، ۋە ياكى مۇز چېلەك، گاڭنام ئۇسسۇلى دېگەندەك... مايكول جېكسوننى خەلقئارادىن  10 نەچچە يىل كېيىن چولپان تونۇپتىكەنمىز...
   2. بىر مەسىلىنى ھەر تەرەپلىك ئويلاش ئىقتىدارىمىزمۇ ئېشىپتۇ. ئۇستازنىڭ دېگىنىنى توغرا دەيلى، خاتا دەيلى لېكىن ئۇنىڭ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرۈپ يەتكىنى خاتا ئەمەس، تەرەققىيات دېگەن مۇشۇنداق بارىلىققا كەلگەن.
  3. ئىنكاسنى پۇتبولچاقنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يېزىشىم، ئۇنىڭ "  مۇز توڭلىتىش ئۈچۈن ھەرگىز توك ئىسراپ قىلمايمىز چۈنكى شۇ مۇز نى توڭلاتمىساقمۇ توڭلاتقۇ ھەرگىز توكتىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ يەنە شۇ توك كىتىۋىرىدۇ
ئەمدى سۇ مەسىلىسىگە كەلسەك ئاددىسى ماشىنىمىز نى يۇيۇشقىمۇ نەچچە چىلەك سۇ كىتىدۇ  بۇ ئىشقا بىرچىلەك سۇ كىتىدۇ بۇ ئىشنى بىز تۈزەپ بولاممايمىز
بۇ بىرچىلەك سۇنى قۇرغاقچىلىق بولغان يەرگە تېخى ئاپىرىپ بولاممايمىز" دېگەن گېپىگە ھەم كۈلگىنىم ھەم قايىل  بولغانلىقىمدىندۇر. يەنى، بىر مەسىلىنى ئاجايىپ ئويلىغىلى بولىدىكەن. بۇمۇ توردىن توغرا پايدىلانغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى.
   پۇتبولچاق، تەسەۋۋۇرىڭىزغا ئاپىرىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 18:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز، سىزنىڭ قەلەم كۈچىڭىزگە بارىكاللا، مەسىلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز...
  بايا دېگەندەك، بۇ نەرسە توغرىمۇ، خاتامۇ ھازىر باھا بېرىش قىيىن...  چۈنكى، بىر نەرسە ھازىرقىدەك ئەسەبىي ھالدا تارقىتىلىۋاتقاندا ئۇنى توسۇش خۇددى ياچىۋەكنىڭ ھارۋا توسقىنىغا ئوخشىتىلىپ، سىزگە ئوخشاش ئىلمىي مۇنازىرە قىلغۇچى، مەسىلىنى كۆپ تەرەپلىمە ئويلىغۇچى ئاسانلا خاتا چۈشۈنىلىدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 17:21:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
luca يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 16:03
ئاجايىپ خەلىقكەنمىز توۋا، سۆزلەيدىغان جايدا تىلى تۇتۇ ...

قانۇنسىز زاۋۇتلاردا ئىسراپ بولىۋاتقان سۇلارچۇ، قۇرۇپ كىتىپ بارغان ئىلى دەرياسى ،،،،بېرىپ شۇلارنى يازا ئۇكام نەدە ياخشى ئىشنى تەتۇرگە بۇرىماي...نىمانچە ھەي بولدىلا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزنى سۇغا سېلىپ سۇنى سوۋىتىپ بېشىغا قويۇش بىكاردىن بىكار چىقارغان ئىش ئەمەس، بەلكى مۇسكۇل يىگىلەش كىسلىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئازابىنى تارتىپ بېقىش( بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار نورمال تىمپىراتۇردىمۇ توڭارمىش).
سۇنى ئىسراپ قىلمايلى دىسە ئېتىزلىققا، دەل -دەرەخلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ قۇيسا بولىدۇ.
دىيارىمىزغا ئادەم ئەمدىلا يىتىپ كەلدى، كۆپرەك ئادەمگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇڭا ھەممەيلەن ئويۇندىن ئۆزىنى قاچۇرمايۋاتىدۇ.
شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە چىمبۇلاق تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنى تەكلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئالغان نىجات ۋەلى ياقۇپمۇ دەپ ئۆتتى، مىنىڭ بۇنى داۋاملاشتۇرشىم پۇلدىن قاچقىنىم ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قاتناشتۇرۇش، ئىئانە پۇلنى چوقۇم بىرىمەن دەپ.
ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرپىمۇ يامان تەرپىمۇ بار، گەپ بىزنىڭ قايسى تەرپىنى كۆرىشىمىزدە.
مۇشۇ ئىش باشلانغاندىن بېرى ئامرىكىدا يىغىلغان ئىئانە 30 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 16:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويۇن ئوينىغانلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىسىلەر دىگەننى ئىپادىلەپ بەرگەندەكلا تۇيغۇ بەردى ھازىر ماڭا . دىيارىمىزدىكى جەڭنى قوبۇل قىلغان چولپانلار ئاساسەن بۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ . لېكىن مۇشۇ كەمگىچە مۇشۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرماي ساخاۋەت ئورگانلىرىغا پۇل ئىئانە قىلغانلارنى ئۇچۇراتمىدۇق . خۇددى تېمىدا ئېيتىلغاندەك بۇ پائالىيەت دىيارىمىزغا كىرگەندىن كېيىن ئەسلى ماھىيتىنى يوقۇتۇپ بىر خىل ئويۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭا مېنىڭ تەكلىۋىم بۇ ئويۇننى ئوينىماقچى بولغانلار ساخاۋەت ئىشلىرىدىن ئېغىز ئاچماي بۇنى بىر مەيدان ئويۇن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ مېڭىڭلار . ياق بىز ساخاۋەتنى ئاساس قىلىمىز دىگۈچىلەر بولسا ئەڭ ياخشسى بىرەر يەرگە پۇل ئىئانە قىلماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى بۇنداق كۆز كۆز قىلىدىغان ناچار ئىشنى قىلماڭ . چۈنكى دىنىمىزدا خەيرى ئېھسان قىلغاندا ئامال بار ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىل دىگەن ئەمەل بار . بۇ ئويۇننى ئويۇن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماي ئۆزىنى كۆرسىتىش مەيدانى قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق .  ئوقەت قىلىۋاتقانلار ، مۇئاش ئېلىۋاتقانلار ئىشقىلىپ ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتقانلار ھەر ئايلىق كىرىمىڭلارنىڭ پىرسەنتىنى ئەتىراپىڭلاردىكى ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا بىرىڭلار ، يىتىم يىسىرلارنى يۆلەڭلار .... ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىڭلار . مانا مۇشۇ ھەقىقىي خەيرى - ئېھسان . بۇنداق ھەقىقىي خەيرى ئېھساننى داۋاملاشتۇرىسىڭىز سىزنىڭ ئالاھىدە سۈرەتكە چۈشۈپ جېنىڭىزنى قېيناپ مەرتلىكىڭىزنى كۆز كۆز قىلىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىزدەكلا ئويلىدىم ، ياخشى تېما ! ئىئانە قىلغاننى مەن بۇ فىلىمدىن كۆردۈم ، بېيجىڭ خۇايۈەن ئۆي- مۈلۈك شېركىتىنىڭ لېدىرى رىن جىچاڭ نەق مەيداندا مۇز سۈيى پائالىيىتىننى تاماملىدى ھەم پۇل ئىئانە قىلدى لېكىن ئۇ ھېچكىمگە جەڭ ئېلان قىلمىدى . فىلىم مانا :
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىمز پەرۋەرنى ساقلاپ قالدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-22 14:51:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 14:50
ھەمىمىمز پەرۋەرنى ساقلاپ قالدۇق

توۋا تىمىنى ئۇقۇپمۇ باقمىدىڭىزما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئۇيۇنمۇ شىنجاڭغا كېرىپ بولدى...
  تازا خۇشام  يوق بىكارچىلىقتا قالغان بىكارچىلار بىلەن !。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 14:51
توۋا تىمىنى ئۇقۇپمۇ باقمىدىڭىزما؟

تېمىنى ئوقۇدۇم . ئوخشاش قاراشتىكىلەرمۇبار ئوخشىمايدىغان قاراشتىكىلەرمۇباردە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ دىگەنلىرىنى ئويلۇنۇپ بىقىشمىز لازىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 14:58:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىشىنى قىلىشىتىن ئاۋال ئۇنىڭ ئەھىمىيتىنى ئويلىشىشمىز لازىم .
ئەگەر يۇقارقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى بار دىيىلسە ، نەدە ؟ قايسى ئۇسۇلدا ؟
بۇنى ھازىرچە ھىچكىم بىلمەيدۇ ، قارغۇلارچە دوراش بىزدىكى ئەڭ چوڭ نادانلىق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:12:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 14:58
بىر ئىشىنى قىلىشىتىن ئاۋال ئۇنىڭ ئەھىمىيتىنى ئويلىشىش ...

بىلمەي قارىغۇلارچە دوراۋاتقان ئىش ئەمەس، خەنچە سەۋىيەڭلەرمۇ خېلى بار، توردىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 15:11
مۇزنى سۇغا سېلىپ سۇنى سوۋىتىپ بېشىغا قويۇش بىكاردىن بى ...

مەسىلەن ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ پۇل يىغىلدى دەيلى ھە . شۇ پۇللارنىڭ نەچچىلىكى باشلىقنىڭ يانچۇقىغا . نەچچىلىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا تىگەر  . ياخشى ئىش قىلىمىز دەپ پۇل ئىئانە قىلدىغان ئىشىڭلار بولسا ئاللاھ كۆرسەتكەن  5 پەزىرنىڭ ئىچىدە بارغۇ زاكات دەپ . يەھۇدى ،ناسارانى دورىمىساقمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-22 15:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئەتخۇمار خەلق بولغاچقىمىزمىكىن ئالدىنقى يىللاردا گاڭنام سىتايلنى دوراش ئەۋج ئېلىپ كەتسە خۇشھال بولۇپ يۈردۇق، ئەمدى بۇ ئىشقا كەلگەندە پائالىيەتنىڭ مەخسىدىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا يەڭنى تۈرۈپ ئوتتۇرىغا چۈشكەن گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش